خىتايدا 65 مىليون ئادەم كوممۇنىزم پاجىئەسىدە ئۆلگەن


2006.01.31

25-يانۋار كۈنى ياۋروپا كومىتېتى فرانسىيىنىڭ ستراسبورگ شەھرىدە ئۆتكۈزگەن ئومومى يىغىنىدا كوممۇنىست مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايى-قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش قارارىنى ماقۇللىغان. قاراردا كوممۇنىست مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى، يەنى قىرغىن قىلىش، تۈرمە ۋە ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا جازالاپ ئۆلتۈرۈش، قۇللاردەك ئىشلىتىش، ۋە باشقا شەكىلدىكى تەن جازاسىغا كىرىدىغان تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى ، شۇنداقلا ئىدىيە، دىنى ئېتىقات، سۆز ئەركىنلىكى جەھەتتىكى زىيانكەشلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. قارارنىڭ ماقۇللىنىشا تۈرتكە بولغان تەكلىپ لاھىيىسىنى شۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيە ھېسابلانغان مودېرات پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى يۆران لىندبىلاند ئوتتۇرغا قويغان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، شۋېتسىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز يالقۇندىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.