مەركىزىي ئاسىيا ئومۇمىي تارىخى پىلانى مۇزاكىرە ئۈستىدە


2007.06.19

مەركىزىي ئاسىيا رايونىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى 15 يىللىق مۇستەقىللىق ھاياتىدا بېسىپ ئۆتكەن مۇرەككەپ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات جەريانلىرى بۈگۈنكى كۈندە رايونىنى سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىدىيىلىرىنى مەيدانغا چىقىرىپلا قالماستىن بەلكى، يەنە قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تۈركمەن، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخىي كىملىكى، مەدەنىيەت كىملىكى ۋە مىللىي كىملىك جەھەتلەردىكى ئورتاقلىق تۇيغۇلىرىنى يورۇتۇش مەسىلىسىنى مەركىزىي ئاسىيا ئىلىم ساھەسى ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەت كۈن تەرتىپىگە قويدى.

يېقىندا ، قازاقىستاندىكى سۇلايمانوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى تۇنجى بولۇپ، مەركىزىي ئاسىيا ئومۇمىي تارىخىنى يېزىش پىلانى ۋە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قازاقىستان ،ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستان تارىخشۇناسلىرىنىڭ باش قوشۇپ، مەزكۇر ئومۇمىي تارىخنى بىرلىكتە يېزىپ چىقىش ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلدى.

ئومۇمىي تارىخ يېزىش ئىدىيىسىنىڭ سەۋەبى

بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان قازاقىستان تارىخشۇناسلىرىنىڭ قارىشىچە، ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تارىخشۇناسلىرىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى ئاساسىدا يېزىلىدىغان مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئومۇمىي تارىخى رايوندىكى خەلقلەرنىڭ ئورتاقلىق تۇيغۇسىنى تىكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى ئابلەت كامالوفنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر قايسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىل دۆلەتچىلىكىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، ھەر بىر جۇمھۇرىيەت ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تارىخلىرىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەكتەپ تارىخ دەرسلىكلىرىنى تۈزۈپ، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئايرىم دۆلەتچىلىك ۋە مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنى راۋاجلاندۇردى. قازاقىستان ئۆز ئالدىغا قازاقىستان تارىخىنى جۈملىدىن قازاق تارىخىنى، قىرغىزىستان، ئۆز ئالدىغا قىرغىز ۋە قىرغىزىستان تارىخىنى يېزىپ چىقتى . ئەلۋەتتە، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ھەم تاجىكىستانمۇ شۇنداق قىلدى. ئۇلارنىڭ تارىخ دەرسلىكلىرى ۋە تارىخ ئوقۇشلۇقلىرىدا ھەممىسى ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشقان بولۇپ، مەزكۇر تارىخلار مىللەتچىلىك خاھىشلىرىنىڭ كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

لېكىن، مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى خەلقلەرنىڭ قۇدرەت تېپىشى، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن گۈللىنىشى، ھەربىي -سىياسىي جەھەتلەردە خەلقئارالىق تەسىر كۈچىگە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئايرىم مەۋجۇت بولۇش ۋە ياكى ئايرىم تەرەققى قىلىش يولىنى تۇتىشىدىن كۆرە، ئۆزلىرىنىڭ جۇغراپىيىۋى، ئېتنىك، مەدەنىيەت ، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردىكى كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلىرى ۋە ئورتاقلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر گەۋدىگە ئايلىنىشنىڭ تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت يەكۈن قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف تەرىپىدىن قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىر قىسىم مەركىزىي ئاسىيا سىياسىيونلىرى، ئىقتىسادشۇناسلىرى ۋە زىيالىيلىرى ھەتتا پۇقرالىرى بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ, رايوننىڭ پارچىلىنىپ تۇرغۇنىدىن كۆرە بىرلىككە كېلىشنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى شۇنىڭدەك بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق تارىخىي ۋە مەدەنىيەت كىملىك تۇيغۇسىنى تىكلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى. دېمەك، مەركىزىي ئاسىيا ئومۇمىي تارىخىنى يېزىش ئىدىيىسى ئەنە شۇ ئىدىيىلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولسا كېرەك.

تارىخ تالىشىش زىيانلىق

ئۆزبېكىستانلىق شەرقشۇناس ئابدۇساتتار جۈمەنەزەر ئەپەندى مەزكۇر تارىخ مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، "بۇ ناھايىتى مۇھىم ، دەل ۋاقتىدا تۇتىدىغان زۆرۈر مەسىلە بولۇپ، بۇنىڭغا ئاللىقاچان تۇتۇش قىلىش كېرەك ئىدى . بۇ ھازىرقى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشىغا خىزمەت قىلىدۇ، مەدەنىيەتلىك -مەدەنىيەتسىز دېگەن گەپلەر يوقىلىدۇ، ھەممىنىڭ يىلتىزى بىر ئىكەنلىكى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىز پالانچى بىزنىڭكى، قازاقلار فارابى بىزنىڭكى، تاجىكلار ئىبنى سىنا بىزنىڭكى دېسە، ئۇ چاغدا، تارىخ بۇزۇلىدۇ. ئۇلار ھېچ كىمنىڭ ئەمەس، ئۇلار ھەممىمىزنىڭ ئەجدادلىرى" دەيدۇ.

بىر قىسىم مەركىزىي ئاسىيا تارىخشۇناسلىرى تارىخ تالىشىش، بولۇپمۇ تارىختىكى مەشھۇر مەدەنىيەت نامايەندىلىرى فارابى، مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئىبىن سىنا، ناۋايى ۋە باشقىلارنى ئۆزارا تالىشىشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى تەنقىد قىلىشىپ، مەركىزىي ئاسىيا تارىخىنى "ئومۇمىي تۈرك تارىخى " دەپ ئاتاش، بۇ تارىخنى يازغاندا ئايرىم، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە باشقا ناملارنى ئاتىماي، بەلكى "تۈرك" ئىبارىسىنى قوللىنىشنى شۇنىڭدەك مەكتەپلەردە بۇنداق "ئومۇمىي تۈرك تارىخى" دەرسلىكلىرىنى ئوقۇتۇش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە، قازاقىستاندا مەركىزىي ئاسىيا ئومۇمىي تارىخىنى يېزىش مەسىلىسى بويىچە تار دائىرىلەر بويىچە مۇھاكىمە يىغىنلىرى بولۇپ ئۆتكەن ، بۇ يىغىنلاردا مەزكۇر تارىخنى قانداق ئۇسۇل ۋە قانداق مەزمۇندا يېزىش شۇنىڭدەك تارىخىي مىراسلار ۋە تارىخىي تەرەققىيات جەريانغا قانداق باھا بېرىش ھەم مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.