ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ

2007-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

rusiye-xitay--shht.jpg
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ 2006 – يىلى 15-ماي كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ شانغەيدە ئېچىلغان يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەرگەي لاۋرون بىلەن . AFP

بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى قۇربان گۈل بەردى مۇھەممەدوپ قەسەم بېرىپ، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتىلىق ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇۋېلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ تۈركمەن باشى سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە بىتەرەپ تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈش بىلەن مائارىپ، ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەردە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلدى.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، تۈركمەنىستاندا ئىنتېرنېتكە دەسلەپكى قەدەمدە يول قويۇش باشلانغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ئۇزۇن مەزگىل دىكتاتورلۇق تۈزۈمدە ياشىغان بۇ دۆلەتتە دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. نۆۋەتتە، كۆزەتكۈچىلەر ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرىنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. بىراق، ئامېرىكىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆپ جەھەتلەردىن ئورتاق مەنپەئەتلىرى بارلىقى، بەلكى ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆپ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى مەۋجۇت

11- فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن تۈركمەنىستان پرېزىدېنتىنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا رۇسىيە، تۈركىيە، ئىران، قازاقىستان، تاجىكىستان ۋە خىتاينىڭ ئالىي دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسۇل ياردەمچى مىنىستىرى رىچارد باۋچېر ئىشتىراك قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە، رۇسىيە، خىتاي، تۈركىيە ۋە ئىران قاتارلىق ئېنېرگىيىنى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پىلان قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تۈركمەنىستاننىڭ يېڭى ھاكىمىيىتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتتە ئۆز تەسىرىنى تىكلەش ھەم ساقلاپ قېلىشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشمەكتە.

نۆۋەتتە، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ توقۇنۇشۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەلۇمكى، 2001-يىلىدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ھەربىي –سىياسى ھەمدە دېموكراتىك ئىسلاھات جەھەتلەردىن تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان ۋە ئۆزبېكىستان، قىرغىزستانلاردا ھەربىي بازا قۇرغان ئىدى. گەرچە، 2005-يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزبېكىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى سوغۇقلىشىپ، بۇ دۆلەتتىكى ئامېرىكا بازىسى تاقالغان بولسىمۇ، بىراق، قىرغىزىستاننىڭ ماناس ئايرودرومىدىكى ھەربىي بازىسى داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرىۋەردى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى قويۇقلىشىپ، تاشكەنت رەھبەرلىرى رۇسىيىنىڭ باشچىلىقىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىغا قاتناشتى ھەمدە رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمى تۈزدى.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەنمۇ يېقىن ھەمكارلاشماقتا

رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ھەربىي جەھەتتىنلا پۇت تىرەپ تۇرماستىن، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ۋە ئورتاق تاموجنا كېلىشىمى دېگەندەك تەشكىلاتلار نامى ئاستىدا سىياسىي-ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزى بىلەن زىچ باغلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستان رەھبەرلىرى ئارقىمۇ –ئارقا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي بىلەن سىياسىي، سودا-ئىقتىساد جۈملىدىن ئېنېرگىيە كېلىشىملىرىنى تۈزدى. نۆۋەتتە، خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلماقتا ھەمدە خىتاي قازاقىستان نېفىت شىركەتلىرىنى سېتىۋالغان. خىتاي يەنە ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان بىلەنمۇ تەبىئىي گاز كېلىشىملىرى ئىمزالىغان.

خىتاي مۇتەخەسسىسى پەن گاڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق كۆزلىگەن مەقسىتى ئېنېرگىيە دەپ ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەخخەسىسلىرى رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەقسىتى ھەربىي سىياسىي جەھەتتىن ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى تەسىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەپ قارىغان. يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىن زادى نېمە كۆزلەيدۇ؟

ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى رىچارد باۋچېر ئەپەندى ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى جۈملىدىن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەتلىرى مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

" بىز رۇسىيە بىلەن سىياسىي سىياسى مەسىلىلەردە توقۇنۇشۇپ قالماقچى ئەمەسمىز، بىز ئۈچۈن سۆز مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئەمەلىي ئىش، مەن بۇ ھەپتىدە رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بىزلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا قانداق ھەمكارلىشىشىمىز توغرىسىدا، مائارىپ، قانۇن ھاكىمىيىتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىك توشۇشقا قارشى قانداق كۈرەش قىلىش، چېگرىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىگە ياردەم بېرىش ھەققىدە ناھايىتى پايدىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزدۈم. بۇ رايوندا بىزنىڭ رۇسىيە بىلەن ئورتاق مەنپەئەتلەرگە ئىگە كۆپلىگەن ساھەلەر مەۋجۇت، بىز رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىشلەشكە تىرىشىۋاتىمىز ".

رىچارد باۋچېر ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىسى بويىچە مۇھىم ئەربابى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى كېيىن ئۆزبېكىستان رەھبىرى ئىسلام كەرىموپ بىلەن ئامېرىكا –ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر قايسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ پائالىيەتلەر ئېلىپ بارغان ھەم بارماقتا. رىچارد باۋچېر ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆزلىگەن مەقسىتى ھەمدە رۇسىيە بىلەن بۇ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

"بىز ئوتتۇرا ئاسىيادا قارشىلىشىشنى خالىمايمىز، بىز رايون ئاھالىسىنىڭ بەختى ئۈچۈن ھەمكارلىشىش تەرەپدارىمىز، سۆز ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقى، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرى، ئەنئەنىلىرى ۋە دۆلەتچىلىكىنى ھۆرمەت قىلىش ھەققىدە كېتىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىز چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيمىز، دېمەك، بىز بۇ مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ئىشلەشنى خالايمىز ھەم ئىشلىمەكچىمىز ".

ئامېرىكا دېموكراتىيىنى خالايدۇ، بىراق رۇسىيە بىلەن خىتايغا كېرەك ئەمەس

رىچارد باۋچېر ئامېرىكىنىڭ يېڭى تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى ۋە تۈركمەنىستان ھۆكۈمىتىگە تۇتقان سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تۈركمەنىستاندا دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى شۇنىڭدەك يەنە ھازىر ئىنتېرنەت كافېسىنىڭ ئېچىلغانلىقى، تۈركمەنىستاننىڭ بۇ قەدىمىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن ئامېرىكىنىڭ تۈركمەنىستاندا دېموكراتىك سىستېمىلارنىڭ ئورنىتىلىشىغا ياردەم بېرىشكە دائىم تەييار ئىكەنلىكىنى شەرھىلىدى.

ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىراق خىتاي بىلەن رۇسىيە دېموكراتىيە مەسىلىسىنى تىلغا ئالمايدۇ. رۇسىيە ۋە خىتاي باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2005-يىلى قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا "ئاستانا خىتاپنامىسى" ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىسىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان. بىراق، قازاقىستان بىلەن قىرغىزىستان كۆپ قۇتۇپلۇق تاشقى سىياسەت يۈرگۈزىۋاتقانلىقى ئۈچۈن خىتاي ۋە رۇسىيىدىن باشقا ئامېرىكا بىلەنمۇ داۋاملىق ھەر تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە ھەمدە ئۇنى راۋاجلاندۇرماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت