ئوتتۇرا ئاسىيا كىمگە يېقىنلىشىۋاتىدۇ؟
2006.12.06
11-سېتەنبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەرب دۆلەتلىرى بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن يېقىنلىشىش مەنزىرىسى پەيدا بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق مەملىكەتلەردە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىلىرى قۇرۇلغان شۇنىڭدەك يەنە ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ھەر ساھەدىكى ئىشلىرى ئۈچۈن ياردەملەرنى كۆرسىتىش بىلەن تۈرلۈك ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلاتلارنى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى غەرب بىلەن يېقىنلاشتۇرۇش يولىنى تۇتقان بولسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بۇيان مەزكۇر رايوننىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىشكە باشلىدى. ھەتتا، بىر قىسىم غەرب كۆزەتكۈچىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ غەربتىن بارا-بارا يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
گەرمانىيە مۇتەخەسسىسى: ئوتتۇرا ئاسىيا غەربتىن يىراقلىشىۋاتىدۇ
گېرمانىيىگە جايلاشقان ياۋروپا مارشال خەۋپسىزلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى روگېر كانگاس ئەپەندى نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سويۇشقا باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور روگېر كانگاسنىڭ قارىشىغا تايانغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ غەرب بىلەن جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇنداق سوۋۇپ قېلىشقا يۈزلىنىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەر ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ بىر-بىرىنى تولۇق ئۆگەنمىگەنلىكىدە شۇنىڭدەك ئالاقىلەرنىڭ قىسقا مۇددەتلىك بولغانلىقىدىدۇر.
پروفېسسور روگېرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتتە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلەن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئورتاقلىق ئانچە راۋاجلانماي قالدى، ئىراق ئۇرۇشىدىن باشلاپ، تاكى رەڭلىك ئىنقىلابلار، ئەنجان ۋەقەلىرى ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى بىر-بىرىدىن خېلى دەرىجىدە يىراقلاشتۇردى.
ھەقىقەتەن، پروفەسسور روگېر ئېيتقاندەك، ئۆتكەن يىلى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن رەڭلىك ئىنقىلاب نەتىجىسىدە ئەسقەر ئاقايېۋ ھاكىمىيىتى يىمىرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۆكتىچىلەر ئىگىلىدى. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تۇنجى دېموكراتىك ئىنقىلاب بولۇپ سانالغان شۇنىڭدەك كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدا ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربنىڭ قولى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىدى. قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۇركمەنىستان رەھبەرلىرى خۇددىي ئەسقەر ئاقايېۋقا ئوخشاش دىكتاتۇرۇلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆز مەملىكەتلىرىدە شۇنداق خىلدىكى ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن بولۇپمۇ ئۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشتى. ئۆتكەن يىلى، مايدا يۈز بەرگەن ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى تېخىمۇ بەكرەك تەھدىد ھېس قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەنجان ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى ئىسلام كەرىموپنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، ئۇ ئالدى بىلەن ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى تاقىدى، ئارقىدىنلا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ 20 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ئورگانلىرىنىنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى.
ۋلادىمىر پۇتىن ھاكىمىيەتكە چىققاندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قاراتقان تەسىرىنى تىكلەشكە ئالاھىدە قىزىققان بولۇپ، بۇ جەھەتتە كۆپ چىقارماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيامۇ رۇسىيىگە مايىل بولماقتا.
پروفېسسور روگېرنىڭ قارىشىچە، ئا ق ش نىڭ ئىراققا سىياسىتى، مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقلارغا بولغان تەھدىدى، رېجىم ئۆزگەرتىش خەۋپى ھەم دېموكراتىيىگە ھەددىدىن تاشقىرى دىققەت ئېتىبارىنى بېرىشى ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنى چۆچىتىپ قويدى ".
ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرىنى دىكتاتۇرۇلۇق بىلەن تەنقىد قىلىۋاتقان بىردىن –بىر دۆلەت
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى رەھبەرلىرىنى دىكتاتۇرۇلۇق بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنى دېموكراتىك ئىسلاھاتقا دەۋەت قىلىۋاتقان بىردىن-بىر دۆلەت بولۇپ، خىتاي ۋە ياكى رۇسىيە ھېچ قاچان ئۇلارنى بۇ جەھەتتىن تەنقىد قىلمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى ئامېرىكىدىن چۆچۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ كۆپىنچە ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھەربىي-سىياسىي ھەمكارلىقنى تەكىتلەپ، بۇ رايونغا كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېز گۈللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكىمۇ رايوننىڭ ئامېرىكىدىن يىراقلىشىپ، خىتاي بىلەن يېقىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
خىتاي بىلەن رۇسىيىگە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېموكراتىيىلىشىشى كېرەك ئەمەس.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئانالىزچىلىرىنىڭ يېزىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىسىنى ئالاھىدە كۈچلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان سودىسى بەش مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي قازاقىستان نېفىت شىركەتلىرىنىڭ پاي چەكلىرىنى سېتىۋەلىش بىلەن قازاقىستان ئېنېرگىيە ساھەسىنى مونوپول قىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن. خىتاي يەنە ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستانغىمۇ مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئېنېرگىيە ساھەسىنى نىشان قىلغان.
ئىقتىسادىي پايدا ئىزدەۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئۆزلىرىنى دېموكراتىك ئىسلاھات ۋە باشقا ئىشلاردا قىلچە ئەيىبلىمەيدىغان رۇسىيە بىلەن خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇلار بىلەن يېقىنلاشماقتا ھەمدە ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كۈنسايىن قويۇقلاشماقتا.
خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەسىر تىكلىمەكتە
ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئانالىزچى ئەجدەر ئاشىرقۇلوپنىڭ " ئاسىيا ئۇچۇرى" تورىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئەمەلىيەتتە شاڭخەي تەشكىلاتىدىكى ئاساسلىق باشلامچى مەملىكەتكە ئايلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن سىڭىپ كىرمەكتە.
پروفېسسور روگېرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئاشماقتا، ئەگەر غەرب ئوتتۇرا ئاسىياغا سەرمايە بېرىشنى توختاتسا، ئۇ چاغدا خىتاي ياردەم قولىنى ئۇزارتىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ غەربنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بۇ تەشكىلاتقا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىشى زۆرۈردۇر شۇنىڭدەك يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنى ئەڭ قىزىقتۇرىدىغىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشكە ياردەم بەرگەن دۆلەتكە يېقىنلىشىشى تەبىئىي ئەھۋال، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىياغا ھەربىي-سىياسىي جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي جەھەتتىنمۇ كىرىپ، رايوننىڭ ئۆزىدىن كۈتۈۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈمىدلىرىنى ئىشقا ئاشۇرسا، ئەسلىدىنلا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. (ئۈمىدۋار)
.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى
- ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتى كۈتكەن نەتىجىنى بەردىمۇ؟
- نازاربايېۋ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى
- تەيۋەندە "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە كېلەچىكى" تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئالى سوتچىلار يىغىنى "ئۈچ خىل كۈچلەر" نى مۇزاكىرە قىلىدۇ
- قازاقىستان پرېزىدېنتى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى
- ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مودېلىمۇ؟
- ئامېرىكا -موڭغۇلىيە ھەربىي ھەمكارلىقى پىشىپ يېتىلمەكتە
- قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ بىرلەشمە باياناتىدىن نارازى بولدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تېمىسىدا ئىسپات بېرىش يىغىنى ئېچىلدى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېڭىيىشىگە بولغان قاراشلار
- سەككىز دۆلەت يىغىنى ۋە رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى (2)
- سەككىز دۆلەت يىغىنى ۋە رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى (1)
- ئالماتادا "ئاسىيادىكى ئۆز - ئارا ھەرىكەت ۋە ئىشەنچ چارىلىرى" ناملىق يىغىن
- خىتاينىڭ ئىران پرېزىدېنتىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەكلىپ قىلىشى ئامېرىكىغا تاقابىل تۇرغانلىقمۇ؟