ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 3 ئوت ئۆچۈرگۈچى ئۆلدى
2008.01.03

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى چارشەنبە كۈنى ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن سودا سارىيى - دېخۇي خەلقئارا سودا سارىيى بولۇپ، ئۈرۈمچى جەنوبىي پويىز ئىستانسىسىنىڭ قارشىسىدىكى 12 قەۋەتلىك مەزكۇر ساراي ئۈرۈمچىدىكى ۋېنجۇلۇقلارنىڭ مىلىچ ماللار، كىيىم - كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرىنى توپ تارقىتىش بازىرى ئىدى.
بەزى خەۋەرلەردە ئىككى پۇقرانىڭ چىقىم بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
ئوت ئاپىتىدە سودا سارىيى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان بولۇپ، ئوت سودا سارىيى بىلەن بىر بىنادىكى دېخۇي مېھمانخانىسى ۋە سودا ساراينىڭ يېنىدىكى ئۈرۈمچى مېھمانخانىسىغا تۇتاشقان. بىز ئەھۋالنى ئىگىلەش مەقسىتىدە دېخۇي مېھمانخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن مېھمانخانىنىڭ باش ئاپپاراتىدا تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. خەۋەرلەردە مېھمانخانىدىكى خىزمەتچى خادىملار ۋە يولۇچىلارنىڭ سالامەت تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوت ئاپىتى چارشەنبە كۈنى كەچ سائەت 8:00 لەردە تۇتاشقان بولۇپ، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر 20 سائەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش نەتىجىسىدە ئوتنى ئەتىسى سائەت 4:00 لەردە ئاران تىزگىنلىگەن. لېكىن بۇ جەرياندا 3 نەپەر ئۆت ئۆچۈرگۈچى خادىم ئۆلگەن.
يەنە بەزى خەۋەرلەردە ئىككى پۇقرانىڭ چىقىم بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىز ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋالنى ئىگىلەش ئۈچۈن سايباغ رايونىدىكى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ئالغان ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتىدىكى خادىم ۋەقەنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ بۇ ھەقتىكى سۇئالىمىزغا "ۋەقە توغرىسىدا مەخسۇس مەلۇمات بېرىش يىغىنى ئاچىمىز، ھازىرچە بۇ مەسىلىنى تىلغا ئېلىشقا بولمايدۇ. ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. ھازىرچە پۇقرالارنىڭ ئۆلگەنلىكى توغرىسىدا كونكرېت مەلۇمات كەلمىدى. بۇ ئىشلارنى سورىماڭ. تەپسىلىي ئەھۋاللار مەلۇمات بېرىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنىدۇ " دەپ جاۋاب بەردى.
ۋاڭ لېچۈەن ۋە نۇر بەكرى نەق مەيداندا يىتەكچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى بەرگەن بىر خەۋىرىدە ئوت تۇتاشقان يەرنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى، ئوت بىنانىڭ يەر ئاستى 1 - قەۋىتىدە باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوت كېتىش سەۋەبى توغرىسىدا يەنىلا بىر نېمە دېمىگەن. دېخۇي خەلقئارا سودا سارىيى بىر ۋېنجۇلۇقنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بىنا بولۇپ، ئۇ 380 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قۇرغان ئومۇمى كۆلىمى 100 مىڭ كۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى بۇ بىنا 2003 - يىلى تىجارەت باشلىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا توپ تارقىتىلىدىغان بالىلار كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ %95 نى، بالىلار ئاياغ كىيىمى ۋە بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنىڭ % 50 نى دېخۇي سودا سارىيى تارقىتاتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دائىرىلەر دېخۇي خەلقئارا سودا سارىيىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈشكە 63 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى، 236 ئوت ئۆچۈرگۈچى، 539 نەپەر ساقچى، 420 ژاندارمىنى سەپەرۋەر قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى مۇۋەققەت رەئىسى نۇر بەكرىلەر ئوت ئۆچۈرۈشكە نەق مەيداندا يىتەكچىلىك قىلدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقەدە ئۆلگەن 3 نەپەر ئوت ئۆچۈرگۈچى، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىدە پراكتىكا قىلىۋاتقان ئەسكەرلەر بولۇپ، يەنە بەزى خەۋەرلەردە ھازىرغا قەدەر 2 پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. دېخۇي سودا سارىيىنىڭ يېنىدىكى شياڭيۇ مېھمانخانىسىنىڭ بىر خادىمى مۇخبىرىمىزنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، " ئوت ئاپىتى بىزنىڭ تىجارىتىمىزگە بىر ئاز تەسىر قىلغاندەك قىلىدۇ. پۇقرالاردىن قانچىلىك ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيمەن. ھازىر ئەڭ ئۈستىدىكى 2 قەۋەتتە يەنە بىر ئاز ئوت كۆيۈۋاتىدۇ. لېكىن كۆپ ئەمەس. ئوت ئاساسەن ئۆچۈرۈۋېلىندى. مەن 2 ئوت ئۆچۈرگۈچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، لېكىن پۇقرالاردىن ئۆلگەن - ئۆلمىگەنلىكىنى بىلمەيمەن. ۋەقەنى تېلېۋىزورلاردا بېرىۋاتىدۇ. ئەمما ئوت كېتىش سەۋەبى ھەققىدە بىر نېمە دېمىدى. شۇڭا بىز ئوت كېتىش سەۋەبىنى بىلمەيمىز " دەپ كۆرسەتتى.
" ئۈرۈمچىدە سەندۇڭلۇقلار بىلەن ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بازار تالىشىش كۈرىشى ئۆتكۈر"
ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى سودا تارىخىنى ياخشى بىلىدىغان ئۈرۈمچىدىكى بىر سودىگەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋېنجۇلۇقلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كېلىپ سودا قىلىش تارىخىي 1880- يىللارغا قەدەر يەنى مەنچىڭ ئىشغالىيەتچى ئەمەلدارى زۇ زۇڭتاڭنىڭ قەشقەرىيە دۆلىتىگە تاجاۋۇز قىلىش دەۋرىگە قەدەر سوزۇلىدىكەن. خىتاينىڭ 1980 - يىللاردىكى ئىسلاھات دەۋرىدە قەد كۆتەرگەن ۋېنجۇلۇقلار ناھايىتى تېزلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سودا بازىرىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، 1990 - يىللارغا كەلگەندە ۋاڭ لېچۈەن ھىمايىسىدىكى سەندۇڭلۇقلارنىڭ ۋېنجۇلۇقلار بىلەن بازار تالىشىش كۈرىشى ئۆتكۈرلەشكەن. ئۈرۈمچىدىكى بۇ سودىگەر زات، "دېخۇي سودا سارىيىدىكى ئوت ئاپىتى ۋېنجۇلۇقلارغا ئېغىر زەربە بولدى" دەيدۇ.
كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مەزكۇر ئوت ئاپىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يەككە تىجارەتچىلەر بازىرىنىڭ 2 - قېتىم زور كۆلەملىك ئىقتىسادى تالاپەتكە ئۇچراش ۋەقەسىدۇر. 2002 - يىلى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىكى تور بازا سودا مەركىزىدە يۈز بەرگەن سەۋەبى ھازىرغا قەدەر نامەلۇم بىر ئوت ئاپىتىدە ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ پۈتۈن مېلى كۆيۈپ تۈگىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ زىيىنىغا ئەينى چاغدا ھېچكىم ئىگە بولمىدى. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىدە ۋېنجۇلۇقلارنىڭ زىيىنىنى كىمنىڭ تۆلەيدىغانلىقى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتىگە دىققەت قىلماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۇرپاندىكى نامايىش يەنە داۋاملاشماقتا
- ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرى تۇرپاندا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىنى يوشۇرماقتا
- تۇرپاندا، ئوت ئاپىتىدە زور زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئامما ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى
- ئۇچ تۇرپان ناھىيىسى ياركۆۋرۈك يېزىسىدىكى ئاپەتتە كۆپلىگەن دېھقانلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى
- 8 - دېكابىر قاراماي ئوت ئاپىتىدە قىزى قازاغا ئۇچرىغان بىر ئاتىنىڭ ئىنكاسى
- بىر خىتاي مۇخبىرى 8 - دېكابىر قاراماي ئوت ئاپىتىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى پاش قىلدى
- قارىماي ۋاقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئاشكارىلاندى
- ئۇيغۇر ئېلىدە 230 مىڭ ئادەم كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى
- ئۇيغۇر دېھقانلىرى مەجبۇرى ئۆرۈك تېرىپ زىيان تارتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا
- بېشكەكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنە سودا مەركىزى بۇلاڭ – تالاڭغا ئۇچرىدى