ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە خېلى كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. گەرچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە تۈرلۈك كەمەيتىلگەن رەسمىي مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇلارنى قوبۇل قىلغىنى يوق. ئەسلىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قىسىمى ئۆزبېكىستانغا تارقالغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇر نوپۇسى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش سەۋەبىدىن ئازلاپ ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىچىك بىر تارمىقى بولۇپ قالغان شۇنىڭدەك يەنە داۋاملىق تۈردە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش ۋە ئاخىرىدا مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشقا يۈزلەنگەن.
ئۆزبېكىستاندا زادى قانچىلىك ئۇيغۇر بار؟
ئۆزبېكىستان ئانالىزچىسى ئەزىز كامىلوپ يېقىندا ئوتتۇرا ئاسىيادا چىقىدىغان "ئوئازىس " ژۇرنىلىدا " "ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى مەۋجۇتمۇ؟ " دېگەن ماۋزۇدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى. ئاپتور ئۆز ماقالىسىدە ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھازىرقى سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئەھۋاللىرى ھەققىدە توختىلىش بىلەن ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بارا-بارا ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ يوقىلىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاپتورنىڭ پىكىرلىرىگە تايانغاندا، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى مەسىلىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن ئېتىبارەن مۇرەككەپ مەسىلە بولۇپ، ئەزەلدىنلا ھۆكۈمەت ئېنىق سانلىق مەلۇمات بەرمىگەن.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 –يىللىرىدا ئۆزبېكىستاندا 500 مىڭ ئۇيغۇر ياشىغان. بىراق، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلار 1959-يىلى ئاران 19 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان. ئەمما، 50-60-يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۆزبېكىستانغا كۆچۈپ كېلىشىدىن قەتئىي نەزەر، سوۋېت ھۆكۈمىتى 1979-يىلى، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنى 29مىڭ 104، 1989-يىلى 35مىڭ 762 دەپ ئېلان قىلغان.
ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا 35 مىڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. لېكىن، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇماتىدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور ئەخەت خوجايېۋ ئەپەندى ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي سانىنىڭ رەسمىي مەلۇماتتىن يەنى 500 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى ئۆزبېك دەپ ئاتاپ يۈرگەنلەر ئىچىدە كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئالىملىرى، سەنئەتكارلىرى ۋە باشقىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
گەرچە، تاشكەنت ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە كەمەيتىلگەن ھالدا مەلۇمات بەرسىمۇ، بىراق، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ سابىق رەئىسى دوكتور شاۋانام خانىم رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ يەنىلا كۆپلۈكىنى، تەخمىنەن 200-250 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش مەنبەلىرىدىن بىرى
پەرغانە ۋادىسى بىلەن قەشقەرىيىنىڭ تارىخىي مۇناسىۋەتلىرى، پەرغانە ۋادىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەت قىلىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ زىچ بولغان. 18-ئەسىردە مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، قەشقەرىيە، ئىلى تەۋەسىدىكى ئاھالىلارنىڭ ئاممىۋى يوسۇندا يەتتە سۇ ۋە پەرغانە ۋادىلىرىغا كۆچۈش دولقۇنلىرى پەيدا بولدى.
19-ئەسىردە ياشىغان قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوپنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا پەرغانە ۋادىسىدا 350مىڭ ئەتراپىدا قەشقەرلىك ۋە دولانلىقلار نامى بىلەن ئاتالغان ئۇيغۇرلار ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەرىيەدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان رۇس ئالىملىرى كروپاتكىن، پەۋسوپ، روبروۋسكىي ۋە باشقىلارمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر قېتىملىق قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانە ۋادىسىغا قېچىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى.
چار رۇسىيە تۈركىستان گۇبېرناتورلۇقىنىڭ 1916-يىلىدىكى مەلۇماتىدا تۈركىستاندا 200 مىڭدىن ئارتۇق قەشقەرلىك ياشىغان بولۇپ، سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئابدۇللا روزىباقىيېۋ 1920-يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 600مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنىڭ ئۆزبېكىستان تەۋەسىدە ياشىغانلىقىدىن مەلۇمات بەرگەن. ئەمما سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەنە بىر رەھبىرى، ئاتاقلىق مائارىپچى ئىسمائىل تاھىروپنىڭ ماقالىسىدە بولسا، 30-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا 300مىگدىن كۆپرەك ئۇيغۇر ياشىغانلىقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى.
تارىخچىلارنىڭ يەكۈنلىشىچە، ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى تۆت خىل مەنبەدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بىرىنچى تەركىپ ؛قەدىمدىن تارتىپ ئۆزبېكىستان تېررىتورىيىسىدە ياشاپ، ئۆزبېك ئېتنىك تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن ئۇيغۇرلار بولسا، ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تەركىبى 18--ئەسىردىن باشلانغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنچىڭ ئىمپېرىيىسگە قارشى مىللى مۇستەقىللىق قوزغىلاڭلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن، مەنچىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئىنتىقام ئېلىشىدىن قورقۇپ، پەرغانە ۋادىسىغا قېچىپ كەلگەنلەر. ئۈچىنچى تەركىپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، تاكى 1937-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆزبېكىستانغا تۇرمۇش تىرىكچىلىكى بىلەن بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالغانلار. تۆتىنچى تەركىپ 1955-يىلىدىن 1962-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆچۈپ بارغان ئۇيغۇرلار.
دېمەك ئۆزبېكىستاندا مانا مۇشۇ گۇرۇپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ياشىماقتا شۇنىڭدەك نۆۋەتتە، ھازىرقى ئەۋلادلار ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تەقدىرى ئەشۇ ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ كەتكەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدىكى سىياسىي ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن؟ (ئۈمىدۋار)