ياۋرۇپا كېڭىشىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن، 2 - ئاينىڭ 24 -كۈنى ياۋروپادىكى مالتا دۆلىتىدە ئېچىلغان، ياشلار پروگراممىسىنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان "ياشلار ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارادىكى ۋە رايوندىكى تەسىرى" تېمىسىدىكى يىغىن 27-فېۋرال كۈنى ئاياقلاشقان.
يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككى نەپەر ۋەكىلى - دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە مائارىپ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى قەيسەر ئەپەندى رەسمىي تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىننىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى كۈنىدىكى پائالىيەتلىرىنى بىلىش ئۈچۈن، يىغىنغا قاتناشقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ شۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلار ئاساسىدا تەييارلىغا تەپسىلى خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.