خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەھۋالى بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا


2006.09.11

يېقىندا خىتايدا، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇئاڭجۇ، نەنجىڭ، ۋۇخەن قاتارلىق جايلاردىكى 1000 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 4 تىن بىر قىسمىدىن ئارتۇقى ئۆلۈۋېلىش نىيىتىدە بولغان.

ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغانلارنىڭ نىسبىتى يۇقىرىلىماقتا

مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا، پىسخىك چۈشكۈنلۈككە دۇچ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 80 ‏- يىللارغا قارىغاندا 30 % ئۆرلىگەن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتىمۇ ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرۇلغاندا شىددەت بىلەن ئۆرلىگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەھۋالى ئادەمنى چۆچۈتكىدەك ھالەتكە يەتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن. مەسىلەن، بۇلتۇر 12 - ئايدا جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىز ئوقۇغۇچى شىۋىرغان سوغۇقتا ئۆزىنى بىنادىن يەرگە ئېتىپ ياش ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ يىل 3 ‏- ئايدا، خۇانەن يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاسپىرانتلىق ئوقۇۋاتقان بىر قىز ئوقۇغۇچىمۇ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغان شۇنداقلا مەزكۇر مەكتەپتە، بىر ئاينىڭ ئىچىدە 4 قېتىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇلاردىن باشقا يەنە، بۇ يىل 5 ‏- ئاينىڭ 15 - كۈنى بېيجىڭدىكى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلارنى تەربىيىلىگۈچى پروفېسسور ۋېنلىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ مەۋجۇت

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەھۋالى پەقەت خىتاي ئۆلكىلىرىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. يېقىندا رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، قىزى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئارىسىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان مەكتەپ شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مەزكۇر مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلارنى قايتا ئىمتىھان بېرىشكە مەجبۇرلاپ ھەمدە داۋاملىق ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزمەي، ھەتتا 59 ياكى 59. 5 نومۇر بىلەن قالدۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئومۇملاشقان ئىكەن. شۇڭا پۇلى بارلار پۇل تۆلەپ ئىمتىھاندىن ئۆتىدىغان، پۇلى يوقلار نەچچە قېتىم ئىمتىھان بېرىپمۇ ئۆتەلمەي ئاخىرى ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان ئەھۋال داۋاملىق يۈز بەرگەن. مەسىلەن، بۇ يىل ئەتىيازدا، مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچى بۇ خىل ئىمتىھان بېسىمى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى بىنادىن ئېتىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغان.

سەۋەب: روھى بېسىم بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا

كۆپلىگەن ئانالىزچىلار، خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەھۋالىنىڭ يىلدىن -يىلغا ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئانالىز قىلىپ، "بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئوقۇغۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان روھى جەھەتتىكى بېسىمنىڭ يىلدىن يىلغا ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ مەيلى مەكتەپ تەرىپىدىن بولسۇن ياكى ئاتا ‏-ئانىلار تەرىپىدىن بولسۇن ھېچقانداق ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن " دەپ كۆرسەتمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئىشلەيدىغان بىر مائارىپچىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق مەكتەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلانغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن. مەسىلەن، بۇلتۇرلا بىر خىتاي ئوقۇغۇچى بىنادىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان ئىكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ مائارىپ ساھەسىدىكى خىزمەتچىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر ئالىي مەكتەپلەردە، دەرس بېسىمنىڭ ھەددىدىن تاشقىرى ئېغىر بولغانلىقى تۈپەيلىدىن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئۆز تىلىدا ئەمەس، بەلكى خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈۋاتقانلىقتىن، ئوقۇغۇچىلار روھى جەھەتتىن ئىنتايىن قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە ئىكەن. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.