ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئوسمان ئەلىخاننى قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى پاكىستان ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر سودىگەر ئوسمان ئەلىخاننى قولغا ئالغان بولۇپ، باش شتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئوسمان ئەلىخان خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلسە، ئۇمۇ بۇندىن بۇرۇن پاكىستاندا قولغا ئېلىنىپ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلگەن باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە ئوخشاشلا ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدىكەن.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى جىددى ھەرىكەتتە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سىيىتوف، ھازىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى پاكىستان دائىرىلىرى قولغا ئالغان مەزكۇر زاتنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باش شتابى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئەگەر ئوسمان ئەلىخان خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلسە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى بەك خەتەرلىك ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئوسمان ئەلىخان خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلسە ئۇنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ( خەلقئارا جەمئىيەت ئارىلاشقان شارائىتتا) مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن.

ئوسمان ئەلىخان قولغا ئېلىنغاندىن كىيىن ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ مەزكۇر زاتنى، خىتايغا قايتۇرۇلۇش گىردابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئوسمان ئەلىخاننىڭ ئەھۋالىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ئامېرىكىنى ئوز ئىچىگە ئالغان بەزى غەرب ئەل ھۆكۈمەتلىرىگە ئاڭلاتقان.

ئوسمان ئەلىخان ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشىنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى ئىدى

ئوسمان ئەلىخان ئەسلىدە تۈركىيىدە ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر سودىگەر بولۇپ، ئۇ، پاكىستان ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەج قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسى رەت قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ 2006- يىلى 8- ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىسلامئابادتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا ھەج ۋىزىسى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نارازىلىق نامايىشىنى تەشكىللىگۈچى كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۇمتۈركنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوسمان ئەلىخان ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئارىلاشمىغان زات بولۇپ، ئۇ تۈركىيىدىن پاكىستانغا تىجارەت بىلەن بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا ئېلىنغان.

سېيىت تۇمتۈرك يەنە، ئوسمان ئەلىخاننىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئوز خاتالىقىنى دەرھال تونۇپ ئوسمان ئەلىخاننى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوسمان ئەلىخاننىڭ دېلوسى 2003- يىلى پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىسمائىل سەمەتنىڭ دېلوسىغا ماھىيەت جەھەتتىن بىردەك. ئىسمائىل سەمەتكە خىتاي ھۆكۈمىتى 2005- يىلى ئۆكتەبىردە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان ۋە 2006- يىلى فېۋرالدا ئىجرا قىلغان ئىدى.

مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، جىسمانىي بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىغان دۆلەتلەرگە ئاتالمىش مەھبۇسلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ خەلقئارا قانۇندا چەكلەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئوسمان ئەلىخاننى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستان ساقچى دائىرىلىرىگە تاپشۇرغان قارا تىزىملىكتىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. (جۈمە)