90 يىلدىن كېيىن ئۆز تۇغقانلىرىنى تېپىۋالغان تۈركىيىلىك ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت

0:00 / 0:00
oghuz-mehmutqeshqiri-200.jpg
ئوغۇز قۇزغۇنباي ئەپەندى مەخمۇت قەشقېرى مازارىدا. RFA Photo / Erkin Tarim

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە زېمىنىگە كېلىپ جايلىشىشى ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. بىزنىڭ تارىخ كىتابلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە ‏1074 ‏ - يىلىدىكى مالازگىرىت ئۇرۇشىدا تۇنجى قېتىم ئاناتولىيىگە كىرگەن تۈركلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىكەن. كېيىن 13 - ئەسىردە چىڭگىزخان ئارمىيەلىرى بىلەن بىللە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاناتولىيە زېمىنىگە يەرلەشكەن ئىكەن. 14 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تۈركىيىنىڭ سىۋاس ۋە قەيسەرىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئەراتنا ئۇيغۇر بەگلىكى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ بەگلىك 100 يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن. بۇ مەزگىلدىمۇ تۈركىيە زېمىنىدىكى مۇسۇلمان تۈرك نوپۇسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنى ئەكىلىپ بۇ يەرگە جايلاشتۇرغان ئىكەن.

دېمەك 1000 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىدىن تۈركىيىگە بولغان كۆچ داۋام قىلماقتا. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىنى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرىنى قوغداپ قالالىغان بولسىمۇ، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىنى يوقۇتۇپ قويغان. بۇ ئۇيغۇرلار كېيىنكى 20 يىلدىن بېرى ھەر خىل يوللار بىلەن چوڭ دادىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇغ تۇغقانلىرىنى تېپىشقا، ئۇلار بىلەن دىدار كۆرۈشۈشكە تىرىشماقتا.

بۇلاردىن بىرى تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى تارسۇس ۋىلايىتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئوغۇز قۇزغۇنباي ئەپەندى. ئوغۇز قۇزغۇنباي ئەپەندىنىڭ چوڭ دادىسى سوپى نىياز ھاجى 1920 - يىلى قەشقەردىن ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان بولۇپ، كېيىن يوللار توسۇلۇپ قېلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتالماي تۈركىيىنىڭ تارسۇس شەھىرىگە كېلىپ، بىر ئەرەپ قىزى بىلەن توي قىلىپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. بۇ ئەرەپ ئايالىدىن بولغان ئوغلىنىڭ ئوغلى يەنى نەۋرىسى ئوغۇز قۇزغۇنباي ئەپەندى، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى قەشقەرگە بېرىپ چوڭ دادىسى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يېزىنى ۋە تۇغقانلىرىنى تاپقان. بىز بۇ كىشى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

oghuz-quzghunbay-heytgah-20.jpg
ئوغۇز قۇزغۇنباي ئەپەندى ھېيتگاھ ئالدىدا. RFA Photo / Erkin Tarim

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك ئوغۇز قۇزغۇنباي ئەپەندى سىز يېقىندا ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ چوڭ دادىڭىزنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يېزىسىنى ۋە تۇغقانلىرىڭىزنى تېپىپ كېلىپسىز، قانداق تاپتىڭىز؟

ئوغۇز قۇزغۇنباي: مەن 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى بېرىپ 18 كۈن تۇردۇم. ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتە، قەشقەردە بىر ھەپتە تۇردۇم. قەشقەرنى ئايلانغاندىن كېيىن چوڭ دادامنىڭ يۇرتىغا يەنى توققۇزاققا بارىدىغان يولنىڭ ئۈستىدىكى. كۆكېرىق دېگەن يېزىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇ يەرگە باردىم. بۇ كۆكېرىق دېگەن يەر چوڭ دادام تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يېزا ئىكەن. ئۇ يېزىدىكى ياشانغان كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىپ چوڭ دادامنىڭ تۇغقانلىرىنى تاپتىم، ئەمما ئۇلار بىلەن ئۇزۇن يىل كۆرۈشەلمىگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ياكى بىزنىڭ قولىمىزدا چوڭ دادام بىلەن بىللە چۈشكەن رەسىم ياكى بۇ ھەقتە ماتېرىيال بولمىغاچقا بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىزمۇ ئەمەسمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق بىر مەلۇماتقا ئىگە بولالمىدىم.

ئەركىن تارىم: سىزنىڭ چوڭ دادىڭىز ئۇ يېزىدىن قاچان ئايرىلغان ئىكەن؟ بۇ ھەقتە مەلۇماتىڭىز بارمۇ؟

oghuz-quzghunbayning--tughq.jpg
ئوغۇز قۇزغۇنباي ئەپەندىنىڭ تۇققانلىرىدىن بىرى. RFa Photo / Erkin Tarim

ئوغۇز قۇزغۇنباي: چوڭ دادام 1920 - يىلى تۈركىيىگە كەتكەن ئىكەن. ھازىرغىچە 80 - 90 يىل بولغان گەپ، پەقەت ئۆز يۇرتىغا قايتالماپتۇ. بەزى ياشانغان كىشىلەر بىلەن مۇڭداشتىم ئۇلار چوڭ دادامنىڭ ئۇكىلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىنى دەپ بەردى. بۇ يىل قەشقەر بەكلا سوغۇق ئىدى، كۆپ ئادەم بىلەن كۆرۈشەلمىدىم. پەقەت 5 - 6 ئاقساقال بىلەنلا سۆزلىشەلىدىم. ئەمما چوڭ دادامنىڭ مەھەللىسىنىڭ ئۇ يەر ئىكەنلىكى ئېنىق. چۈنكى دادامدىن قالغان بىر خەتتە چوڭ دادام تۇغۇلغان يەرنىڭ قەشقەرنىڭ يېقىنلىرىدىكى شورباغ كۆكېرىق ھويلا ياربېشى دېگەن مەھەللە ئىكەنلىكى يېزىلغان. بۇ يېزىنى تاپتىم، بەزى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ چوڭ دادامنىڭ تۇغقانلىرى ئىكەنلىكىنى دېدى. ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. چوڭ دادامنىڭ ۋەتىنىنى بەكلا ياقتۇردۇم. ئىنتايىن ياخشى يەر ئىكەن، ئىنسانلىرى بەكلا مېھمان دوست ئاق كۆڭۈل ئىكەن.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك ئوغۇز قۇزغۇنباي ئەپەندى چوڭ دادىڭىز تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان تۇپراقلارنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟

tughqanlirini-izdewatidu-20.jpg
ئوغۇز قۇزغۇنباي ئەپەندىنىڭ تۇققانلىرىدىن بىرى. RFA Photo / Erkin Tarim

ئوغۇز قۇزغۇنباي: بەك ھاياجانلاندىم چۈنكى چوڭ دادامنىڭ تۇغقان ئۇرۇقلىرىنى كۆردۈم. ئۇلارمۇ تۇغقان ئۇرۇقلىرى كۆپ بىر ئائىلە ئىكەن. سېيىت ئابباس ئائىلىسى دەپ ئاتىلىدىكەن. ئۇ يېزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارنى رەسىمگە تارتتىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپى چوڭ دادامنىڭ تۇغقانلىرى ئىكەن. ياشانغان بىر بوۋاي چوڭ دادامغا بەكلا ئوخشايتتى. مېنىڭ چوڭ دادام ئۇ يەردە تۇغۇلغان ئىكەن، دادام بولسا تۈركىيىدە تۇغۇلغان، چوڭ دادام سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە بېرىپ، قايتىش يولىدا تۈركىيىگە كېلىپ، مېنىڭ چوڭ ئانام بىلەن توي قىلغان ئىكەن. چوڭ ئانام بولسا تۈركىيىنىڭ تورۇس ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن بىر ئەرەپ قىزى ئىكەن. 1964 - يىلى مەن 6 ياش ۋاقتىمدا چوڭ دادام ۋاپات بولدى. چوڭ دادامنىڭ چىرايى ئازراق يادىمدا. چوڭ دادام ئۇيغۇرچىنى ياخشى بىلىدىكەنتۇق، ئەمما مېنىڭ دادام ئۇيغۇرچە بىلمەيتتى. چۈنكى تارسۇستا بىز بىرلا ئۇيغۇر ئائىلىسى بار ئىكەنتۇق. ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىغان ئادەم بولمىغاچقا داداملار ئۆز تىلىنى ئۆگىنەلمىگەن ئىكەن. مەن كىچىك ۋاقتىمدا چوڭ دادامنىڭ ئۇيغۇر تاماقلىرىنى قىلىپ يېگەنلىرى يادىمدا، دادامنىڭ دېيىشىچە چوڭ ئانام ئۇيغۇر تامىقى قىلىشنى بىلمەيدىكەنتۇق، ئەمما چوڭ دادام داۋاملىق ئۆزى ئۇيغۇر تامىقى قىلىدىكەنتۇق.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك ئوغۇز قۇزغۇنباي ئەپەندى چوڭ دادىڭىزنىڭ يۇرتى بولغان قەشقەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى قانداق ئىكەن؟

ئوغۇز قۇزغۇنباي: ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى بەكلا ناچار ئىكەن، ئۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. قەشقەر ئايروپىلان ئىستانسىسىدا جېدەل چىقاردىم. خىتايلار ئۇيغۇرلارنى بەكلا كەمسىتىدىكەن. مەن ئايروپىلان ئىستانسىسىدا ئۆچرەت ساقلاۋاتسام، خىتايلار ئۆچىرەتكە كىرمەستىن ياندىن كېلىپ، چامدانلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. بۇ ھەقسىزلىققا چىداپ تۇرالماي ۋارقىرىدىم، كېيىن ساقچىلار كەلدى. خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدىكەن. ئۇيغۇر خەلقى بەختلىك ئەمەس ئىكەن. ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى ئايلاندىم، ئۇيغۇرلار يوقسۇللۇق ئىچىدە ياشىماقتا. يېڭى ئېسىل بىنالاردا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ، ياخشى يەپ، ياخشى كىيىنىپ ئويناۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتايلار ئىكەن. بۇلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. خىتايلار ئۇيغۇر زېمىنىنى تېزلا بېسىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ، خىتايلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋېتىپتۇ.

ئەركىن تارىم: بۇ تەسىراتلىرىڭىزنى رادىئودا ئاڭلاتساق بولامدۇ؟

ئوغۇز قۇزغۇنباي: بولىدۇ، ئەلۋەتتە بولىدۇ.