ھەسەن نەسرۇللا ئىسرائىلىيىگە قارشى ئوچۇق ئۇرۇش ئېلان قىلدى


2006.07.14

ئىسرائىلىيە، چارشەنبە كۈنى ھىزبۇللا مىلىتانلىرى ئىسرائىلىيە چېگرا قوغداش قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 8 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، 2 ئەسكىرىنى گۆرۈگە ئالغاندىن كېيىن، لىۋاندىكى نىشانلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، جۈمە كۈنى لىۋەندىكى ھىزبۇللا رەھبىرىنىڭ بېيرۇتدىكى ئويى ۋە ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ باش شتابىنى بومباردىمان قىلدى.

ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ ھۇجۇمىدىن كېيىن، ھىزبۇللانىڭ رەھبىرى شەيخ نەسرۇللا، ئىسرائىلىيىگە قارشى ئوچۇق ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشنى ئىسرائىلىيىنىڭ ھايفا ۋە ئۇنىڭدىن مۇ ئىچكىرىدىكى شەھەرلىرىگە قەدەر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىسرائىلىيىنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى ھېسابلانغان ھايفا، پەيشەنبە كۈنى ھىزبۇللا مىلىتانلىرىنىڭ قاتتىق راكىتا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ھىزبۇللا رەھبىرىنىڭ ئۆيىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىدا ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھۇجۇمنىڭ نەسروللانى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى رەت قىلدى. ئەمما ھۇجۇمدا ھىزبۇللا تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىنىڭ نىشان ئېلىنغانلىقى ئېنىقلاندى.

توقۇنۇشتىكى يېڭى بىر باسقۇچ

ھىزبۇللانىڭ نەسروللادىن بۇرۇنقى رەھبىرى ئابباس ئەلمۇسەۋىي 1992 ‏- يىلى ئايالى ۋە ئۈچ ياشلىق بىر قىزى بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇمى ۋە ھىزبۇللانىڭ رەھبىرى شەخ نەسرۇللانىڭ ئىسرائىلىيىگە قارشى ئوچۇق ئۇرۇش ئېلان قىلىشى بىلەن 1948 ‏- يىلىدىن بېرى ئوتتورا شەرقتە ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى.

نۇرغۇنلىغان سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، بۇ توقۇنۇشلارنىڭ يەنە ئۇزۇن يىللار داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ توقۇنۇش ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈن، ئەرەپ ۋە ئىسرائىلىيىكلەرنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكلەرنى ئۇنتۇپ، بىر-بىرلىرىنى كەچۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس.

گەرچە ئىسرائىلىيە ھەم غەززەدە پەلەستىنلىكلەرگە قارشى باشلاتقان ھەربىي ھەرىكىتى ھەمدە لىۋانغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىدە، خاماس ۋە ھىزبۇللا مىلىتانلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئەسكەرلىرىنى قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكەتنى پەقەت گۆرۈگە ئېلىنغان ئەسكەرلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، پەلەستىندە خاماس ۋە لىۋاندا ھىزبۇللا غا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىسرائىلىيە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە رايوندا، ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىن ۋە لىۋانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتالايدىغان ھېچقانداق بىر ھەربىي كۈچ يوق. ئىسرائىلىيىگە سۆزىنى ئۆتكۈزەلەيدىغان دۇنيادا پەقەت بىرلا دۆلەت بار، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيسىگە دىققەت قىلىدۇ. گەرچە پرېزىدېنت بۇش تەرەپلەرنى سەۋرىچان بولۇشقا چاقىرغان بولسىمۇ، ھىزبۇللانى توقۇنۇشلارنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەبچى دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە ئىسرائىلىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈردى. دېمەك، بۇ ۋەقەدە ئىسرائىلىيىنى قوللىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بۇ قېتىم ئىسرائىلىيىنىڭ ھەرىكىتىگە ئۇنداق قاتتىق ئىنكاس قايتۇرمىدى. ھەتتا گېرمانىيە باش مىنىستىرى مەركەل پرېزىدېنت بۇشقا ئوخشاشلا ھىزبۇللا ھەرىكىتىنى بۇ قېتىمقى توقونۇشلارنىڭ سەۋەبچىسى دەپ كۆرسەتتى.

ھەتتا بەزى ئەرەپ سىياسەتچىلىرىمۇ، خاماس ۋە ھىزبۇللانى ئىسرائىلىيىنىڭ بۇنداق كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىشىغا سەۋەب بولدى دېگەن تەللەپپۇزدا باياناتلار بەردى. ئەرەب سىياسەتچىلىرى بۇندىن بۇرۇن ھېچقاچان بۇنداق پوزىتسىسيىدە بولمىغان. دېمەك ئىسرائىلىيە خاماس ۋە ھىزبۇللاغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مۇناسىپ ۋاقىتنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆردى ۋە خاماس ۋە ھىزبۇللا مىلىتانلىرى ئىسرائىلىيىگە بۇ ھەرىكىتىنى باشلىشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

شۇڭا نۇرغۇن سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئىسرائىلىيە، ھەم رايوندىكى ھەربىي ئۈستۈنلىكىدىن ھەمدە مەۋجۇت سىياسىي ئاتموسفىرادىن پايدىلىنىپ، خاماس ۋە ھىزبۇللا ھەرىكەتلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ ئىككى ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى يوقاتمىغىچە، پەلەستىن ۋە لىۋاندا باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى توختاتماسلىقى مۇمكىن دېيىشمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.