
يېقىندا خىتايدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى خىتاينىڭ 2010 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن يەنە ئىككى تۆمۈر يول لىنىيىسىنى تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇلارنىڭ بىرى قەشقەردىن باشلىنىدىغان خىتاي - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى، يەنە بىرى قورغاستىن قازاقىستانغا تۇتىشىدىغان تۆمۈر يول. ئۇنداقتا مەزكۇر تۆمۈر يول لىنىيىسى خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ۋە غەربىي يېرىم شار ئىستراتېگىيىسىدە قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە؟
بۇ لىنىيە خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە
خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي, قازاقىستان, قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان رەھبەرلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە كېلىشىمى بويىچە قەشقەردىن قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى ئارقىلىق ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان ۋىلايىتىگە تۇتىشىدىغان خەلقئارالىق تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 2010 - يىلى رەسمىي پۈتۈپ قاتناش باشلىنىش قارار قىلىنغان.
جىڭدىن قورغاسقىچە بولغان تۆمۈر يول بۇ يىل پۈتۈپ، 2010 - يىلى قازاقىستان تەۋەسىدىكى تۆمۈر يول لىنىيىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ. جىڭ - قورغاس تۆمۈر يول لىنىيىسى ئۈچۈن ئالتە مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، مەزكۇر تۆمۈر يول خىتاي بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى ئالاتاۋ لىنىيىسىدىن كېيىنكى ئىككىنچى لىنىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەزكۇر يېڭى ئىككى تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇش بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا جۈملىدىن ياۋروپا بىلەن بولغان سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى يېزىشماقتا.
مەقسەتلەرنىڭ بىرى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش
ياپونىيىدە ئاممىۋى سىياسەت پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇغان، ھازىر ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان بىر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس ھەقىقەتەن مەزكۇر يېڭى تۆمۈر يوللارنىڭ خىتاينىڭ تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى، بولۇپمۇ كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول لېنىيىسىگە قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇ لىنىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان. چۈنكى مەزكۇر لىنىيە خىتاينى پەرغانە ۋادىسى ئارقىلىق تۈركمەنىستان، ئىران ھەتتا تۈركىيە ھەم ياۋروپا بىلەن باغلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. كەلگۈسىدە خىتاي مەزكۇر لىنىيە ئارقىلىق مال توشۇغاندىن سىرت يەنە ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا ھەمدە كاسپىي بويىنىڭ نېفىتلىرىنى توشۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ مەزكۇر تۆمۈر يولنى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان سودا - ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىماقتا.
ھىندىستاننىڭ Times New Network ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر پىلانىنىڭ ئامېرىكا ۋە ھىندىستان نېفىت شىركەتلىرىگە رىقابەت پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاينىڭ مەزكۇر قۇرۇقلۇق يوللىرى ئارقىلىق مەركىزىي ئاسىيانىڭ نېفىتلىرىگە ئېرىشىپ، ئامېرىكىنىڭ قامالى ئاستىدىكى دېڭىز يولى ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىتىنى ئىمپورت قىلىش ئېھتىياجىنى ئازايتماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
تارىم ۋادىسىنىڭ نوپۇس تەركىبىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلىدۇ
خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر ۋىلايىتىنى ئۇنىڭ كۆپ دۆلەت بىلەن چېگرىلىنىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇنى يېقىن كەلگۈسىدە غەربتىكى شېنجېن قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلان قىلغان. شۇ پىلان بويىچە ھازىر بۇ رايوننىڭ نوپۇسىدا جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ رايوندا ئاز سانلىق بولۇپ كەلگەن خىتايلار ھازىر تېز كۆپەيمەكتە.
مەزكۇر ئۇيغۇر سىياسەتشۇناسنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى قەشقەر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ھاياتىدىمۇ ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ رايونغا تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كېلىپ ماكانلىشىپ، تارىم ۋادىسىدا ئۇيغۇرلارنى نوپۇس جەھەتتە ئاز سانلىققا چۈرۈش بىلەن خىتاينىڭ كەلگۈسىدە تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش پىلانى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئېلى جۇغراپىيىۋى سىياسەتلەرنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسى
خىتاي يەنە تۆمۈر يولنى خوتەنگە تۇتاشتۇرماقچى ھەمدە تۆمۈر يول لىنىيىسىنى پاكىستان بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھىندى ئوكيان بويلىرىغا تېز ۋە ئاسان چىقىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، تۈركىيە ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى 21 - ئەسىردە خىتاينىڭ غەربىي، جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمدە ياۋروپا بىلەن بولغان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تۈگىنىگە ئايلىنىشى شۇنىڭدەك ئامېرىكا، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرىنىڭ توقۇنۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. (ئۈمىدۋار)