ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ توختىشى مۇمكىنمۇ؟


2006.07.18

بىر ھەپتىدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 234 كىشىگە يەتتى، ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ ئىسرائىلىيىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە 13 ئىسرائىلىيىلىك ئۆلگەن. توساتتىن باشلانغان بۇ قانلىق توقۇنۇش لىۋان خەلقىنى ھەمدە ئىسرائىليىلىكلەرنى قاتتىق غەزەپلەندۈرمەكتە. ئەمما ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى شۇنداقلا ھىزبۇللا ھەرىكىتى يېتەكچىلىرى ھازىرچە ئۇرۇشنى توختىتىش نىيىتى يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئىسرائىلىيە ھىزبۇللا ھەرىكىتىنى قورالسىزلاندۇرماقچى

كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، بۇ قېتىمقى توقۇنۇش باشلىنىشىغا، لىۋاندىكى ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ بىر چېگرا قوغداش قىسىمغا ھۇجۇم قىلىپ، 8 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى گۆرۈگە ئېلىش سەۋەبچى بولدى. لېكىن دەسلەپتە لىۋانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ھىزبۇللا ھەرىكىتى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى ئەسكىرىنى قۇتقۇزۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، ئەمدى ھىزبۇللا ھەرىكىتى قورالسىزلاندۇرۇلمىغىچە، لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇ قېتىمقى توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ ھىزبۇللا ھەرىكىتىنى ئەيىبلىشى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى بار دەپ، ئىسرائىلىيىنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىشى، ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسىدىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە سەۋەب بولغان.

ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىنكاسى

بۇ قېتىمقى توقۇنۇشقا بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى بۇرۇن ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن بىر ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلدى. مىسىر، ئىئوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى، ھىزبۇللانىڭ سەۋەبسىز ۋە ۋاقىتسىز ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئەرەب دۇنياسىنى مەغلۇبىيەت گىردابىغا ئېلىپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، گەرچە ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارا تىلغان ئالمىغان بولسىمۇ، لىۋاندىكى مەلۇم گۇرۇپپىلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەسئۇلىيەتسىز ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئاگاھلاندۇردى.

خەلقئارا ۋەزىيەتنى ئۆزىنىڭ مەقسەتلىرى ئۈچۈن مۇۋاپىق كۆرگەن ئىسرائىلىيە باش مىنستىرى ئولمەرت، لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان شەرەتلىرىنىڭ دائىرسىنى كېڭەيتىپ، ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ھىزبۇللا جەڭچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۆگە ئېلىنغان ئىككى ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە قوشۇمچە، ھىزبۇللا ھەرىكىتىنى قورالسىزلاندۇرۇش شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھىزبۇللا ھەرىكىتى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ ھەر ئىككى تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىسرائىلىيىنىڭ ئىككى ئەسكىرىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەر: ئۇرۇن خېلى ۋاقىت داۋاملىشىشى مۇمكىن

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، بۇ شەرتلەر ئاستىدا ئۇرۇشنىڭ يەنە خىلى ۋاقىت داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. چۈنكى لىۋاندىكى ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ قوراللىرىنى تاپشۇرۇشنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

سۈرىيىلىك ئاتاقلىق سىياسىي مۇلاھىزىچى سامى مۇبايىد ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدا، ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ ھەرىكەتنى قورالسىزلاندۇرۇش شەرتىنى قەتئى قوبول قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:

"ئىسرائىلىيىنىڭ ھىزبۇللانى قوراللىرىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن ئەمەس. ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى نەسرۇللا 1992‏- يىلىدىن بېرى لىۋاندىكى ئەڭ چوڭ قوراللىق گۇرۇپپىغا قوماندانلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان قوللۇغۇچىسى بولغان، ئىران ۋە سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمدە لىۋاندىكى شىيىلەر ھىمايە قىلىۋاتقان بىر رەھبەر. شۇڭا ھىزبۇللانى قورالسىزلاندۇرۇپ، لىۋاننىڭ سىياسىي سەھنىسىدىن يوقىتىش، ئىراقتا سادام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن، سىياسىي ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن شىيىلەردىن، ھاكىمىيەتتىن ۋازكىچىشىنى تەلەپ قىلغانغا ئوخشايدۇ".

ئۇ، ماقالىسىدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: "لىۋاندىكى شىيىلەرمۇ يۈز يىلغا يېقىن لىۋاندىكى سۇننىلەر ۋە خرىستىئانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشىغان. ئۇلار 1970‏- يىللاردا ئىمام مۇسا ئەلسەدىرنىڭ ۋە 1990‏- يىلاردا نەسرۇللانىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ئۇلار ئۈچۈن قوراللىق تۇرۇش بولمىسا بولمايدىغان بىر زورۇرىيەت. يەنە بىر تەرەپتىن لىۋاندا ھىزبۇللدىن باشقا ھىزبۇللانى قورالسىزلاندۇرلايدىغان باشقا بىر ھەربىي كۈچ يوق. شۇڭا ئەگەر ئىسرائىلىيە، ئۇرۇشنى توختىتىشنى خالىسا، ھىزبۇللانى قورالسىزلاندۇرۇش شەرتىدىن ۋاز كېچىشنى كېرەك"

ئەمما ئىسرائىلىيە تەرەپ ئەمدى لىۋاندا ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ۋەزىيەتكە قايتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، قانداق بولمىسۇن ئىسرائىلىيىنى داۋاملىق بىئارام قىلىپ تۇرغان ھىزبۇللا ھەرىكىتىنى چوقۇم قورالسىزلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ئىككى تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسى ئۇرۇشنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ بولۇپمۇ لىۋان پۇقرالىرىنىڭ ئۇرۇش ئاستىدا تېخى ئۇزۇن ۋاقىتغىچە ئازاپلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.