دۇنيا رەھبەرلىرى لىۋاندا تىنچلىق بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا


2006.07.17

ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرىداش جايلاردا، ھىزبۇللا پارتىزانلىرى ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ 8 ئادىمىنى ئۆلتۈرۈپ 2 ئادىمىنى تۇتقۇن قىلغانلىقتىن، ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، لىۋاننى بومبىلاۋاتقىلى ھازىر 6 كۈن بولدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بيۇرۇتتىن خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ خايفا شەھىرى ھىزبۇللا قىىسملىىرنىڭ راكېتا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بەزى بىنالار ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە دۈشەنبە كۈنى لىۋاننىڭ بيۇرۇت شەھىرىدىن باشقا جايلارنىمۇ بومبىلىدى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ شىمالىدىكى ترىپولى شەھىرى ۋە لىۋاننىڭ شەرق تەرىپىدىكى بائالبەك شەھىرىدىكى ھىزبۇللا ئىستىھكاملىرىنى ھاۋادىن بومبىلىغان.

چەتئەل پۇقرالىرى چېكىندۈرۈلۈشكە باشلىغان

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چەتئەللەر يېقىندىن بۇيان لىۋاندا ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ئىچىدە خەتەر ھالەتتە تۇرۇۋاتقان پۇقرالىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشقا ياكى تارقاقلاشتۇرۇشقا باشلىدى. لىۋاندا تۇرۇۋاتقان ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىدىن 5000 ئادەم 17‏- ئىيۇل كۈنى ئۆز ھۆكۈمىتىدىن ياردەم تەلەپ قىلىپ ئاۋسترالىيىنىڭ بيۇرۇتتىكى ئەلچىخانىسىغا ئۆزىنى تىزىمغا ئالدۇرغان. ئاۋسترالىيە ۋە لىۋان تەۋەلىكىنى ساقلاپ قېلىپ بيۇرۇتتا ياشاۋاتقان ئاۋسترالىيىكلەرنىڭ سانى 25 مىڭ چامىسىدا. يەكشەنبە كۈنى 45 نەپەر پۇقراسىنى چېكىندۈرۈپ چىققان. قالغان پۇقرالىرىنىمۇ داۋاملىق چىكندۈرمەكتە. ھازىر ئاۋسترالىيە ئۆز پۇقرالىرىنى لىۋاندىن چېكىندۈرۈپ چىقىدىغان ياكى تارقاقلاشتۇرۇدىغان بىخەتەر چارە قوللانماقتا. يېڭى زىللاندىيە دائىرىلىرى بولسا لىۋاندىكى پۇقرالىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئەنگىلىيە، فرانسىيە دائىرىلىرى بىلەن ئالاقىلاشماقتا. تايلاند، ياپونىيە، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ ئۆز پۇقرالىرىنى لىۋاندىن قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا. فىلىپىننىڭ 30 مىڭدەك ئىشچىسى لىۋاندا ئىشلەيتتى، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ھازىر لىۋاندىكى خرىستىيان ئىبادەتخانىلىرىغا تارقاقلاشتۇرۇلغان. تايلاندنىڭمۇ 25 مىڭدەك ئادىمى لىۋاندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ 200 نەپىرى لىۋان بىلەن -ئىسرائىلىيىگە چېگرىداش جايدا تۇرغاچقا، ھازىر تايلاند ھۆكۈمىتى ئۇلارنى تىز چېكىندۈرۈشنىڭ ئامالىنى قىلماقتا. ياپونىيىنىڭ لىۋاندا ئۇزۇن يىل تۇرۇشقا رۇخسەت ئالغان 70 نەپەر پۇقراسى بار. ئۇلارمۇ ھازىر چېكىندۈرۈلۈشنى تەلەپ قىلغان. جەنۇبىي كورىيىنىڭ لىۋاندا تۇرىۋاتقان 60 نەپەر پۇقراسىنىڭ 36 سى سۈرىيىگە كەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، لىۋاننىڭ ھىزبۇللا قىسىملىرى 12 ‏- ئىيۇل كۈنى ئىسرائىلىيىنىڭ 8 نەپەر ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، 2 نەپەر ئەسكىرىنى تۇتقىن قىلغانلىقتىن باشلانغان ئىسرائىلىيە-لىۋان توقۇنۇشى ھازىر بارغانسىرى دەرىجە ئۆرلىمەكتە. ھەر ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئادەملەرنىڭ سانى كۈندىن -كۈنگە كۆپەيمەكتە. خىتاينىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 7 ‏- ئاينىڭ 17 - كۈنى لىۋاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشقا باشلىغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 60 نەپەر خىتاي پۇقراسى لىۋاندىن ئاپتوبۇس بىلەن سۈرىيىگە چېكىنىپ، سۈرىيىنىڭ دەمەشق شەھىرىدىن ئايروپىلان بىلەن خىتايغا قايتىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭ، ماكاۋلارلىقلارنىمۇ لىۋاندىن چېكىنىشكە دەۋەت قىلماقتا.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لىۋاندا 25 مىڭ نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى بار. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندولىسا رايس خانىم 'ئامېرىكا پۇقرالىرى ھازىر قۇتقۇزۇلۇشقا باشلىدى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ لىۋاندىكى ئەھۋالى ھەققىدە ماڭا بىر نەچچە سائەتتە بىر قېتىم دوكلات كېلىۋاتىدۇ' دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بەش بۇرجەك بىنا ھازىر ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن لىۋانغا 20 كىشىلىك گۇرۇپپا ئەۋەتىشنى قارار قىلغان. كانادا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، لىۋاندا تۇرۇۋاتقان كانادا پۇقرالىرىنىڭ سانى 40 مىڭ چامىسىدا. ئىسرائىلىيىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا 7 نەپەر كانادالىق ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 6 نەپەر مونترىيوللىق بار. بۇنداق جىددىي ئەھۋالدا، كانادا ھازىر لىۋاندىن ئۆز پۇقرالىرىنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن ئىككى پاراخوت ئەۋەتكەن.

يۇرتلىرىنى تاشلاپ سىرتقا قېچىۋاتقانلار كۈندىن -كۈنگە كۆپەيمەكتە

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا، ھازىرغا قەدەر لىۋاندا 170 ئادەم، ئىسرائىلىيىدە 24 ئادەم ئۆلگەن. لىۋاننىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئاھالىلەردىن يۇرتلىرىنى تاشلاپ سىرتقا قېچىۋاتقانلار كۈندىن -كۈنگە كۆپەيمەكتە. بەزى مەھەللىلەر ھازىر قۇرۇق قالغان. بەزى كىشىلەر سۈرىيىگە كەتسە، بەزىلەر قىبرىسقا كېتىۋاتىدۇ. ھازىرقى ئەھۋالدا ئۇرۇش ئوتى كۈندىن -كۈنگە ئۇلغۇيامدۇ ياكى ئۆچۈرۈپ تاشلىنامدۇ؟ بۇ كرىزىستىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى بارمۇ؟ ئوتتۇرا شەرقتە تىنچلىقتىن ئۈمىد كۈتۈش مۇمكىنمۇ؟ بۇنداق سوئاللار ھازىر خەلقئارانىڭ ئالدىغا قويۇلدى.

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ غەربىي ئاسىيا‏-ئافرىقا تەتقىقاتچىسى يىن ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە 2000 ‏- يىلى 5 ‏- ئايدا لىۋاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ھىزبۇللا قىسىملىرى بۇ رايوننى ئىگەللىگەن ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ 1559 ‏- نومۇرلۇق قارارىدا ھىزبۇللانى قورالسىزلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ھىزبۇللانى سۈرىيە بىلەن ئىران قوللايدۇ. ھازىر لىۋاندا شىئە مەزھىپىدىن بولغان ھىزبۇللا قىسىملىرىنىڭ قىلىۋاتقان ھەرىكىتى پۈتۈن ئەرەپ دۇنياسىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەت ئەمەس. ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق قوشۇنى ئەۋەتىپ لىۋاندا تىنچلىق تىكلەش ئۈچۈن تىرىشماقتا. لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەدبىر قوللۇنىشىمۇ ھازىر بىر مۇھىم مەسىلە. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.