ئوتتۇرا ئاسىيا رۇسىيە ئۈچۈن ئەرزان ئەمگەكچىلەر بازىسىغا ئايلانماقتا


2006.03.29

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئېغىر ئىقتىسادىي ھايات كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ چەت ئەللەرگە جۈملىدىن ئۆزلىرى بىلەن ئەنئەنىۋى مۇناسىۋەتكە ئىگە رۇسىيە شەھەرلىرىگە بېرىپ تىرىكچىلىك يوللىرىنى ئىزدەشكە ھەمدە ئۇلار بۇ جەرياندا تۈرلۈك پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشقا ئېلىپ كەلمەكتە، نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن كۆچمەنلەر مەسىلىسى رۇسىيە ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق كىشىلەرنى ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىشقا قىستىماقتا

كۆزەتكۈچىلەر، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن سىياسىي جەھەتتىن مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈرلۈك ئىچكى-تاشقى ۋە ئىقتىسادى سەۋەبلەر ئۇلارنىڭ رۇسىيە ھەم خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ھەتتا ئۇلارغا كۆپ جەھەتلەردىن يول قويۇشقا مەجبۇر بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغىنىغا 15 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىل ئىقتىسادىي سىستېمىسىدا كۆرۈنەرلىك تەرەققىياتلارنىڭ بولماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى ھاياتىغا ئېغىرچىلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. مۇستەقىل بولۇش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكىگە ئىشەنگەن ۋە مۇستەقىللىق لەززىتىنى تېتىشقا ئىنتىلگەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى - ئۆزبېكلەر، قازاقلار، قىرغىزلار ۋە تۈركمەنلەر جۈملىدىن تاجىكلار ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئىقتىسادىي سىياسەتلەر، بازار ئىگىلىكى ھەم باشقا تۈزۈلمىلەردىكى مۇستەبىتلىكتىن نارازى بولماقتا.

رۇسىيە كۆچمەنلەرنىڭ ئەڭ كۆپ بارىدىغان جايى

ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئېغىر ئىقتىسادى ئەھۋاللار ئىمكانىيەتلىرى بار كىشىلەرنى تۈركۈملەپ ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان غەرب مەملىكەتلىرىگە كېتىشكە مەجبۇر قىلسا، ئىمكانىيىتى تۆۋەنلەرنى رۇسىيىنىڭ ھەر قايسى چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىگە بېرىپ، ھەر خىل شەكىلدە تىرىكچىلىق قىلىشقا قىستىماقتا. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، ھازىر رۇسىيىدە 15 مىليوندىن ئارتۇق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر بار بولۇپ، بۇ سان كۈنسايىن كۆپەيمەكتە.

قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 500 مىڭدىن ئارتۇق قىرغىزىستانلىق رۇسىيىگە كېتىپ تىرىكچىلىق قىلماقتا ھەمدە ئۇلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە.

رۇسىيىدىكى ئۆزبېكىستانلىقلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بولمىسىمۇ، ئەمما ئۆزبېكلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىۋاتقان كۆچمەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ قىسىمىنى تەشكىل قىلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. چۈنكى، ئۆزبېك ئىشچىلىرى موسكۋا، سانكىتپېتەربۇرگ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىن باشقا ھەتتا رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان يىراق شەرق رايونىدىمۇ كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئىچىدە قازاقىستان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ئەھۋالى بىراز ياخشى بولغانلىقى ، بولۇپمۇ قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېز ئۆسۈۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن يەنە كۆپلىگەن قىرغىزىستانلىق ۋە ئۆزبېكىستانلىقلار قازاقىستانغا بېرىپ ئىشلىمەكتە.

تاجىكىستان ئەڭ چوڭ مەدىكار بازىرى

ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئىچىدە رۇسىيىگە كېتىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەت تاجىكىستان بولۇپ، تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ئەڭ ئاجىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن تاجىكلار تۈركۈملەپ رۇسىيىگە كەتمەكتە. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر تاجىكىستاندا ھەر بىر ئائىلىدىن 4- 5 ئەر كىشىنىڭ رۇسىيىگە بېرىپ ئىشلەش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يېقىندىن بۇيان رۇسىيىگە بېرىپ ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ سانىمۇ ئېشىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر ئائىلىنى قامداش يۈكى ئەرلەردىن قېلىشمايدىكەن. لېكىن، تاجىكلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار دۇچ كېلىۋاتقان مۇئامىلىلەر ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ،تۈرمىگە تاشلىنىش ، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىش ۋە باشقا خىل ھاقارەتلەرگە ئۇچراش ئەھۋاللىرىغا ئائىت ئۇچۇرلار مەتبۇئاتلارنىڭ دائىملىق تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە دائىرلىرىمۇ ئىش ئورۇنلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا يەپىشقا باشلىغان بولۇپ، ياخشىراق ئىشلار ئەلۋەتتە رۇسلاردىن ئاشمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيىلىكلەرگە قىلىنىۋاتقان بېسىملار تۈپەيلىدىن ئايرودروم، ۋوگزال، باجخانا قاتارلىق جايلاردا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار تېخىمۇ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىكەن، تاجىكلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ساقچىلارنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشىغا، جازالىشىغا دۇچ ئۇچرايدىكەن.

كۈندە دېگۈدەك بىر تاجىكىستانلىقنىڭ جەسىتى موسكۋادىن ئېلىپ كېلىنىدۇ

خۇدانەزەروپ ئىسىملىك ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئانالىزچىنىڭ رۇسىيىدىكى "خەۋەرلەر" گېزىتىدا ئېلان قىلغان تاجىكىستانلىقلارنىڭ رۇسىيىدىكى تەقدىرىگە ئائىت ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، ھاياتلىق ئىزدەپ رۇسىيىگە بارغان تاجىكلار تۈرلۈك ئىرقىي كەمسىتىش خاراكتېرلىق بېسىملاردىن باشقا يەنە ھاياتىدىن ئايرىلىش خەۋپلىرىگىمۇ ئۇچرايدۇ. ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر تاجىكىستانلىقنىڭ جەسىتى موسكۋادىن دۈشەنبىگە ئېلىنىپ كېلىنىدۇ، رۇسىيىدە ئۆلىدىغان تاجىكلارنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 600-700 غا يېتىدۇ.

2004-يىلى سانكىتپېتەربۇرگدا بىر توپ رۇس مىللەتچى ياشلىرى بىر تاجىكىستانلىق كىشىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارنى ئۇرغان، نەتىجىدە 9 ياشلىق بىر قىزچاقنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان. بۇ جىنايەتچىلەر قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندا ئۇلار گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغاندا، تاجىكىستان خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقلىرى كېلىپ چىققان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، تاجىكلار ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ھەتتا چەتئەللىكلەر "تاقىرباشلار" دەپ ئاتالغان رۇس فاشىست ياشلىرى، جىنايى گۇرۇپپىلار ھەم باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشكە، ئۇرۇلۇشقا ۋە باشقا ھەر خىل كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدىكەن. يەنە مەلۇم ساندىكى تاجىكىستانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ قىسمەتلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىكەن.

خۇدانەزەروپنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، موسكۋا قاتارلىق رۇسىيە شەھەرلىرىدىكى ئىرقىي كەمسىتىش تۈپەيلىدىن ھەتتا تاجىك مۇساپىرلىرىنىڭ دوختۇرغا كۆرۆنۈشىمۇ بىر مەسىلە بولۇپ، دوختۇرلارنىڭ دائىم بىمارلاردىن كۆپ پۇل سوراپ، پۇل چىقماي قالغاندا كېسەلنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرىمۇ سادىر بولغان.

بۇنداق ئاقىۋەتلەر قانداق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىش مۇمكىن؟

رۇسىيىدىكى مۇنداق مىللىي ۋە ئىرقىي كەمسىتىش تۈپەيلىدىن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بىلەن رۇسىيىلىكلەر ئارىسىدا مىللىي زىددىيەت كۈچىيىپ ، ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلاردا ئۆزلىرىگە كىم ياخشى مۇئامىلە قىلسا ۋە كىم ياردەم قىلسا، شۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان ھەتتا، ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش بولىدىغان سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىمۇ پەرەز قىلىنماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا جۈملىدىن تاجىكىستانغا كۆپ مەبلەغ سېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي مۇمكىن قەدەر ئىقتىسادىي قالاق بۇ مەملىكەتلەرگە ئىقتىسادىي ئىمتىيازلارنى بېرىش ئارقىلىق، مەزكۇر دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ، شۇ ئارقىلىق خىتاي چېگرىلىرى يېنىدا بىخەتەر ۋەزىيەت يارىتىشقا ھەمدە ئۆز تەسىرىنى تىكلەشكە تىرىشماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.