ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈپ چىققان مەسىلىلەر
2008.01.07
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دىخۇي خەلقئارا سودا مەركىزىگە ئوت كەتكەندىن كېيىن، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا، بۇ ئاپەتنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىلىق تۈرلۈك ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە دىققەتنى تارتىدىغىنى، ئۆزىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى دەپ تونۇشتۇرغان بىر نامسىز ئاپتورنىڭ يازغانلىرىدۇر. ئاپتور خېتىدە، بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى، خىيانەتچى ئەمەلدار بىلەن مەككار سودىگەرنىڭ شېرىكچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەدۇر دەپ پاش قىلغان.
دىخۇينىڭ دىرېكتورى ۋاڭلېچۇەننىڭ قۇدىسى
مەزكۇر خەتتە پاش قىلىنىشىچە، دىخۇي شىركىتىنىڭ دىرېكتورىنىڭ قىزى ۋاڭ لېچۈەننىڭ كېلىنى. دىخۇي گۇرۇھىنىڭ قەد كۆتۈرۈش سەۋەبى قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەتكە تايىنىپ تۇرۇپ دۆلەتنىڭ مۈلكىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش بىلەن باشلانغان. بۇ گۇرۇھ،دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىنجاڭ تۈرلۈك ماللار شىركىتىنى مەجبۇرىي سېتىۋالغان، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىشچى- خىزمەتچىلىرى تېگىشلىك قۇتقۇزۇش خىراجەتلىرىگە تېخىچە ئېرىشەلمىگەن.
دىخۇي گۇرۇھى ساھىبىنىڭ ۋاڭ لېچۇەن بىلەن قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن، ئوت كەتكەن سودا مەركىزىنىڭ، ئوت مۇداپىئەلىنىش ئاجىزلىقىغا كۆز يۇمۇلغان. ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشنى نازارەت قىلىش تارماقلىرى، مەزكۇر سودا مەركىزىدە ئاسان ئوت ئالىدىغان ماتېرىياللارنىڭ كۆپلۈكىنى ھەم ئامبارلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، لاياقەتلىك قىلىپ بېكىتكەن.
كۆز بوياشقا پۇل بار، ئەمەلىي ئىشقا پۇل يوق
ئوت ئاپىتىنى ئۆزىنىڭ نەق مەيداندا كۆرگەنلىكىنى تىلغان ئالغان ئاپتور، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ، سۇ پۈركۈش تۇرۇبىسىنىڭ، 12 قەۋەتلىك بىنانىڭ 6 - قەۋىتىگە ئاران يەتكەنلىكىنى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپاراتلىرىدىكى قالاقلىق ۋە ئاجىزلىق سەۋەبىدىن ئوت ئاپىتىنىڭ 33 سائەت داۋام قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە مۇنداق دېگەن: " مەن ئۆزۈم مۇشۇ ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىسى، بىز كۆپ قېتىم، شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە، ئۈرۈمچىدە يۈكسەك بىنالارنىڭ كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، يۈكسەك بىنالاردا ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىشنى دوكلات قىلغان، دوكلاتىمىز تەستىقلانمىدى."
ئاپتور، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ دۆلەت مالىيىسىنى جايىدا ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى پاش قىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئەسۋابلىرىنى سېتىۋېلىشقا پۇل يوق دېگەن شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى لى، 60 مىليون يۈەن خىراجەت ئاجرىتىپ، شەھەرنىڭ كۆۋرۈك ۋە يوللىرىنى ئاقارتىپ - سىرلاپ چىقتى؛ 300 مىليون يۈەن خىراجەت قىلىپ، كوچا رىشاتكىلىرىنى يېڭىلىدى. مەقسىتى خەلققە پايدىلىق ئىش قىلىش ئەمەس، ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە ھوقۇقتا يەنە بىر بالداق ئۆسۈش."
ئاپتور ئىنكاسىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ: "نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ خەلقى نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى 10 يىلدىن بېرى ئالماشمايدۇ؟ شۇنچە كۆپ دۆلەت مۈلكىنى يۇتۇۋالغانلار نومۇس ھېس قىلمايدۇ؟"
1200 دۇكىنى بار بازاردا، 5 دۇكان ئۇيغۇرنىڭ
بۇ قېتىمقى، ئوت ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۇچرىمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى 1200 دىن ئارتۇق تىجارەتچىسى بولغان بۇ بازاردا، پەقەت 5 دۇكان ئۇيغۇرغا تەۋە. بۇ ئەھۋالنى دىخۇي سودا مەركىزىنىڭ ئىشلىرىغا ئالاقىدار بىر ئۇيغۇر بىزگە ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.
بۇ ئىنكاستىن مەلۇم بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر ئوت ئاپىتىدە ئاساسەن زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى بىر ياخشى خەۋەر بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەۋەرنىڭ ئارقسىدىكى ئەجەبلىنەرلىك ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر چوڭ سودا بازىرىدا، نوپۇسنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ %1 نىسبەتتىمۇ ئورۇن ئىگىلىيەلمىگەنلىكىدۇر. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 3 ئوت ئۆچۈرگۈچى ئۆلدى
- ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرى تۇرپاندا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىنى يوشۇرماقتا
- تۇرپاندا، ئوت ئاپىتىدە زور زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئامما ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى
- ئۇچ تۇرپان ناھىيىسى ياركۆۋرۈك يېزىسىدىكى ئاپەتتە كۆپلىگەن دېھقانلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە كەلكۈن ئاپىتى داۋاملاشماقتا
- يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىدا مەسىلە كۆپ
- بىر خىتاي مۇخبىرى 8 - دېكابىر قاراماي ئوت ئاپىتىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى پاش قىلدى
- قارىماي ۋاقەسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئاشكارىلاندى
- ئۇلۇغچاتتا يەر تەۋرىدى
- ئىلى دەريا ۋادىسىدا كەلكۈن ئاپىتى ئېغىرلاشماقتا
- جياڭشىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى
- "رىتا" چاپقۇنى سالغان زىيان مۆلچەرلىگەندىن تۆۋەن بولدى
- مېكسىكا قولتۇقىغا "كاترىنا" چاپقۇنىدىن كېيىن "رىتا" كېلىۋاتىدۇ