مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئالدىدىكى تاللاش يولى- ئۆزئارا بىرلىشىش ۋە ياكى رۇسىيە بىلەن بىرلىشىش


2007.10.08

XU-PUTIN-200.jpg
خۇ جىنتاۋ بىلەن پۇتىن بىشكەكتىكى شاڭخەي گۇرۇھى يىغىنىدا. AFP Photo

5- 6-ئۆكتەبىر كۈنلىرى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن ئىبارەت ئۈچ رايون خاراكتېرلىق تەشكىلاتنىڭ يىغىنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېچىلدى.

بۇ يىغىننىڭ ئېچىلىشىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەربىي-سىياسىي تەسىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادا تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا ئىنتىلىشىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى تەھلىل قىلىنماقتا. لېكىن، ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئارىسىدا نازاربايېفنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىمۇ كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكى مەلۇم.

رۇسىيە ھەربىي جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئالماقتا

5-6- ئۆكتەبىر كۈنلىرى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ يىغىنىدا مەزكۇر ھەمدوستلۇقنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باش سېكرىتارلىقىغا رۇسىيە تاشقى رازۋېتكا باشلىقى سېرگېي لېبېدېۋ تەيىنلەندى شۇنىڭدەك بۇنىڭدىن كېيىن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ رولىنى ئاشۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. بىراق، خەۋەرلەردىن قارىغاندا، تۈركمەنىستان خۇددى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بۇ ھەمدوستلۇق رامكىسىدىن ئۆزىنى نېرى تۇتتى.

رۇسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6-ئۆكتەبىر كۈنى يەنە رۇسىيە، قازاقىستان قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە بېلارۇسىيە رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا يەنە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش ھەمدە بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي-تېخنىكا ھەمكارلىقى مەسىلىسى بويىچە ئالاقە مېخانىزمى تەسىس قىلىش مۇزاكىرە قىلىندى.

پرېزىدېنتلار ئىران بىلەن مۇناسىۋەتلىك يادرو مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن جىددىي مۇئامىلىلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى، ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن ھەمدە بۇ ھەقتە يىغىن خىتابنامىسى قوبۇل قىلدى شۇنىڭدەك 20 نەچچە پارچە ھۆججەتكە قول قويدى. كېلىشىم بويىچە رۇسىيە ئۆز ئىلغار قورال-ياراقلىرىنى ئىچكى ئەرزان باھادا مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرگە سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە تاجىكىستاننىڭ تەبىئىي ئىتتىپاقدىشى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارچىسى

ئارقىدىنلا يەنە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن تەركىپ تاپقان ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي جەمىيىتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا ياۋرو-ئاسىيا تاموژنا ئىتتىپاقىنى تۈزۈش، ئومۇمىي ئېنېرگىيە بازىرىنى تەشكىل ئېتىش نىزامنامىسىنى ئىشلەپ چىقىش، ياۋرو ئاسىيا ئىقتىسادىي جەمىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرىنى كېڭەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشكە ئوخشاش 20 نەچچە ھۆججەت ماقۇللانغان.

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەمىيىتىنىڭ ئورتاق تاموژنا ئىتتىپاقىنى تۈزۈش كېلىشىمىنىڭ تېزدىن ئەمەلگە ئېشىشىنى قەتئىي يوسۇندا تەكىتلەپ، "بۇ ھۆججەتلەر قوبۇل قىلىنىشى بىلەن تاموژنا ئىتتىپاقى قۇرۇش ئۈچۈن قانۇنىي ئاساس يارىتىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن. بۇ ھەقىقەتەن پائالىيەتلىرىنى باشلايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى لازىم . بارلىق ئىمزالانغان شەرتنامىلەر 2010 يىلغىچە بېجىرىلىشى كېرەك"، - دېگەن.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامئەلى راخمان يىغىن جەريانىدا "رۇسىيە تاجىكىستاننىڭ تەبىئىي ئىتتىپاقدىشى ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارچىسى" دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە. تاجىكىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ، "تاجىكىستان ئۈچۈن رۇسىيە مىڭلاپ زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان تەبىئىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئىتتىپاقچى ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇ ئالاقىلەرنىڭ توختاۋسىز راۋاجلىنىشى ۋە كېڭىيىشى ئۈچۈن بارچە ھەرىكەتلەرنى قىلىمىز. بىزنىڭ بۇ نۇقتىئىنەزىرىمىز ئۆزگەرمەستۇر ، - دېگەن.

رامازان دىرىلدايېف قىرغىزىستاننى شاڭخەي گۇرۇھىدىن چىقىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان

قىرغىزىستاننىڭ قابار ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى نۆۋەتتىكى رەئىسلىك ۋەزىپىسى قىرغىزىستانغا يۈكلەنگەن بولۇپ، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېف كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا شەنبە كۈنى يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرى تۈزگەن بولۇپ، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتىدا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى تۆت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتى ۋە رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . شاڭخەي گۇرۇھى بولسا، بۇ دۆلەتلەردىن باشقا يەنە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تەڭ تەسىر ساقلاشقا پۈتۈشكەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر تەشكىلاتتا مۇھىم رول ئوينىغان.

بىراق، قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رامىزان دىرىلدايېف قىرغىزىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي پايدىنى دەپ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتكەنلىكىنى، بىر تەرەپتىن ئۇلار بىلەن ئاپپاق-چاپاق بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنى دېموكراتلار دەپ كۆرسىتىپ، غەرب دېموكراتىك مەملىكەتلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ۋە قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇنداق كېتىۋەرسە قىرغىزىستان كەلگۈسىدە ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتچىلىكىنى يوقىتىشى مۇمكىن.

ئوتتۇرا ئاسىيا كۆزەتكۈچىلىرى بۇ قېتىم دۈشەنبىدە رۇسىيىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى ئاستىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى، ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەمئىيىتى قاتارلىق ئۈچ تەشكىلاتنىڭ يىغىننىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېچىلىشىنىڭ رۇسىيىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتلارنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، رۇسىيىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش بىر كۈچلۈك مەملىكەتكە ئايلىنىپ، رۇسىيىنىڭ ياۋرو-ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى تىكلەشكە ئاشكارا ئىنتىلىۋاتقانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.

ۋاھالەنكى، دۈشەنبەدىكى بۇ يىغىن رۇسىيىنىڭ مەركىزىي ئاسىيانى ئۆز يېنىغا بىرلەشتۈرۈش غايىسىگە قارشىلىق بىلدۈرۈشنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى بولغان مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسى يىغىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم رەسمىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

" بۇ يەردە كۆچمەنلەر مەسىلىسى، زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىسى ۋە تېررورچىلىق خەتەرلىرى بار. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز بىرلىكتە ھەل قىلالايمىز، ئەلۋەتتە، بۇ يەردە يەنە رۇسىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاشمۇ زۆرۈردۇر" دەپ ئەسكەرتكەن نازاربايېف مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىن باغلىنىش بىلەن بىرگە ئورتاق تىل ۋە ئورتاق مەدەنىيەت قىممەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مۇنداق بىر ئىتتىپاقىنى قۇرۇشنىڭ 55 مىليون ئادەم ياشايدىغان بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنىلا ئەمەس بەلكى، سىياسىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنىمۇ مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

قىرغىزىستان نازاربايېفنىڭ بىر گەۋدىگە ئايلىنىش ئىدىيىسىنى قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن باشقا دۆلەتلەردىن تېخىچە رەسمىي جاۋاب كۆرۈلمىگەن. پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف بولسا، ئۆزبېكىستاننىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىشىنى چەتتە قالدۇرۇشقا تىرىشقان بولۇپ، ئەكسىچە 2005-يىلىدىن كېيىن رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەن.

ئۆزبېكىستان پارلامېنتىنىڭ سابىق ئەزاسى، ئۆزبېكىستان دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، جاھانگىر مۇھەممەد ئەپەندى بولسا، ئىسلام كەرىموف ئۆز مەنسەپ-ھوقۇقلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ جۈملىدىن تۈركىستاننىڭ كونا رەقىبلىرى ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىشىشىنى خالىمايدىغان رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتماقتا. بۇ ئۇنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ، بىراق ئۆزبەك خەلقىنىڭ جۈملىدىن بارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي قېرىنداش خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە خىلاپ " دەپ ئۆز قاراشلىرىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۆزارا بىرلىشىشىنىڭ تامامەن توغرا يۆنىلىش ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلدى.

11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي بازىلىرى قۇرۇلۇپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئېتىبار بېرىشى بىلەن رۇسىيىمۇ ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى قايتىدىن تىكلەشكە پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تىرىشتى. نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئالدىدا ئىككى خىل تاللاش مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خۇددى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش بىر ئىتتىپاققا ئايلىنىشى، يەنە بىرى رۇسىيىنىڭ ئەتراپىغا ھەر تەرەپتىن ئۇيۇشۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمما، خەلقلەر بىرىنچىسىنى خالىسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەتلەرنىڭ تۇتقان يولى ئىككىنچىسى بولماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.