مەركىزى ئاسىيا ئىتتىپاقى- مۇستافا كامالدىن نۇرسۇلتان نازاربايېفقىچە (3)


2007.05.28

Nazarbay-200.jpg
نازاربايېف، غەلىبىدىن كېيىن، قوللىغۇچىلارغا ئىھتىرام بىلدۈرمەكتە. Kazakh President Nursultan Nazarbayev waves to supporters in Astana, 05 December 2005. AFP POOL / KAZAKH PRESIDENTIAL PRESS SERVICE

يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، بۇ ئىدىيە تۈركىي تىللىق خەلقلەر دۇنياسى ئۈچۈن يېڭى نەرسە ئەمەس بولۇپ، بۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىي خەقلەر ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. مۇستافا كامالدىن ئىسلام كەرىموف، ھەتتا نۇرسۇلتان نازاربايېفقىچە بولغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر سىياسىي رەھبەرلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىكىنى ھەر خىل شەكىل ۋە ئۇسۇلدا تەشەببۇس قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن "پانتۈركىست" جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە گىرىپتار بولغانلىقىمۇ ھېچ كىمگە سىر ئەمەس.

نۆۋەتتە، رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيا ئانالىزچىلىرى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش تەشەببۇسى ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارماقتا، ئۇنىڭ بۇ ئىدىيىسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىش -ئاشماسلىقى ھازىرچە نامەلۇم بولسىمۇ، لېكىن بۇ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىكىدىن ئبارەت بۇ ئۇزۇن يىللىق غايىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا رايونىدا ھېچقاچان ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى كۆرسەتسە كېرەك !

بىر قىسىم زىيالىيلاردا بىرلىك پىكرى كۈچلۈك بولغان ئىدى

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف ئۆزىنىڭ " تۈركىستان بىزنىڭ ئورتاق ئۆيىمىز" ماۋزۇلۇق كىتابىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 1995-يىلى ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوف مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئىدىيىسىنى قايتا تەكىتلەيدىغان " تۈركىستان بىزنىڭ ئورتاق ئۆيىمىز" ناملىق تەشكىلات قۇرۇپ، مەركىزى ئاسىيا رايونىدىكى بارلىق ئەللەرنىڭ سىياسىيونلىرى، مەشھۇر زىيالىيلىرى جۈملىدىن ئالىملىرىنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىشقا تىرىشتى.

مەركىزىي ئاسىيالىق مۇتەخەسسىس بەختىيار شاھنازاروفنىڭ " مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ " ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتقا تۈركمەنىستاندىن باشقا ئەللەرنىڭ بىر قىسىم ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلدى.

مەلۇمكى، 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا چىڭگىز ئايتماتوف ئاتاقلىق قازاق يازغۇچىسى مۇختەر شاخانوف بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ قازاق-قىرغىز مۇناسىۋەتلىرى ۋە تارىخىي باغلىنىشى جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت باغلىنىشلىرى قاتارلىق مۇھىم تېمىلارنى ئاساس قىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى ئېلان قىلىش بىلەن مەركىزىي ئاسىيا تۈركىي زىيالىيلىرى ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلدى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدە تۈركىي خەلقلىرىنىڭ تارىخىي، كېلىپ چىقىش، مەدەنىيەت تەرەققىياتى، ئۆرپ-ئادەت ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ئوخشاشلىقلىرى ھەم ئورتاقلىقلىرى تەكىتلەنگەن ئىدى. چىڭگىز ئايتماتوف مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن ، قارا قالپاق، ئۇيغۇر ھەتتا تاتار قاتارلىق تۈركىي خەقلەرنىڭ زىيالىيلىرىنى دائىم بىر ئارىغا جەم قىلىپ، ئۆزارا بىرلىكنى كۈچەيتىشنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ " تۈركىستان بىزنىڭ ئورتاق ئۆيىمىز" ناملىق مەزكۇر تەشكىلاتى ئۇزۇن ياشىيالمىدى.

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، 90-يىللاردا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاقلىقىنى تەكىتلەش ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىكىنى تەشەببۇس قىلىش مەركىزىي ئاسىيا زىيالىيلىرى قاتلىمىدىكى مۇھىم بىر ئېقىم سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئىدىيە دۆلەت ھاكىمىيەتلىرى تەرىپىدىنمۇ بەگلىلىك دەرىجىدە قوللاشقا ئېرىشىلگەن ئىدى. مەشھۇر قازاق شائىرى ۋە مەدەنىيەت ھەم جامائەت ئەربابى ئولجاس سۇلايمانوف، ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوف، ئاتاقلىق ئۆزبېك سەنئەت ئەربابى شىر ئەلى جۇرايېۋ ۋە شائىرى مۇھەممەد سالىھ، ئەزەربەيجان ئالىمى ۋە دۆلەت رەھبىرى ئەلچىبېك ھەم باشقىلار بۇ پىكىر ئېقىمىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولۇپ تونۇلغان ئىدى.

تاشقى ئامىل بۇ پىكىر ئېقىمىغا يول قويمىدى

مەركىزىي ئاسىيالىق مۇتەخەسسىس بەختىيار شاھنازاروفنىڭ " مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇمكىنمۇ ؟" ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە تەكىتلىنىشىچە، بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى نازاربايېف مەركىزىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلغاندا، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف نازاربايېفنى تەنقىد قىلغان ئاساستا مۇنداق ئىدىيىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاللا بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى ھەمدە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا نازاربايېفنىڭ بۇ ئىدىيىسىنى قوللايدىغان ھەر قانداق ئىنكاسنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا يول قويماسلىقنى بەلگىلىدى.

بىتەرەپ تۈركمەنىستاننىڭ شۇ چاغدىكى پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوفمۇ نازاربايېفنىڭ ئىدىيىسىگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىدى، قىرغىزىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف ۋە تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمام ئەلى راخمانوفمۇ ئوخشاشلا ھېچ قانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.

90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئېتىبارەن، بولۇپمۇ، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ تاشقى سىياسىي مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئامېرىكا باشلىق ئىتتىپاقچى دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستاندىكى تالىبانلارنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان ھەم ئۆزبېكىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇشى شۇنىڭدەك باشقا مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، بىر مەھەل مەركىزىي ئاسىيا سىياسىي يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن رۇسىيە قايتىدىن بۇ رايوننىڭ رۇسىيىنىڭ ھەربىي-سىياسىي، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىسىدىكى مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، مەركىزىي ئاسىياغا بولغان ھەر تەرەپلىمىلىك تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى.

رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كوللىكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى، ياۋرو-ئاسىيا تاموژنا بىرلىكى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقى دېگەندەك رايون خاراكتېرلىق تەشكىلاتلارغا تايىنىپ، ئۆزىنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى قولغا كەلتۈردى. مەركىزىي ئاسىيا مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، گەرچە بۇ جەرياندا رايون دۆلەتلىرى مەركىزىي ئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكى، مەركىزىي ئاسىيا ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېگەندەك تەشكىلاتلار شەكلى بىلەن ئۆزارا باغلىنىشنى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشسىمۇ ، بىراق بۇ رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تەتۈر تاناسىپلىق رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ئاقىۋەتتە، مەزكۇر تەشكىلاتلار قۇرۇق نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتايمۇ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. لېكىن، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، قازاقىستان پرېزىدېنتى نازاربايېف رايون دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجانمۇ قوللىشى مۇمكىن

نازاربايېفنىڭ بۇ پىكىرى تۈركىيە ئالىملىرى ۋە سىياسىيونلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى ، ھەتتا سابىق تۈركىيە پرېزىدېنتى سۇلايمان دېمىرەل مۇستافا كامال ئاتا تۈرك، تۇرغۇت ئوزال ئالپارسلان تۈركەش قاتارلىق پېشىۋالارنىڭ ئىدىيىسىنى تېخىمۇ كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئۆزىنىڭ" ئادرىئاتىك دېڭىزىدىن خىتاي سېپىلىغىچە بولغان بىپايان زېمىندىكى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى" ئىدىيىسىنى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىپ كەلدى.

مەركىزىي ئاسىيالىق مۇتەخەسسىس بەختىيار شاھنازاروفنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىككە كېلىشى قەدىمى ھازىر تاشلىنىپ بولدى. نازاربايېفنىڭ ئاپرىلدا قىرغىزىستانغا قاراتقان زىيارىتىدە بۇ يۆنىلىشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھۆججەتلەر ئىمزالاندى. باقىيېۋ بۇ ئىدىيىنى قوللايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستاننىڭمۇ بۇنىڭغا قىزىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەلۋەتتە، ھازىرچە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان نازاربايېف ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر ئىتتىپاق لايىھىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن، ئەگەر رايون رەھبەرلىرى كەلگۈسىدە ئۆزارا پۈتۈشسە ۋە بۇ ئىككى دۆلەت قوشۇلسا، ئۇلارنىڭمۇ مەزكۇر ئىتتىپاققا كىرىشىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.

بەختىيار شاھنازاروفنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپانىڭ بىرلىشىشى ياخشى بىر ئۈلگىدۇر. نۆۋەتتىكى مەسىلە مەركىزىي ئاسىيا رەھبەرلىرىنىڭ بۇ نۇقتىنى ياخشى چۈشىنىپ يېتىپ مەزكۇر ئىتتىپاقىنى قۇرۇشقا جىددىي كىرىشتىن ئىبارەت.

قەھرىمان غوجامبەردى :مەركىزى ئاسىيا ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق

چەت ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر رەھبەرلىرى جۈملىدىن سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى جۈملىدىن تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىرلىكىنى ئەڭ بۇرۇن تەشەببۇس قىلغان خەلقلەرنىڭ بىرى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا ئۇيغۇر رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، سابىت داموللا، مەسۇد سەبىرى ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىقلار بۇ ئىدىيىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە تەشەببۇسكارلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن سوۋېت ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن "پانتۈركىست " دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.

گەرچە، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەتكە ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن نازاربايېف ئوتتۇرىغا قويغان مەزكۇر ئىتتىپاققا دۆلەت سۈپىتىدە كىرىش سالاھىيىتى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا مەركىزىي ئاسىيادا ياشىغۇچى تۈركىي مىللەت سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلىشى مۇمكىن. مەزكۇر ئىتتىپاق ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن پايدىلىق رول ئوينىشى مۇمكىن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.