بۇندىن بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئىرانغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش شەكلىدە، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى رەقىبلىرىنى ئىلغار قوراللار بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: " ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ۋە بۇ رايوندىكى دوستلىرىمىزغا بولغان سادىقلىقىمىزنى نامايان قىلىش ئۈچۈن ، بىز بۇ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىمىزنى كۈچەيتىمىز" دېگەن ۋە ئۆز - ئارا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە ئوتتۇرا شەرقتە رادىكال كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.
ئامېرىكا ئەرەب ئەللىرىگە 20 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي قورال سېتىپ بەرمەكچى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايس ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتسنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە قارىتىلغان دىپلوماتىك زىيارىتى باشلىنىشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن؛ دۈشەنبە كۈنى ئاقساراي ئەرەب ئەللىرىگە 20 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ھەربىي قورال سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋىي رادىئوسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بۇ نۆۋەت ئەرەب ئەللىرىگە سېتىپ بەرمەكچى بولغان ئىلغار قوراللار پارىس قولتۇقى ئەللىرىنىڭ رادىكالىزمنىڭ تەسىرىگە ۋە ئىرانغا ئوخشاش رادىكال دۆلەتلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى ئىشەنچىنى ئاشۇرىدىكەن.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رايس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە مىسىرغا بەرگەن ھەربىي ياردىمى ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى نەچچە يىللىق ئىتتىپاقداشلىقنىڭ مېۋىسى ۋە مەزكۇر رايوننىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇھىملىقىنىڭ نەزەرگە ئېلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ب ب س نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا رايس خانىم ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۈزلۈكسىز قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنى بىخەتەرلىك ئېھتىياجىغا ياردەم بېرىشتە ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمايدىغان قىلىشقا ئىرادە باغلىدى" دېدى ۋە ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىق ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشتا بۇ رايوندىكىلەر بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەت مىسىرغا 13 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى، ئىسرائىلىيىگە 30 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ۋە باشقا ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە، 20 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قىممەتتىكى قورال سېتىپ بېرىدىكەن.
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانغا سېتىپ بەرمەكچى بولغان سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يېتەكلىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئامېرىكا ئەرەب دۆلەتلىرىگە تۇنجى نۆۋەت سېتىپ بەرگەن بۇ خىلدىكى بومبا ئىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا بۇ قېتىملىقى ھەربىي ياردەم ئىچىدە، رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە باشقا ئىلغار قوراللار بار بولۇپ، ياردەمگە ئېرىشىدىغان دۆلەتلەر سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۇۋەيت، قاتار ۋە ئومان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى: " قورال- ياراق سودا كېلىشىمىنىڭ ۋاقت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۆزگىچە"
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋىي رادىئوسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا يېڭى ئىستراتېگىيە مەركىزىنىڭ باشلىقى مىشېل فلورىنوي، بۇ قورال- ياراق سودا كېلىشىمىنىڭ مەزمۇنى ۋە ۋاقت ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ كېلىشىم سۈننىي ۋە شىئەلەر ئارىسىدىكى سۈركىلىش چېكىگە يەتكەن، ئامېرىكا ئىراقتىكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالغان ۋە رايون خاراكتېرلىك ئىتتىپاقداشلىرىدىن كۆزلىگەن ياردەمگە ئېرىشەلمەيۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى دەيدۇ.
ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىدە كۆرسىتىلگەندەك، ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى، مەزكۇر قورال - ياراق سودىسىنى، كۆلەملىك رايون خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيىنىڭ بىر قىسمى ۋە بۇ رايونلاردىكى ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى ساقلاشنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە بۇ قورال- ياراقلارنى سېتىپ بېرىشى، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىنى بانا-سەۋەب بىلەن تەمىن ئېتىشى مۇمكىن دەپ، قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈشمەكتە.
ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى مۇستافا مۇھەممەد :"ئامېرىكا ئۆزىنىڭ قورال-ياراق شىركەتلىرىنى قوغداپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان"
ھالبۇكى، تېھراندىن چىقىدىغان ئىران گېزىتىنىڭ 30- ئىيۇلدىكى سانىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىران مۇداپىئە مىنىستىرى مۇستافا مۇھەممەد ناجىئاي، پېرىسىيە قولتۇقىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆزى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ: "ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن قورال-ياراق شىركەتلىرىنى قوغداپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئوتتۇرا شەرقتە قورال-ياراق مۇسابىقىسى پەيدا قىلماقتا" دەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇھەممەد ئەلى ھۆسەيىنى، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى ئارىسىدىكى خەيىرلىك مۇناسىۋەتلەرگە داغ تەگكۈزدى، دەپ ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى. (جۈمە)