ئۇيغۇر بالىلىرى 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا بالىلار ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى
2006.06.12

تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا 2 - نۆۋەتلىك خېل كارا بالىلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە، تەبىئىي ئاپەت، ئۇرۇش ۋە دىكتاتورلۇق تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى زۇلۇم تۈپەيلىدىن يېتىم قالغان بالىلار قاتناشتى. بۇ يىل 2 - سى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ئىئوردانىيە، پەلەستىن، ئىراق، سومالى، سۇدان، چېچەنىيە، بوسنىيە ۋە ئافغانىستان قاتارلىق 15 دۆلەتتىن 550 ئەتراپىدا بالا قاتناشتى.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىن بەتۇل سۇيدۇڭلى، ئاسەنا سۇيدۇڭلۇ ۋە ئاسلىنۇر تۇمتۈرك قاتارلىق 3 قىز ئۆسمۈر قاتناشتى. بەتۇل سۇيدۇڭلۇ "ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە؟" دېگەن شېئىرنى ئوقۇدى. شېئىرنىڭ ئاخىرىدا قولىدىكى ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، تۈركىيىنىڭ بۇ بايراقنى ئېسىشنى مەنئى قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ دەپ سەھنىدىن ئايرىلدى، بۇ سوزى ئونمىڭلارچە تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشلىشىغا سازاۋەر بولدى. بۇ ئۇچرىشىشتا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن بالىلار ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ دەردىنى، قېيىنچىلىقلىرىنى ئاڭلاتقان سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسەتتى ۋە شېئىرلار ئوقۇدى. بىز نەق مەيدانغا تېلېفون بىلەن باغلىنىپ تۇرۇپ زىيارەت ئېلىپ باردۇق.
بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى باشلىقى بۇلەنت يىلدىرىم ئەپەندى قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەبىئىي ئاپەت، ئۇرۇش ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ بېسىم سىياسىتى تۈپەيلىدىن يېتىم قالغان نۇرغۇن ياش-ئۆسمۈرلەر بار. بىز ئۇلارغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك. ئەگەر بۇ ياش ئۆسمۈرلەرگە ئىگە چىقمىسا، بۇ بالىلار ئورگان تىجارىتى، پاھىشىلىككە، چېكىشكە ئوخشاش يامان يوللارغا چۈشۈپ كېتىدۇ. بىز ئىنسانلارغا دۇنيادىكى يېتىم بالىلارنىڭ ۋە بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى بالىلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق. بۇگۈنكى بۇ پائالىيىتىمىزگە 10 مىڭ ئەتراپىدا كىشى قاتنىشىۋاتىدۇ، بۇ بىزنى تېخىمۇ سۆيۈندۈردى. بۇگۈنكى بۇ پائالىيىتىمىزنى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيىلىرى نەق مەيداندىن كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇگۈنكى پائالىيىتىمىزگە شەرقىي تۈركىستاندىن بوسنىيەگىچە بولغان كەڭ جۇغراپىيىدىن 15 ئەتراپىدا دۆلەتتىن كەلگەن بالىلار قاتناشماقتا. مەن تۈركىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى باشلىقى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئىنسانلىق ئالىمىنى دۇنيادىكى يېتىم بالىلارنى ئۇنۇتماسلىققا چاقىرىمەن.
بۇلەنت يىلدىرىم ئەپەندى ئۇيغۇر بالىلىرى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئۇزۇن يىللاردىن بەرى كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىۋاتقان بىر مەسىلىدۇر. ئۇزۇن يىللاردىن بەرى شەرقىي تۈركىستانلىق بالىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن دېيىشىۋاتىمىز ئەمما مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. بىز تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كىتابلار نەشىر قىلدۇردۇق، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىيىنىڭ كۇن تەرتىپىگە ئەكەلدۇق. تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرى بىلەن داۋاملىق ھالدا ئالاقە قۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىپ تۇرۇۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى بېرىشنى ئويلاۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى ئازايتىش ئۈچۈن تۈركىيىنىڭ شەرقىي تۇركىستانغا ئىگە چىقىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلاش كېرەك. بىزنىڭ بۇ پائالىيىتىمىزدە شەرقىي تۈركىستانلىق بالىلارغا يەر بېرىشىمىزدىكى سەۋەپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۇرك جامائەتچىكىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىشتىن ئىبارەت.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم يەنە خەلقئارا بالىلار ئۇچرىشىشىغا تېلېفون قىلىپ نەق مەيداندىن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان ھەيرۇللاھ ئەفەندىگىل بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردى.