سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق يېڭى مۇستەقىل دۆلەتلەر ئۆز تارىخىي شەخسلىرىگە قايتىدىن باھا بېرىشكە، تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھۆرمىتىنى تىكلەشكە كىرىشكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن دۈشمەن دەپ بېكىتىلگەن تارىخىي شەخسلەر بۈگۈنكى كۈندە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانلىرى ۋە ئىجابىي شەخسلىرى دەپ قارىلىش بىلەن ئۇلارغا خاتىرە ھەيكەللىرى ئورنىتىلدى.
قازاقلار ئوسماننى قەھرىمان دەپ قارايدۇ
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تارىخىدا مەشھۇر بولۇپ تونۇلغان تارىخىي شەخسلەرنىڭ بىرى ئالتاي قازاقلىرىدىن چىققان ئوسمان ئىسلامدۇر.
ئوسمان ئادەتتە خىتاي تارىخلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرىدا "ئوسمان باندىت" دەپ ئاتىلىدۇ، ئەمما بىر قىسىم چەت ئەل تارىخچىلىرى، مەسىلەن ئامېرىكا تارىخشۇناسى لىندا بېنسون قاتارلىقلار ئۇنى قازاقلارنىڭ مىللىي قەھرىمانى دەپ قاراپ، " ئوسمان باتۇر" دەپ تەرىپلەيدۇ. چەت ئەللەردە ياشايدىغان بولۇپمۇ، تۈركىيىگە يەرلەشكەن ئەينى ۋاقىتتا ئوسمانغا ئەگىشىپ، شېڭ شىسەيگە، گومىنداڭغا , ئۇنىڭدىن كېيىن كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى قوراللىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان قازاقلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئوسمان ئىسلامغا "شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ قەھرىمانى"،" باتۇرى" دەپ يۇقىرى باھا بېرىدۇ.
تۈركىيە قازاقلىرى ئارىسىدىن چىققان قىزىربەگ قاتارلىق بىر قىسىم زىيالىيلار ئوسمان ھەققىدە مەخسۇس كىتابلارنىمۇ يېزىپ، ئۇنىڭ قازاقلارنىڭ قەھرىمانى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى.
نۆۋەتتە، قازاقىستاندا ئوسمان ئىسلامنى بىر پۈتۈن قازاق خەلقىنىڭ مىللىي قەھرىمانلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش، ئۇنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر ئېقىملىرى ئۈستۈنلۈكلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، قازاقىستان مىللەتپەرۋەرلىرى ئۇنى پەقەت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى قازاقلارنىلا ئازاد قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان شەخس دەپ قارىماستىن بەلكى بىر پۈتۈن قازاق خەلقىنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ئازادلىق كۈرىشىنىڭ باتۇرى دەپ ئېتىراپ قىلغان .
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى ستۇدېنتلار سارىيىدا ئوسمان ئىسلام نامىغا بېغىشلانغان "ئازادلىق ئۈچۈن جان پىدا" دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ئاقىنلارنىڭ ئۆلەڭ ئېيتىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن. مۇراسىمدا ئوسماننىڭ ھايات مۇساپىلىرى، ئېلىپ بارغان جەڭلىرى، ئاخىرقى پاجىئەسى ۋە باشقا ۋەقەلەر ئەسلىنىپ ئۆتۈلگەن .
ئوسمان قازاقلارنى ئازاد قىلىشنى مەقسەت قىلغان
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاق ژۇرنالىستى ئالىيە قىزىلقۇلوۋا ئالماتادا چىقىدىغان "دۈشەنبىگىچە " دەپ ئاتالغان گېزىتتە "ئوسمان باتۇرنىڭ ئېتىلىشى" ماۋزۇسىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئوسماننىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللاردا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان ھەمدە ئۇنىڭ قازاق خەلقىنىڭ قەدىمىي قەھرىمانلىرىنىڭ ئىزباسارى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، " مەزكۇر ئاجايىپ ئىنسان ئەمەلىيەتتە، بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە مۇستەبىت ئىمپەرىيىلەرگە قارشى باتۇرلارچە ئاتلىنىپ، ئاخىرى ئۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، ئۇ غەلىبە قىلالماي قالدى.
ئوسمان ئازاد شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشتى ھەمدە خۇددى كېنېسەر خانغا ئوخشاش قازاق خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەرنىڭ قۇربانى بولدى، مانا ئەمدى قازاقىستان ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندا بىز تارىخىمىزنىڭ ئىلگىرى ئېيتالمىغان بوشلۇقلىرىنى ئاستا-ئاستا تولدۇرۇۋاتىمىز، بىز ئۇنتۇلۇپ كەتكەن قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ناملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى تىكلىشىمىز لازىم.." دەپ يازىدۇ.
ئاپتور 1937-1939-يىللىرىدا ئۆزىنى ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ داھىيسى دەپ ئاتىۋالغان ستالىننىڭ قازاقىستاندا قىزىل تېررورلۇق ئېلىپ بېرىپ، سانسىزلىغان قازاق مىللەتپەرۋەر زىيالىيلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى، ئۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە شېڭ شىسەيگە ياردەملىشىپ، شەرپخان قاتارلىق نۇرغۇن قازاق زىيالىيلىرى ۋە مىللەتپەرۋەر كىشىلىرىنى ئولتۇرگەنلىكى قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ ئوسمان ئىسلامدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا جۈملىدىن ستالىنغا نىسبەتەن قارشىلىق ئىدىيىلىرىنى پەيدا قىلغانلىقى شۇنداقلا بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئۇنىڭ قازاق خەلقىنى ئازاد قىلىش غايىسىنىڭ كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە , نەتىجىدە، ئوسمان 1939-1940-يىللىرى ئالتايدا شېڭ شىسەيگە قارشى كۈرەشكە ئاتلانغان، 1941-يىلى, شېڭ شىسەي ستالىندىن يۈز ئۆرىگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى دەرھال ئوسمانغا ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەن .
موسكۋا ئوسمانغا ياردەم بەردى
قازاق ژۇرنالىستى ئالىيە قىزىل قۇلوۋانىڭ ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە تارىخىي مەنبەلەردىن مىسال كەلتۈرۈشىچە، 1943-يىلى 5-ئۆكتەبىردە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى يىغىن چاقىرىپ، ئوسمان ئىسلامغا ۋەكىل ئەۋەتىشنى قارار قىلغان.
پاخوموف باشلىغان 40 كىشىلىك مەزكۇر موسكۋا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوسمان باتۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن رەسمىي سۆھبەتلەشكەن ھەمدە بۇ ئۇچرىشىشنى مەخپىي تۇتۇشقا پۈتۈشكەن.
كېلىشىم بويىچە موسكۋا قوزغىلاڭچىلارغا ھەربىي ياردەم بېرىشكە كىرىشكەن بولۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە 10 ماۋزۇر، ئاپتومات ھەم نەچچە مىڭ پاي ئوق قاتارلىق قورال ياراقلار بىۋاسىتە ئوسماننىڭ قولىغا بېرىلگەن. لېكىن، ئوسمان موسكۋانىڭ مەقسىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇلارغا قەرزدار بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن , جاۋاب سۈپىتىدە موسكۋا ۋەكىللىرىگە 38 ئات، 8 كالا ۋە 137 گرام ئالتۇن سوغا قىلغان. (ئۈمىدۋار)