جۈمە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان 701 نومۇرلۇق قارار دۈشەنبە كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلدى. لىۋان ھۆكۈمىتى ۋە ھىزبۇللا شەنبە كۈنى ب د ت نىڭ ئۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارارىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بولسا، يەكشەنبە كۈنى قارارنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن توقۇنۇشلارنىڭ دەرھال توختىشى مۇمكىن ئەمەستەك كۆرىنىدۇ.
ھىزبۇللا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ لىۋاندىن دەرھال چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى
ھىزبۇللا ب د ت نىڭ قارارىنىڭ بەزى ماددىلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان قاراردا، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىدىن لىۋاندىكى ھەربىي قىسىملىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چېكىندۈرۈپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان. ھالبۇكى ھىزبۇللا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى لىۋاننىڭ جەنۇبىي رايونىدىن دەرھال چېكىندۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى نەسرۇللا ئىسرائىلىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسكىرى لىۋان تېررىتورىيىسدىن چىقىپ كەتكەنگە قەدەر، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بولسا، لىۋان- ئىسرائىلىيە چېگرا رايونىغا لىۋان مىللىي ئارمىيىسى ۋە خەلقئارا بىر ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشمىغىچە لىۋاندىن ھەربىي كۈچلىرىنى چىكىندۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى لىۋاندىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىشى مۇمكىن
ب د ت نىڭ باش كاتىبى كافى ئاننان لىۋانغا كۆپ مىللەتلىك ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت باشلىغان بولۇپ، خەۋەرلەر گە قارىغاندا، لىۋانغا خەلقئارالىق بىر ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى- ئۈچ ھەپتە ۋاقىت كېتىدىكەن.
گەرچە، جۈمە كۈنىدىن دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەنگىچە يەنى ب د ت قارارى قوبۇل قىلىنىپ يولغا قويۇلغانغا قەدەر ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللا بىرى- بىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن ب د ت نىڭ باش كاتىبى كافى ئاننان ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسەن قارارغا ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ب د تنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىش توغرىسىدىكى قارارىدا ئېنىق بولمىغان نۇرغۇن نوقتىلار مەۋجۇت بولۇپ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر باھانىلەر بىلەن لىۋاندىكى ھەربىي مەۋجۇديىتىنى داۋاملاشتۇرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ھىزبۇللانى قورالسىزلاندۇرۇش مەسىلىسى
ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، لىۋاننىڭ جەنۇبىي رايونىغا خەلقئارالىق بىر ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، ئاندىن لىۋاندىن ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خەلقئارا ھەربىي كۈچنىڭ قاچان لىۋانغا يېتىپ كېلىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. شۇنداقلا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، ھەربىي قىسىملىرىنى لىۋاندىن چىكىندۈرۈشنىڭ ئاساسلىق بىر شەرتى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئەمما ھىزبۇللا ھەرىكىتىنىڭ قايسى كۈچ تەرىپىدىن قورالسىزلاندۇرۇلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ب د ت نىڭ قارارىدا ھىزبۇللانىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىي رايونىغا يەنى ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان چېگرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان كۆپ مىللەتلىك ھەربىي كۈچ تەرىپىدىن قورالسىزلاندۇرۇلىدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىزبۇللانى قورالسىزلاندۇرۇش ۋەزىپىسى كۆپ مىللەتلىك ھەربىي كۈچنىڭ ئورنىغا لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسىمىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالىدىغان لىۋان مىللىي ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇلىدىغاندەك تۇرىدۇ. دېمەك ئامېرىكا ۋە ئىسرائىل ئۆزلىرى قىلالمىغان ئىشنى يەنى ھىزبۇللانى يوقىتىشنى كۆپ مىللەتلىك ھەربىي كۈچ ۋە لىۋان مىللىي ئارمىيىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا. ئەمما لىۋان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن لىۋاندىكى سىياسى تەسىرى تېخىمۇ كۆپ كۈچەيگەن ھىزبۇللا ھەرىكىتىنى قانداق قىلىپ قورالسىزلاندۇرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى مۇتەخەسسسىلەر ب د ت نىڭ بۇ قارارىنىڭ لىۋاندا ، لىۋان ئارمىيىسى بىلەن ھىزبۇللا ئوتتۇرىسىدا ئىچكىي ئۇرۇش چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)