ئوتتۇرا شەرقتە ۋەزىيەت جىددىيلەشمەكتە


2006.07.13

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لىۋاندىكى ھىزبۇللا مىلىتانلىرى ئىسرائىلىيە چېگرا قوغداش قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ، 8 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى گۆرۈگە ئالغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادىن لىۋاندىكى نىشانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئازدېگەندە 55 كىشى ئۆلگەن.

توقۇنۇشتىكى ئېغىر چىقىم

لىۋاندىكى ھىزبۇللا مىلىتانلىرىنىڭ، ئىسرائىلىيىنىڭ شىمالىي رايونىغا قارشى راكېتا بىلەن ئېلىپ بارغان قايتارما ھۇجۇمىدا بىر ئىسرائىلىيىلىك ئايال ئۆلگەن.

بۇ ئارىدا ئىسرائىلىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئۆتكەن ئاي پەلەستىنلىك مىلىتانلار تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى قۇتقۇزۇش مەقسىتىدە پەلەستىن تۇپراقلىرىدا باشلاتقان ھەربىي ھەرىكىتىمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيە ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى پەيشەنبە كۈنى غەززەدىكى پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىنى بومباردىمان قىلغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ بومباردىمان نەتىجىسىدە 10 پەلەستىنلىك بالا يارىلانغان.

پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ پرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباس، بۇ توقۇنۇشلارنىڭ پۈتۈن ئوتتۇرا شەرق رايونىغا كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئىسرائىلىيىنىڭ غەززەگە ھەربىي قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ، لىۋانغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقى، پەقەت پەلەستىنلىك ۋە ھىزبۇللا مىلىتانلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئىلىنغان ئەسكەرلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنلا ئەمەسلىكىنى ، ئۇلار ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش بىلەن بىرگە، پەلەستىندە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن خاماس ۋە لىۋاندىكى ھىزبۇللا ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئويۇننىڭ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى شەيخ ھەسەن نەسرۇللا، ھىزبۇللا ئەزالىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، گۆرۈگە ئېلىنغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئەمما ئىسرائىلىيە باش مىنسىتىرى، خاماس مىلىتانلىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى رەت قىلغاندەك، ھىزبۇللا رەھبىرىنىڭ بۇ تەكلىپىنىمۇ رەت قىلدى.

ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تىنچلىقنى قايتىدىن ئورنىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە ب د ت بۇ توقۇنۇشلارنىڭ چوڭ بىر ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆز‏- ئارا سۆھبەتلەر ئېلىپ بارماقتا. لېكىن بۇ دۆلەتلەر توقۇنۇشلارغا پەرقلىق كۆز قاراشلار بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ.

دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاراشلىرى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇرۇشنىڭ كېڭىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ۋە تىنچلىقنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھىزبۇللانى لىۋاندىكى توقۇنۇشلارنىڭ باشلىنىشىغا سەۋبچى قىلىپ كۆرسەتتى.

گېرمانىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەپ، ھىزبۇللا تىنچلىقنى خالىمايدۇ، خاماسنىڭ مىلىتانلىرى تىنچلىقنى خالىمايدۇ. بىز تىنچلىقنى خالايدىغانلار بىلەن ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز، دېدى. ئۇ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى لىۋاندىكى سونىيۇرا ھۆكۈمىتىنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشىشىگە سەۋەب بولىدىغان ھەرىكەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشىقا چاقىردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى شۇنداقلا، سۇرىيىدىن ئىسرائىلىيىنىڭ ئەسكەرلىرىنى قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن ھىزبۇللا ھەرىكىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

لېكىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيە توقۇنۇشلاردىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيىنىڭ ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىس دۆلىتى بولغان فىنلاندىيە، ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋاندىكى ھىزبۇللا مىلىتانلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى بۇنداق چوڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەزالىرىنىڭ بېرى بولغان فرانسىيە ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مەسىلىگە ئارىلىشىشى توغرىسىدىكى تەلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنلىك ۋە ھىزبۇللا مىلىتانلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئەسكەرلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن لىۋان ۋە پەلەستىن تۇپراقلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مىخائىل كامىنىن موسكۋادا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيىنى لىۋاننىڭ .مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.