پاكىستان ھۆكۈمىتى چەتەللىك جەڭچىلەرنى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2004.09.03
9- ئاينىڭ 3- كۈنى پاكىستان ھۆكۈمىتى، بۇ دۆلەتتىكى چەتئەللىك مىلىتانتلاردىن، پاكىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرىگە تەسلىم بولۇشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنى قەتئىي ھالدا ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ئاخبارات مىنىستىرى شەيخ راشىت 9- ئاينىڭ 3- كۈنى ئىسلام ئاباددا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، پاكىستاننىڭ يېڭى باش مىنىستىرى شەۋكەت ئەزىز ھۆكۈمىتىنىڭ، ئەلقائىدە قالدۇقلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دىدى: “ پاكىستاندىكى چەتئەللىك تېررورچىلار تەسلىم بولۇشى كېرەك، بىز ئۇلارنى باشقا بىر دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىغىمىز توغرىسىدا ۋەدە بىرىمىز. لېكىن، پاكىستاننىڭ تەرەققىياتى ۋە تىنچلىق ئۈچۈن شۇنداقلا بىزنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىكىگە قىلغان ۋەدىلىرىمىز ئاساسىدا تېررورچىلىققا قارشى كۆرۈشىمىز ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ.
پاكىستان خەلقئارا تېرورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىتتىپاقدىشى ھېسابلىنىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئافغانستاندا تالىبانلار ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن بىرى، پاكىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى 600 نەپەر ئەلقائىدە ئەزاسىنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى سوتقا تارتماي تۇرۇپلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئەمما پاكىستان ئاخبارات مىنىستىرى شەيخ راشىت يېقىندا پاكىستاندا قولغا ئىلىنغان ئەلقائىدە ئەزالىرىنىڭ ھىچ بىرىنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
سىياسىي ۋە ھەربي مۇلاھىزىچىلەر پاكىستاندا ھېلىمۇ مىڭلىغان چەتئەللىك جەڭچىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ جەڭچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى پاكىستان- ئافغانىستان چېگرا رايونىغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەزكۇر رايونغا يۈز مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان. گەرچە پاكىستان بۇ يىل ئاغانستان چېگرا رايونىدا ئەلقائىدە ۋە تالىبان قالدۇقلىرىغا قارشى تازىلاش ھەرىكىتى ئىلىپ بىرىپ، نەچچە لىگەن ئەلقائىدە ھەربي لاگىرلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، لىكىن يەنىلا ئەلقائىدە ۋە تالىبان قالدۇقلىرى رايوندا يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ساقلىنىپ قالغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەلقائىدە بولۇپمۇ تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ پاكىستاندا ھىلىمۇ يوشۇرۇنۇپ تۇرالىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، پاكىستان دۆلىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تالىبان ھاكىمىيىتىنى قوللىغان بىردىن بىر دۆلەت بولۇشىدۇر. -2001 يىلىنىڭ ئاخىرىلىرىغىچە، يەنى ئامېرىكا تالىبان ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش ئىلان قىلغانغا قەدەر پاكىستان، ئاۋغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتىنىڭ بىر ئىتتىپاقدىشى بولۇپ، دۇنيادا تالىبان ھاكىمىيىتىنى ئىتىراپ قىلغان دۇنيادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرى ئىدى.
گەرچە پاكىستان پرېزدېنتى گىنىرال پەرۋىز مۇشەررەپ، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تېرورچىلىققا ئا قارشى ئۇرۇشىنى قوللايدىغانلىغىنى جاكارلاپ، تالىبانلار ھاكىميىتىئى بىلەن پۈتۈن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن پاكىستاندا تالىبانلارغا قارشى ئىلىنغان چارە- تەدبىرلەر دېگەندەك نەتىجە بەرمىگەن. چۈنكى پاكىستان ھۆكۈمىتىدە، بولۇپمۇ پاكىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىدا ھېلىمۇ تالىبانلارنى قوللايدىغان كىشىلەر مەۋجۇت.
تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى پاكىستاندىكى مەدرىسلەردە يېتىشكەن ۋە پاكىستاننىڭ رازۋېتكا تەشكىلاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، تالىبانلار ھاكىمىيىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەمدە ئافغانىستان دا تالىبانلار ھاكىمىيىتىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئافغانىستان دىكى پەشتون قەبىلىسىگە مەنسۇپ كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان. پاكىستاننىڭ ئافغانىستان غا چېگرىداش رايونىدىكى ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى پەشتونلار تەشكىل قىلىدۇ. پاكىستاننىڭ بۇ رايونىدا تالىبانلارغا نىسبەتەن بىر ھېسداشلىق مەۋجۇت. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئافغانىستان دا ھەرىكەتلىرىنى كۈندىن- كۈنگە كۈچلەندۈرىۋاتقان تالىبان قالدۇقلىرى، پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرا رايونىنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت مەركىزى قىلىپ ئىشلەتمەكتە.
ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن پاكىستاندىكى ئەلقائىدە ۋە تالىبان قالدۇقلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن يېڭى بىر ھەرىكەت باشلىغان پاكىستان ھۆكۈمىتى، تالىبانلار ھاكىمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇللا جىلىل ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسىنى كاراچى شەھىرىدە قولغان ئالغان. موللا جىلىل تالىبانلار نىڭ رەھبىرى موللا ئۆمەرنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئافغانىستان دا تالىبانلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، پاكىستاننىڭ كاراچى قاتارلىق شەھەرلىرىدە پۇل ياردىمى يىغىپ يۈرگەن ئىكەن.
پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى چەتئەللىك جەڭچىلەرنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرىپ، ئۇلارنى ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى، بولۇپمۇ پاكىستان- ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى پەشتون قەبىلىلىرىنىڭ، تالىبان قالدۇقلىرىغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ پەشتون قەبىلىلىرى پەشتون ۋە ئىسلام دىنىي ئەنئەنىلىرىگە ناھايىتى سادىق بولۇپ، بىر مۇسۇلمان جەڭچىنىڭ خرىستىيان بىر دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئىلىپ ئېيتقاندا قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمىغان بىر ئەھۋال. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەسلىم بولغان چەتئەللىك جەڭچىلەرنى باشقا دۆلەتكە تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىغى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى، پاكىستان- ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى پەشتون قەبىلىلىرىنى، تەسلىم بولغانلارنىڭ خرىستىيان بىر دۆلەتكە تاپشۇرۇلۇپ بېرىلمەيدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پاكىستاندىكى چەتئەللىك جەڭچىلەرنى قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر قوغداش كېرەك دىگەن چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. (قانات)