تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى


2008-03-05
Share

oz-elchi-ulfet-qadirof-200.jpg
ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇلفەت قادىروف ئەپەندى سۆز قىلدى. RFA Photo / Erkin Tarim

ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكى بىلەن تۈركىيە ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر جەمىيىتى بىرلىكتە ت ئو ب ب ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا `تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى` ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى. يىغىنغا ئۆزبېكىستان ئەلچىلىكى خادىملىرى، تۈركىيە تاشقى سودا ئىدارىسى مەسئۇللىرى، كونا پارلامېنت ئەزالىرى، مىنىستىرلار ۋە ئىقتىساتشۇناسلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىندا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن ت ئو ب ب ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروف. در. تاھسىن كېسىجى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە قېرىنداش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ دېگەندەك ياخشى ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "ئۆزبېكىستان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ نوپۇسقا ئىگە بىر دۆلەت. 1991-يىلى ئۆزبېكىستان يېڭى مۇستەقىل بولغان ۋاقتىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن 30 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىنى تۈركىيىدە بازار ئىقتىسادى ھەققىدە كۇرس ئېچىپ ئوقۇتتۇق. كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بىز ئارزۇ قىلغان شەكىلدە داۋام قىلمىدى. تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت بولمىسىمۇ بولىدۇ. ئەمما قېرىنداش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىلىشى كېرەك. چۈنكى تۈركلەر بىلەن ئۆزبېكلەر قېرىنداش مىللەتلەردۇر. بۇنى بىز تۈركلەر ياخشى بىلىمىز. ئەپسۇسكى تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت دېگەندەك ياخشى ئەمەس. ھازىر تۈركىيىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان مىڭلارچە ئوقۇغۇچى بار، ئەمما بىرمۇ ئۆزبېك ئوقۇغۇچى يوق، مەن بۇ ئەھۋالغا قاتتىق ئېچىنىمەن. بۇنداق چوڭ بىر دۆلەتنىڭ نېمىشقا تۈركىيىدە ئوقۇغۇچىسى يوق. بىز ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەر يىلى سان بەردۇق، ئەمما ئۆزبېكىستان ئوقۇغۇچى ئەۋەتمىدى. كېيىن ئۆزبېك ھۆكۈمىتى بىز تۈركىيىگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتمەيمىز، سىلەر نېمە ئۈچۈن بىزگە سان بېرىسىلەر دەپ، بىزدىن ئاغرىندى. بىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيىدىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىپ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى، ھازىر ئۇنىۋېرسىتېتىمىزدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن 28 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتىدۇ، 500 دوللار ئەتراپىدا ئوقۇش پۇلى بېرىمىز. ئەمما بىرمۇ ئۆزبېك ئوقۇغۇچى يوق. تۈركىيىدىن كۆپلەپ ئوقۇغۇچى ئۇ جۇمھۇرىيەتلەرگە بېرىپ ئوقۇشى، تۈركىستاندىن كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇشى كېرەك. بىر-بىرىمىزنى ياخشى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن بۇ ناھايىتى مۇھىم.

yighin-zalidin-korunush-200.jpg
`تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى` ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى. RFA Photo / Erkin Tarim

كېيىن تۈركىيە غەزىنە ۋە تاشقى سودا ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى ئۆلكىلەر گۈزەل خانىم سۆز قىلىپ تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە توختالدى: "ھۆرمەتلىك مىنىستىرلار قىممەتلىك بۈيۈك ئەلچى، مۇدىرلار، كارخانىچىلار ۋە ئۆزبېك دوستلىرىمىز. مەن سۆزۈمنى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ئۆزبېكىستان بۈيۈك ئەلچىلىكىگە ۋە ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر جەمئىيىتىگە رەخمەت ئېيتىش بىلەن باشلىماقچىمەن. بۇ خىل يىغىنلار تۈرك ۋە ئۆزبېك كارخانىچىلىرىنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشى ۋە پىلان تۈزۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت سوممىسى 2006-يىلىدا 600 مىليون دوللارغا چىقتى. 2007-يىلى بولسا بۇ تىجارەت سوممىسى %40 ئۆرلەپ 840 مىليون دوللار بولدى. 2008- يىلىدا بۇنىڭ بىر مىليارد دوللار بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتىمىز. ھازىر ئۆزبېكىستاندا 150 ئىنشائات شىركىتى پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. تۇرك كارخانىچىلار ئۆزبېكىستاندا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا. بۈگۈن ئۆزبېكىستاندا تىجارىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك شىركەتلىرىنىڭ سانى 400 ئەتراپىدا. بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆپى، توقۇمىچىلىق، ماشىنىسازلىق، يېمەك-ئىچمەك ۋە تازىلىق بويۇملىرى ساھەسىدە تىجارىي پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر تېزلا تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، تېخى ئارزۇ قىلغان سەۋىيىدە ئەمەس. بۇ مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ ياخشىلاشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىشىمىز كېرەك."

كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇلفەت قادىروف ئەپەندى سۆز قىلدى: "تۈرك كارخانىچىلار بىزنىڭ ئەڭ قەدىرلىك دوستلىرىمىز. ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنت شەھرىنىڭ مەركىزىدىكى پۈتۈن يېڭى بىنالارنى كىم سالغان دېسەڭلار تۈرك ئىنشائات شىركەتلىرى سالغان. شۇڭا ئۆزبېك خەلقى ئۆزبېك ھۆكۈمىتى تۈركلەرنى ياخشى بىلىدۇ. ئۆزبېكىستاندا تۈرك شىركەتلىرى كۈندىن كۈنگە كۆپەيمەكتە. ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى ئۈچۈن تۈرك كارخانىچىلار ناھايىتى مۇھىم. سىياسەتچىلەر نېمە دېسە دېسۇن، نېمە قىلسا قىلسۇن، خەلقلەر بىر بىرىنى ياخشى كۆرسۇن. تۈرك خەلقى ئۈچۈن ئۆزبېكىستاننىڭ ئىشىكى ھەر دائىم ئوچۇق. تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدا بەزى مەسىلىلەر بار، ئەمما بۇ ئۆزارا چۈشىنىش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايمىز دەپ ئويلايمەن. تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆزارا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتىن باشقا يولى يوق. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېموكراتىيىدىن باشقا يولى يوق، دېموكراتىيە يولىدىن ماڭىمىز، ئۆزارا ھەمكارلىشىمىز."

1991-يىلى ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندا، ئۇنى تۇنجى بولۇپ تونۇغان دۆلەتلەردىن بىرى تۈركىيە ئىدى. ھەتتا مىڭلارچە ئۆزبېك ئوقۇغۇچى 1992-يىلىدا ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن ئىدى. ئۇ يىللاردا ئۆكتىچى ئەرك پارتىيىسىنىڭ مەسئۇلى مەھمەت سالىھ تۈركىيىگە قېچىپ كېلىپ، پاناھلىق تىلىدى. ئۆزبېك ھۆكۈمىتى بولسا مەھمەت سالىھنى تۈركىيىنىڭ قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

تۈركىيە مەھمەت سالىھنى ئۆزبېكىستانغا بەرمەستىن، ياۋروپاغا كېتىشىگە رۇخسەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزبېك دۆلەت باشلىقى ئىسلام كېرىموف تۈركىيىدىكى ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزبېكىستانغا ئېلىپ كەتتى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كرىزىس پەيدا بولدى. مەھمەت سالىھ ئۇزۇن يىل ياۋروپادا تۇرغاندىن كېيىن 2007-يىلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ تۈركىيىگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلدى. ھازىر قىزى بىلەن تۈركىيىدە ياشىماقتا. تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى سىياسى مۇناسىۋەتمۇ ئۇ كۈندىن بۈگۈنگىچە ياخشىلانغىنى يوق. (ئەركىن تارىم)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت