پاكىستاندىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىغۇچىلار خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆي سېلىپ بېرىش پىلانىنى راست دېيەلمىدى
2011.10.12
ئافغانىستاندىكى ب د ت ئىشخانىسىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن پاكىستانلىق ئۇيغۇر قەمىردىن ئابدۇراخمان، پاكىستاندىكى «جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى رىزاخان دېگەن كىشىنىڭ ئۆزىگە تېلېفون ئۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئولتۇراق ئۆي سېلىپ بېرىش پىلانىنى ئېيتىپ ئۇنى سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىدىن ۋاز كېچىشكە قىزىقتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىز پاكىستاندىكى «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» ۋە بىر قىسىم خىتاي شېرىكلىرىگە تېلېفون قىلىپ مەزكۇر پىلاننىڭ راست-يالغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلدى. ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بىر ئايدىن بېرى راستىنىلا شۇ خىل سۆزلەرنىڭ تارقالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خىتاي شېرىكلىرى بولسا مەزكۇر پىلاننى راست دەپ ئېيتالمىدى.
بىز خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆي سېلىپ بېرىش پىلانىنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاندىكى شېرىكلىرىنىڭ ئۇۋىسى بولغان جۇڭگو مۇھاجىرلار جەمئىيىتىگە يەنى رەئىسى رىزاخانغا تېلېفون قىلدۇق. رىزاخاننىڭ تېلېفونى ئېلىنمىغاندىن كېيىن، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى، ئاتالمىش دىنىي زات ئابلىكىمخان ھاجىمغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ تېلېفونىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
بىز ئارقىدىن پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ رەئىسى ئۆمەرجاندىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. ئۆمەرجان يېقىندىن بېرى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئارىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆي سېلىپ بېرىش پىلانى ھەققىدە سۆز تارقالغانلىقىنى ۋە بۇ سۆزنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىققىنىغا ئالدى-كەينى بولۇپ بىر ئاي ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى» نىڭ ئەزالىرىدىن ئابدۇقېيۇم شەمشىدىن خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆي سېلىپ بېرىش پىلانىنىڭ ئالدى-كەينى ۋە كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.
نۆۋەتتە خىتاي بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇھاجىرلاردىن بىرى ئابدۇقېيۇم مىجىتتۇر. ئابدۇقېيۇم مىجىت پاكىستاندىكى «جۇڭگولۇقلار جەمئىيىتى» گىلگىت شۆبىسىنىڭ باشلىقى. ئۇ ئالدىنقى يىلى خىتاي ئاجراتقان خىراجەت بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن. بىز ئۆي سېلىپ بېرىش پىلانى ھەققىدە ئابدۇقېيۇم مىجىتتىن ئۇچۇر ئىگىلىدۇق. ئابدۇقېيۇم مىجىت مەزكۇر پىلاننىڭ راستلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرەلمىدى.
يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆي سېلىپ بېرىش پىلانى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. ئەمما، پىلان تېخى خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمەت ياكى ئالاقىدار ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانمىغان. بىراق، خىتاي شېرىكلىرى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخى تەستىقلانمىغان مەزكۇر پىلاننى بازارغا سېلىشقا باشلىغان.