ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكىنى قۇرۇش كۇن تەرتىپى يېقىنلاشماقتا
2007.10.02
تۈركىيىدە چىقىدىغان جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ 9- ئاينىڭ 28- كۈنىدىكى سانىدا "ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈلدى،" ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىنى ماھمۇت گۈرئەر يازغان بولۇپ، ئۇ ماقالىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي دۆلەتلەر ئېنېرگىيە جەھەتتىكى بايلىقىنى سىياسىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئوخشاش تەشۋىشلىنىشكە تىرىشماقتا. قازاقىستان جۇكۇر رەئىسى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر نەتىجىسىدە قۇرۇلىدىغان بۇ بىرلىكتە تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئەزەربەيجاننىڭ يەر ئالىدىغانلىقىغا كۈچلۈك ئېھتىمال بېرىلمەكتە. ئەمما "ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىۋىتسارىيىسى" بولماقچى بولىۋاتقان ئۆزبېكىستان بولسا ماقۇل كەلتۈرۈلمەكچى ئىكەن.
ماقالىدە يېزىلىشىچە، نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ ئۆتكەن ئايلاردا قىرغىزىستانغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا كۈن تەرتىپكە كەلگەن بۇ پىلاننى قىرغىزىستان جۇمھۇر رەئىسى قۇرمانبېك باقىيېۋمۇ قىزغىن قوللىغان بولۇپ، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستانمۇ بۇ پىلاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئاسىيانىڭ تەرەپسىز دۆلىتى بولۇش سىياسىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆزبېكىستاننىڭ بىرلىككە ئەزا بولۇشى ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا خىزمەت ئىشلەنمەكتە ئىكەن.
ماقالىنىڭ تۈركىيىگە ھازىرچە بىر تەكلىپ كەلمىدى، ماۋزۇلۇق كىچىك تېمىسى ئاستىدا مۇنداق دەپ يېزىلغان: قۇرۇلىدىغان بىرلىكنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئوخشاش بىر قۇرۇلمىغا ئىگە بولىدىغانلىقى دېيىلمەكتە . سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن دۆلەتلەردىن تەركىپ تاپىدىغان بىرلىك ئۈچۈن تۈركىيىگە ھازىرچە ھېچقانداق بىر تەكلىپ كەلمىدى. ئەمما تۈركىيىنىڭ دېپلوماتىك مەنبەلىرى بۇنداق بىرلىك قۇرۇلماقچى بولغان تەقدىردە تۈركىيىنىڭ چوقۇم دەۋەت قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەندى. بۇ مەنبەلەر تۈركىيىنىڭ، يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيىسىنىڭ ئۆتۈش يولى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يېزىلىشىچە، بىرلىككە ئەزا بولىدىغانلىقىغا كۈچلۈك ئېھتىمال بېرىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز جەھەتتىن دۇنيانىڭ ئەڭ باي رايونلىرى دەپ قارالماقتا ئىكەن. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ قاتتىق ئويۇنى ۋە يۇمشاق سىڭىپ كىرىشى
- ئىسلام كەرىموف ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلدى
- ئۇيغۇر كارىزلىرىغا سەپەر ناملىق كىتابتىن تۇغۇلغان ئويلار
- ئۇيغۇرلاردا زاكات ئۇقۇمى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيادىكى ناتو (NATO) بولۇپ شەكىللىنەلەمدۇ؟
- " تىنچلىق بۇرچى 2007" ناملىق ھەربىي مانېۋىرى ئاياغلاشتى
- داۋاملىشىۋاتقان ئىككى چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىماقتا
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتنىڭ ھەربىي مانېۋىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلار
- رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندىكى بازىسىدا رېئاكتىپ ئايروپىلانلىرىنى كۆپەيتىشتىكى ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتى نېمە؟
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چىقىش نۇقتىسى - يىپەك يولىنى قايتا قۇرۇش
- مەردلىك ۋە بېخىللىق ھەققىدە
- مەركىزى ئاسىيا ئىتتىپاقى- مۇستافا كامالدىن نۇرسۇلتان نازاربايېفقىچە (3)
- ئامېرىكىدىكى خرىستئان ۋە مۇسۇلمان دىنىي جامائەتلەر ئالبانىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا باشلىدى (1)
- مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقى- مۇستاپا كامالدىن نۇرسۇلتان نازاربايېفقىچە (2)