0:00 / 0:00
4-ئاينىڭ 29-كۈنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى ئوسمان باتۇرنىڭ شېھىت بولغانلىقىنىڭ 55 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەتبۇئات باياننامىسى ئېلان قىلدى. باياناتتا ئوسمان باتۇرنىڭ ھاياتى، خىتاي ۋە رۇسلارغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىگە يەر بېرىلگەن.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللا ئەپەندىگۈل ئەپەندى، مۇخپىرلارغا بەرگەن باياناتىنى مۇنداق تاماملىدى: "قازاقلار ۋە ئۇيغۇرلار ئوسمان باتۇرنى ئەسلا ئۇنتۇمىدى ۋە ئۇنتۇمايدۇ. سەن بىزگە رۇھ ۋە غۇرۇر بېغىشلىدىڭ، ئەركىنلىك ئىشقىنى سەن بىزگە ئۆگەتتىڭ. ئەي، ئۇلۇغ قەھرىمان سېنىڭ يولۇڭدا ئەركىنلىك كۈرىشىمىزنى داۋام قىلىمىز. سېنىڭ ياتقان يېرىڭ جەننەت بولسۇن.