ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسى زور


2006.01.09
shht-200.jpg
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى 5- ئىيۇل كۈنى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدىن كېيىن، ئەزا دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. AFP Chongaytip korung

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇلۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايونغا كىرىشى، جۈملىدىن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلاردا ھەربىي بازا قۇرۇشى بىلەن خىتاي رۇسىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر رايوندىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىدىن كالمان مىجەي بىلەن يوخانىس لىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان نۇقتىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوتتۇرا ئاسىيا كۈندىن كۈنگە دۇنياغا بىلىنىشكە باشلىدى

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسىدىكى دۇنياۋى سىياسەت ۋە ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرىدە ئوينايدىغان رولى ھەققىدە ئىزدەنگەن ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىدىن كالمان مىجەي بىلەن يوخانىس لىن يېقىندا ئامېرىكىدىكى گېزىتلار بىرلىكى ھېسابلىنىدىغان "مەتبۇئاتلار ئاگېنتلىقلىرى لايىھىسى " دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادا بولۇۋاتقان ئىشلار دائىم دۇنياۋى مەتبۇئاتلاردا كۆرۈلۈشكە، نەتىجىدە بۇ رايوننى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەر كۈندىن-كۈنگە بىلىشكە باشلىغان. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېڭىزدىن يىراق بولۇشى شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇزۇن مەزگىل ئىقتىسادىي، بايلىق ۋە باشقا جەھەتلەردىن قامال قىلىنىشى تۈپەيلىدىن، دۇنيا بۇ رايوننى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئۆزىنىڭ يىپەك يولى دەۋرىدىكى كۆرۈنەرلىك مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد نەتىجىلىرىنى ياراتقان تارىخى بىلەن مەشھۇر بولۇپلا قالماستىن بەلكى، بۈگۈنكى كۈندە قايتىدىن ئەشۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇش مەزگىلىنى ئەسلىتىدىغان دۇنياۋى رىقابەتلەر نۇقتىسى سۈپىتىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئەمما، ھازىرقى مەسىلە ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ زور ياۋرو-ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز تەرەققى قىلىۋاتقان خىتاي، رۇسىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن قورشىلىپ تۇرىشىدەك ئالاھىدىلىكى بىلەن قايتىدىن ياۋرو- ئاسىيادا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىيالامدۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىستىقبالى زوردۇر

بۇ ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر كەمچىللىكى شۇكى، جۇغراپىيە ۋە تارىخ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنى دېڭىزغا چىقىدىغان پورتلاردىن يىراقلاشتۇرىۋېتىش بىلەن بۇ دۆلەتلەرگە جۇغراپىيىلىك، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىن توسالغۇلۇقلارنى ھەمدە بۇلارنىڭ بازار ئىگىلىكىنىڭ تېز ئۆسۈشىگە نىسبەتەن قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلدى."ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كېلەچىكى زوردۇر" دەيدۇ كالمان مىجەي بىلەن يوخانىس لىن. چۈنكى، ب د ت نىڭ تەرەققىياتى پروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيانى تەرەققى قىلدۇرۇش دوكلاتىدا ئېنىق كۆرسىتىلىشىچە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى زور، ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆزىنىڭ ھەيران قالارلىق مول تەبىئىي بايلىقلىرى شۇنىڭدەك جۇغراپىيىلىك ئورنى بىلەن ياۋرو-ئاسىيا قىتئەسى نىڭ تەرەققىياتىدا ھەمدە مۇقىم، ئۆزارا زىچ قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

. ئوتتۇرا ئاسىيا نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟

ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئۆز ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۆزىنىڭ بۇ زور ئىستىقبالىنى قانداق قىلىپ ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، تەشەببۇس تۈسىدىكى تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆزىنى دۇنياغا ئېچىش كېرەك، ئۆز قوشنىلىرى ئارىسىدىكى ئۆزارا ھەمكارلىقنى باشلىشى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ كونىراپ كەتكەن سىياسىي سىستېمىسىنى قەتئىي ئىسلاھ قىلىشى لازىم.

رايون خاراكتېرلىق ھەمكارلىقلار سودىدىن باشلاپ، ترانسپورت، ترانسىت (ئۆتكەل) يولى، سۇ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش، ئېنېرگېتىكا، ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە بولغان كونتروللۇق ھەم باشقىلارغىچە بولۇشى كېرەك، ئەگەر ئەنە شۇنداق ھەمكارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىنسا، يەنە 10 يىللاردىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتەلەيدۇ، ئۆز ئىقتىسادىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلەر ئورناتسا، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىيالايدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار

ئەلۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاشلا زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھېس قىلغان ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، ھازىر بۇ رايون قاتناش ۋە ترانسىت يوللىرىنىڭ چەكلىمىلىرىگە ئۇچرىماقتا. بۇ رايوندىكى مال توشۇش باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، چېگرا-تاموجنىلاردىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان رەسمىيەتلەر، توشۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ قالاقلىقى شۇنىڭدەك خىيانەتچىلىك ۋە باشقىلار رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارغا ئايلانغان. بۇ رايونغا يېڭى مەبلەغلەرنى جەلىپ قىلىشى، شۇنىڭدەك دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ئارقىلىق، خەلقئارا سودا ئۆلچەملىرى بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىش زۆرۈر.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر ياخشى يۈزلىنىش شۇكى، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قوشنىلىرى شۇنىڭدەك خەلقئارا جەمىيەت بۇ رايوننى ئېچىش ۋە ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. ئەلۋەتتە، ھەمكارلىشىش پەقەت دۆلەتلەر ئارا بولماستىن بەلكى، شىركەتلەر، سودىگەرلەر ھەمدە پۇقرالار جەمىيىتى ئارىسىدىمۇ بولۇشى كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقى ۋە بىرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشنى چۈشەنگەن خەلقئارا جەمىيەت بۇ رايوننى ھەممە جەھەتلەردىكى قوللاشلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك- دەپ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى يەكۈنلەيدۇ ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىدىن كالمان مىجەي بىلەن يوخانىس لىن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.