ئىستانبۇلدا مىللى قەھرىمان ئوسمان باتۇرنى ئەسلەش يىغىنى ئېچىلدى

0:00 / 0:00
osmanbaturOghli-200.jpg
8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا قەھرىمان ئوسمان باتۇرنى ئەسلەش ناملىق يىغىن ئېچىلدى. ئوسمان باتۇرنىڭ نەۋرىسى سۆز قىلغان. photos are by Erkin Tarim / RFA

8-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا 21-ئەسىردە خىتايغا قارشى مۇجادىلە ئېلىپ بارغان مىللى قەھرىمان ئوسمان باتۇرنى ئەسلەش ناملىق يىغىن ئېچىلدى. بۇ يىغىننى شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا تۈركىيە - ياۋرۇپا پالامېنتەرلەر بىرلىكى باشلىقى، سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروف. در. نەۋزات يالچىنتاش قاتناشقان ۋە سۆز قىلغان. بۇلاردىن باشقا يىغىنغا يەنە ، زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر، قازاق كۆچمەنلەردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ياۋرۇ ‏- ئاسىيا ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى فېدىراتسيونى سېكرىتارى در. ئەھمەت تۈركۆز قىلغان بولۇپ، يىغىندا پروف. در. نەۋزات يالچىنتاش، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى باشلىىقى خىزىربەگ غەيرىتۇللاھ ، ئوسمان باتۇرنىڭ نەۋرىسى ئۆركەن نەبىيئوغلى قاتارلىقلار ئوسمان باتۇرنىڭ ھاياتى ۋە ئۇ ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار، شەرقىي تۈركستاننىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى تېمىلىرىدا سۆز قىلغان. بۇ يىغىن ئوسمان باتۇرنىڭ نەۋرىسى ئۆركەن نەبىيئوغلىنىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق كۆچمەنلەر بۇنىڭغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان.

بىز بۇ يىغىننىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات بېرىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مۇدىرى ھامۇت گۆكتۈرك ۋە يىغىندا سۆز قىلغان ياۋرۇ ‏- ئاسىيا ئاممىۋى تەشكىلاتلار فېدىراتسيونى سېكرىتارى در. ئەھمەت تۈركۆز ئەپەندىلەر بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

ياۋرۇ ‏- ئاسىيا ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىرلىكى سېكرىتارى در. ئەھمەت تۈركۆز ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوسمان باتۇر ئىسمىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:" 20-ئەسىردە خىتايغا قارشى ئەڭ بۈيۈك مۇجادىلە ئېلىپ بارغان قەھرىمانلاردىن بىرى ئوسمان باتۇردۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئوسمان باتۇرنىڭ ئىسمىدىن بۈگۈنمۇ قورقماقتا. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار تۈركىيىدىكى، ياۋروپادىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قازاقلارنى خىتاي ئەلچىلىكلىرىنىڭ ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش قىلمىسۇن، دەپ ئېسىل ئاشخانىلارغا چاقىرىپ مېھمان قىلماقتا.

ھەر يىلى 2-3 قازاقنىڭ پۈتۈن چىقىمىنى بېرىپ خىتايغا ئاپىرىپ ئايلاندۇرىۋاتىدۇ. يېقىندا ئالغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ يىل 20 نەپەر ئەتراپىدىكى قازاقنى خىتايغا ئاپىرىپ ئايلاندۇرغان. مەنچە بۇنىڭ سەۋەبى خىتاي 2008 - يىلى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قازاق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى يېپىشتىن ئىبارەت. مەنچە پۈتۈن دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوسمان باتۇرنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى ياش - ئۆسمۈرلەرگە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئارقىلىق بىزنىڭ ھەقلىق داۋايىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك." (ئەركىن تارىم)