ئىسرائىلىيە - لىۋان ئۇرۇشى يەنىلا جىددىي داۋاملاشماقتا

0:00 / 0:00
liwan.jpg
لىۋان باش مىنىستىرى Fuad Siniora ئەرەپ دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 2006 – يىلى 7 – ئاۋغۇست كۈنى بېيرۇتتا چاقىرىلغان يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. AFP

پۈتۈن دۇنيا جامائىتى ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئارىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى داۋاملىق تۈردە بېيرۇتنىڭ ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم جايلارنى بومباردىمان قىلماقتا ھەمدە شۇنىڭغا جاۋابەن ھىزبۇللا قوراللىق كۈچلىرىمۇ ئىسرائىلىيە چېگرا شەھەرلىرىگە راكېتا ئېتىشنى داۋاملاشتۇردى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال بىرلەشكەن دۆلەتلەر ھەققىدە تېزدىن قارار ئېلىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

ئۇرۇش جىددىي داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئارىسىدىكى ئۇرۇش 26-كۈنگە قەدەم قويغان بۇ كۈنلەردە ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى بىر-بىرىنى بومباردىمان قىلىش ھەرىكەتلىرى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە، شۇنىڭدەك ھىزبۇللا كۈچلىرى لىۋان تېررىتورىيىسىگە كىرگەن ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى بىلەن داۋاملىق تۈردە يۈزمۇ-يۈز جەڭ قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى نورماللاشتۇرۇپ، ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ھەرىكىتىنى باشلاۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى دۈشەنبە كۈنى بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى داخىئى شەھىرىنى بومباردىمان قىلغان. رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بومباردىماندا كەم دېگەندە 10 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى ھولا دەپ ئاتالغان يېزىنى بومباردىمان قىلغاندا، 40 نەپەر لىۋانلىق تىنچ پۇقرا ئۆلگەن.

ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمانلىرى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ئىسرائىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بىلەن ھىزبۇللا قوراللىق كۈچلىرى ئارىسىدا شىددەتلىك جەڭ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ھىزبۇللا تەرەپتىن 14 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن، بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۆلگەن ھەم تۆتى يارىلانغان. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يەكشەنبە كۈنى ھىزبۇللا ئىسرائىلىيە چېگرا شەھەرلىرىگە راكېتا ئاتقان بولۇپ، 15 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى ۋە كۆپلىگەن ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھىزبۇللانىڭ راكېتا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ 12 نەپىرى ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئىكەن. ھىزبۇللانىڭ ئىسرائىلىيىنىڭ 3- چوڭ شەھىرى خەيفاغا قاراتقان راكېتا ھۇجۇمىدا ئۈچ ئادەم ئۆلگەن، تەخمىنەن 160 ئادەم يارىلانغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى لىۋانغا نىسبەتەن تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش پىلانى تۈزگەن.

ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلەر

ئېنىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 26 كۈن جەريانىدا 997 لىۋان پۇقراسى، 94 ئىسرائىلىيىلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۆلگەن لىۋانلىقلارنىڭ ئارىسىدا 12 ياشقا تولمىغان بالىلار زور سالماقنى ئىگىلىگەن، ئۇرۇش جەريانىدا جەمىي 3322 ئادەم يارىلانغان.

رۇسىيىنىڭ نېۋسرۇ ئاگېنتلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئۇرۇش لىۋانلىقلارغا زور بالايى-ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بىر مىليونغا يېقىن ئادەم ئۆي-جايلىرىدىن ئايرىلىشقا، 220 مىڭ ئادەم لىۋاندىن كېتىشكە مەجبۇر بولغان. نۇرغۇن ئىمارەتلەر، 70تىن ئارتۇق كۆۋرۈك، ئاپتوموبىل يوللىرى، بېيرۇت ئايرودرومى ھەمدە سودا، جامائەت قۇرۇلۇشلىرى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، لىۋاننىڭ تارتقان ئىقتىسادىي زىيىنى ئىككى يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىگە يەتكەن. ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللا ئارىسىدىكى ئۇرۇشتا ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقۇچە لىۋان بولۇپ قالغان.

بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ پائالىيىتى

ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرۇشى، ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئىزچىل ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكا بىلەن فرانسىيە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش قارار لايىھىسى ھەققىدە ئورتاقلىق ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قارار لايىھىسى ھەققىدە يەنىلا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەيدانغا چىققان. ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلايىر بۇنى قوللاپ،" بۇ ئىسرائىلىيە-لىۋان توقۇنۇشىنىڭ بىر قانچە كۈنلەر ئىچىدە توختايدىغانلىقى"نى كۆرسىتىدۇ دەپ بىلدۈرگەن. لېكىن، لىۋان تەرەپ بۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىكى بىر قىسىم نۇقتىلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر قارار لايىھىسىدىكى " ھۇجۇم خاراكتېرلىق ھەربىي ھەرىكەتلەرنى توختىتىش" دېگەن ماددا ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيە تەرەپكە قارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلىيە قەتئىي ھالدا ئۆزىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەھۋال ئاستىدا قايتۇرما زەربە بېرىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئالدى بىلەن لىۋاننىڭ شەرتسىز تۈردە ئۇرۇش توختىتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ھىزبۇللا رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيىنىڭ تاجاۋۇزچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئەگەر ئۇنىڭ لىۋاندىن قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرسىلا، ئۇنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شەرتىنىڭ" ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋان تېررىتورىيىسىدە بىرمۇ ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنى قالدۇرماسلىق" ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر لىۋان تېررىتورىيىسىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىسرائىلىيە ئەسكىرى جەڭ قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مەزكۇر ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدىكى قارار لايىھىسى ھەققىدە ئەزا دۆلەتلەر 7-ۋە 8-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئاۋاز بېرىش ئېلىپ بېرىپ، ئاخىرقى يەكۈننى چىقىرىدىكەن.

بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى پىكىر ئالماشتۇردى

بۇ ئارىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلايىر قاتارلىقلار تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمانىدا لىۋاندا تۇرۇشلۇق ب د ت تىنچىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئىچىدىكى خىتاي تىنچلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ ئۈچ نەپەر قۇرۇلۇش ئەسكىرى ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، بۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى بىر خىتاي ھەربىي ئوفىتسېرى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئاننانغا تېلېفون بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە دەرھال ئۇرۇش توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كوفى ئاننان 5-ئاۋغۇست كۈنى يەنە بىر قېتىم ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىشى ھەمدە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا دەرھال تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئىنكاسى

سۇرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 6-ئاۋغۇست كۈنى بېيرۇتنى زىيارەت قىلىپ، ئەرەپ دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئۇ لىۋان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە سۈرىيىنىڭ لىۋاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،" ھىزبۇللا ۋە لىۋاننىڭ پۈتۈن ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ ئابرويىنى قوغداۋاتقانلىقىنى، ئەگەر لازىم بولسا، ئۆزىنىڭ بىر ھىزبۇللا جەڭچىسى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ يەنە ئەگەر ئىسرائىلىيىنىڭ سۈرىيىگە ھۇجۇم قىلسا، سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ دەرھال قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى سۈرىيە بىلەن ئىراننىڭ ھىزبۇللانى يوشۇرۇن قوللاۋاتقانلىقىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە.(ئۈمىدۋار)