سىياسەتچىلەر ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئارقىسىدا ئىران بار دەپ قارىماقتا


2006.07.21

لىۋاندىكى ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ 12 ‏- ئىيۇل كۈنى توساتتىن ئىسرائىلىيە چېگرا قوغداش قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ 8 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ 2 ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا ھۇجۇم باشلاپ، ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى بىر ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىنى، ئىراننىڭ ۋاشىنگتونغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان دۈشمەنلىك ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراۋاتقانلار پەقەت ئامېرىكىدىكى كونسېرۋاتىپ جۇمھۇرىيەتچىلەرلا ئەمەس. دېموكراتچىلارمۇ بۇ مەسىلىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن ئوخشاش كۆز قاراشتا.

ئامېرىكا ئىسرائىلىيىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللىدى

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈن ئامېرىكىدا مەۋجۇت ئاتموسفېرا 2001‏- يىلى 11‏- سېنتەبىر كۈنى نيۇيورك ۋە ۋاشىنگتون شەھەرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن ئىراق ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىغا قەدەر بولغان دەۋىردە مەۋجۇت ۋەزىيەتكە ئوخشايدىكەن. ئۇ چاغدا، ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى ئىدېئولوگىيىلىك ئىختلاپلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تېررورچىلىققا قارشى باشلاتقان ئۇرۇشى ۋە ئىراققا قارشى ھەربىي ھەرىكەت باشلىشىنى بىردەك ماقۇللىغان ئىدى. بۈگۈنمۇ شۇنداق بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پالاتاسى بىردەك قارار ماقۇللاپ ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتىنى قولايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىگە ئوخشاشلا ئامېرىكا مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان خەۋەر ، مۇلاھىزە ۋە ماقالىلاردىمۇ ئاساسەن ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇمى ھەقلىق كۆرسىتىلىۋاتىدۇ.

ئىران بۇ ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا

سىياسىي مۇلاھىزىچى جىم لوبنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى ئامېرىكىدىكى سىياسەتچىلەرنىڭ ھىزبۇللانىڭ ئىراننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكىدىندۇر.

ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان سىياسىيۇنلار، بولۇپمۇ كونسېرۋاتىپ سىياسەتچىلەر ۋە سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسى بولغان ئىراننىڭ رۇخسىتى ئالماستىن تۇرۇپ ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ھۇجۇمنىڭ بىۋاستە ئىران تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقىنى بايان قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىران بۇنداق بىر ھەرىكەت قوزغاش ئارقىلىق دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئىران يادرو مەسىلىسىدىن باشقا تەرەپكە بۇراشنى مەقسەت قىلغان. شۇنداقلا ئەگەر ئامېرىكا يادرو مەسىلسىدە ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىۋەرسە، ھىزبۇللا قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شىيە ھەرىكەتلەرنى ئىشقا سېلىپ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئامېرىكىغا سىئېگنال بېرىشكە ئۇرۇنغان. ئوتتۇرا شەرقتە باشلانغان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن دۇنيادا نېفىتنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلىگەن بولۇپ، ئىران بۇ ۋەزىيەتتىنمۇ پايدىلانماقتا ئىكەن.

ئەرەپ دولەتلىرىنىڭ كۆزقارىشىمۇ ئوخشاش ئەمەس

بۇنداق ئويلاۋاتقانلار پەقەت ئامېرىكا سىياسەتچىلىرىلا ئەمەس. سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ئىئوردانىيدىكى نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ئوخشاش كۆز قاراشتا بولماقتا. ھەتتا بەزى مۇتەخەسسسسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ئىئوردانىيە قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى، ھىزبۇللا ھەرىكىتىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر تەھدىد دەپ قارىغاچقا، ئىسرائىلىيىنىڭ ھىزبۇللا ھەرىكىتىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدىن خۇرسەن بولماقتا.

ئامېرىكىدا چىقىدىغان نيۇيورك گېزىتىنىڭ مۇلاھىزىچىسى توماس فىرىدمان، لىۋاندا توقۇنۇشلارنىڭ باشلىنىشى بىلەن، لىۋان، ئىراق ۋە پەلەستىندە تىكىلگەن دېموكراتىيە گۈللىرىنىڭ، ھىزبۇللا جەڭچىلىرىنىڭ ئۆتەكلىرى ئاستىدا يوق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بەزى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، ئىراننىڭ ھىزبۇللانى ئىشقا سېلىپ، لىۋاندا ئۇرۇش باشلىتىش ئارقىلىق ئاللىقاچان يەتمەكچى بولغان بەزى نىشانلىرىغا يەتكەنلكىنى بىلدۈرمەكتە، رۇسىيىدە جەم بولغان دۇنيادىكى تەرەققى قىلغان سەككىز چوڭ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى، ئوتتۇرا شەرقتە باشلانغان توقۇنۇش تۈپەيلىدىن يېغىننىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسى بولغان ئىران يادرو مەسىلسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلمىگەن.

شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋاندىكى ھىزبۇللا ھەرىكىتىگە قارشى باشلىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاش ئارقىلىق، ئىرانغا قارشى بولغان غەزىپىنى ئىپادىلمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.