"ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكىگە زەربە" ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00

تۈركىيىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت گېزىتى بىلەن تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى بىرلىكتە چىقىرىۋاتقان ئىستراتېگىيە تەتقىقات ژورنىلىنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سانىدا "رۇسىيىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكىگە زەربە" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.

تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى ئانار سومۇنچۇئوگلى خانىم يازغان بۇ ماقالىدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تەسىرىنى يوقىتىپ قويغان رۇسىيىنىڭ، باشقا كۈچلەرنىڭ بۇ رايونغا تەسىر كۆرسىتىشىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى يازغان ۋە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رايون خاراكتېرلىك رىقابەتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى تېخىمۇ خەتەرلىك باسقۇچقا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، چەتئەل ئەسكىرى كۈچلىرىنىڭ بۇ دۆلەتلەردە مەۋجۇت بولۇشىنىڭ بۇنىڭ دەلىلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ئانار سومۇنچۇئوگلى خانىمنى زىيارەت قىلدى.