ياۋروپا بىخەتەرلىك - ھەمكارلىق تەشكىلاتى جەنۇبىي قىرغىزىستانغا خەلقئارا ساقچى قىسىمى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى

جەنۇبىي قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن مىللى توقۇنۇشتىن كېيىن بىر قىسىم ئۆزبېك مۇساپىرلار يۇرتىغا قايتىپ، ۋەزىيەت بىر ئاز پەسەيگەندەك كۆرۈنگەن بولسىمۇ، لېكىن مىللىي زىددىيەت يەنىلا ناھايىتى جىددىي بولۇپ، ئۆزبېكلەردە ھۆكۈمەت قىسىملىرىغا نىسبەتەن ئىشەنچسىزلىك مەسىلىسى مەۋجۇت.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.06.23
Osh-Qirghizistan-Esker-Tanka-305 ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 14 - ﺋﯩﻴﯘﻥ، ﺋﻮﺵ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ.
AFP Photo

ئۆزبېكلەر قىرغىز بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى قىرغىزلارغا يان بېسىش بىلەن ئەيىبلىگەن. بەزى خەلقئارا تەشكىلاتلار بولسا ئوش ۋە جالالئاباد رايونىغا خەلقئارا ساقچى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، رايوندا خاتىرجەملىك ئورنىتىشنى تەكلىپ قىلدى.

جەنۇبىي قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە توقۇنۇشنى كونترول قىلىپ، ئوش ۋە جالالئابادنىڭ ۋەزىيىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش، مۇساپىرلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. قازاقىستاننىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەئىسلىكىدىكى ياۋروپا بىخەتەرلىك - ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پىكىرىچە، رايوندا مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى كېرەكلىك ۋاستىلارنىڭ بىرى رايونغا خەلقئارا ساقچى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش.

ياۋروپا بىخەتەرلىك - ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنتلار ئارا كېڭىشىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى كىمو كىلجۇنەن چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىلجۇنەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئەسكەرتىپ،"مېنىڭ پىكىرىم، خەلقئارا ساقچى قىسىمى تەشكىللەپ، تېخنىكا ياردىمى بېرىش، بەلكى يەنە خەلقئارا ساقچى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پايدىلىقتۇر" دېگەن. ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوش ۋە جالالئابادتىكى پۇقرالاردا قىرغىزىستاننىڭ رايوندىكى تەرتىپ ساقلىغۇچى بىخەتەرلىك كۈچلىرىگە نىسبەتەن ئىشەنچسىزلىك مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان مەسىلە.

ئۆزبېكلەر قىرغىزىستاننىڭ رايوندىكى تەرتىپ ساقلىغۇچى بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ قىرغىزلارغا يان باسقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئۇلارنى قوغدىمىغانلىقىنى شىكايەت قىلماقتا. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە قىرغىزىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئوشتىكى ئۆزبېك مەھەللىلىرىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، توساقلارنى بىكار قىلىش ۋە قورال - ياراقلارنى يىغىۋاتقانلىقى، بۇ جەرياندا ئۆزبېك ئاھالىلەر بىلەن توقۇنۇش كېلىپ چىقىپ، ئاز دېگەندە 4 ئۆزبېك پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن، قىرغىزىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بۇ تۈرلۈك ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، قىرغىز بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتى قانۇن يولغا قويغان دائىرىدە چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف بۇ پىكىرنى قوللاپ، قىرغىزىستاننىڭ ۋەزىيەتنى تىنجىتىشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئوش ۋە جالالئابادتىكى توقۇنۇش قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرغان ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، توقۇنۇشنىڭ رايوندىكى باشقا جايلارغا كېڭىيىش ئېھتىمالى بۇ دۆلەتلەردە ئەندىشە ياراتقان . ئامېرىكىنىڭ ماناستىكى ھەربىي بازىسى ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىغا ھەربىي لاۋازىمەت يەتكۈزۈدىغان مۇھىم تەمىنات لىنىيەسىدۇر. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوش ۋە جالالئابادنى تىنجىتىشقا قوشۇن چىقىرىش ئېھتىمالىنى رەت قىلماقتا.

ياۋروپا بىخەتەرلىك‏- ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى كىلجۇنەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ جەنۇبىي قىرغىزىستانغا خەلقئارا ساقچى قىسىمى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كرىزىسنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن رويتېرسنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىسسارىنىڭ باياناتچىسى، ئىتتىپاقنىڭ قىرغىزىستانغا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەمما ساقچى قىسىمى ئەۋەتىشكە دائىر، دەماللىققا بىر پىلانى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جەنۇبىي قىرغىزىستانغا خەلقئارا ساقچى قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ تەكلىپكە قىرغىزىستان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قارايدىغانلىقى بىزگە مەلۇم ئەمەس. لېكىن قىرغىزىستان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى مۇقىملىقنى قوغداپ، 27 ‏- چېسلادىكى يېڭى ئاساسىي قانۇن رېفىراندۇمىنى ئامان - ئىسەن ئۆتكۈزۈۋېلىشتۇر. لېكىن قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف قىرغىزىستاندىكى مەسىلىنىڭ بۇ ئاساسىي قانۇن بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتىكى قىرغىزىستان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى يېڭى ئاساسىي قانۇننى خەلق ئاۋازىغا قويۇپ، ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىي ئاساسىنى تىكلەشكە تىرىشماقتا. 27 ‏- چىسلادىكى رېفىراندۇمدا يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللانسا، قىرغىزىستان پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ، پرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقى مەلۇم دائىرىدە چەكلىنىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنى پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن پارتىيە تەشكىللەيدۇ. لېكىن ئۆزبېكلەرنىڭ 27 -چېسلادىكى رېفىرامدۇمغا قاتنىشىدىغان ياكى قاتناشمايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت پرېزىدېنتى روزا ئوتانبايېۋانىڭ خەلقنى رېفىراندۇمغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر بار.

بەزى مەلۇماتلاردا ئۇنىڭ ئالدىنقى كۈنى يەنە ئوش ئوبلاستىغا يولغا چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ سەپىرى ئۆزبېكلەر بىلەن كۆرۈشۈشكە ئايرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئوتۇنبايېۋا ئۆتكەنكى سەپىرىدە ئۆزبېكلەر بىلەن كۆرۈشمىگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئوشتىكى ئۆزبېك جامائەتچىلىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ئوش ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن رايونلاردىن 400 مىڭ ئۆزبېك پۇقراسى مۇساپىر بولۇپ، ئۆي ماكانلىرىدىن ئايرىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزبېكىستانغا قېچىپ كىرگەن مۇساپىرلارنىڭ سانى 100 مىڭغا يېتىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.