25- ئىيۇل چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرىپ پاكىستاننىڭ كەلگۈسى: دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىمۇ ياكى ئەسەبىيلىكنى ئۇلغايتىشمۇ دېگەن تېما ئاستىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى.
يىغىن ماسساچۇسېتس ۋەكىلى دېموكرات جون كەرىينىڭ رىياسەتچىلىكىدە داۋام ئەتتى. ئۇ سوز بېشىدا، "پاكىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئىنتايىن ھالقىلىق نۇقتىدا تۇرماقتا" دەپ كۆرسەتتى ۋە ئامېرىكا ئىراقتىكى ئۇرۇشىغا مىليونلاپ پۇل سەرپ قىلىۋاتقان ۋە ئىران مۇناسىۋەتلىرىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر پەيتتە ، ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ پاكىستاندا ئەلقائىدە ۋە تالىبان كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئامېرىكا بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىۋاسىتە تەھدىت تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
نىكولاس بۇرنس": شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىزنىڭ غەلىبىسى ئىنتايىن مۇھىم"
بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا ئاساسلىق گۇۋاھلىق بەرگۈچى نىكولاس بۇرنس بولۇپ ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پاكىستان ۋە ھىندىستان ئىشلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە تەيىنلىگەن ئەلچى ۋە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى.
نىكولاس بۇرنس، ئامېرىكىنىڭ ئەلقائىدە بىلەن كۈرەش قىلىشتا پاكىستاننىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم شېرىكى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى ۋە پاكىستاندىكى قەبىلە رايونىدا ئەدەپ كېتىۋاتقان ئەلقائىدە قوراللىق كۈچلىرىگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشتە يەنىلا پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ئېھتىياجى چۈشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ " ئەلقائىدە ۋە تالىبان كۈچلىرى پاكىستان زېمىنىدا بىر كۈچ سۈپىتىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرماقتا . بۇ دۈشمەنلەرنى مەغلۇپ قىلىش بىزنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادا تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىزنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم" دەيدۇ.
جون كەرىي": پاكىستاندىكى ھازىرقى ئىستراتېگىيىمىز نەتىجە بەرمىدى"
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى جەريانىدا، بىر نەچچە دېموكراتلار پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەپنىڭ تېررورچىلار بىلەن كۈرەش قىلىش روھىغا نىسبەتەن شۈبھىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۇرغۇن تېررورچىلارنىڭ، ئافغانىستان چېگرىسىدىن ئۆتۈپ پاكىستانغا بېرىۋالغانلىقى ھەمدە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىگە 2001- يىلى 11- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن 10 مىليارد دوللار ياردەم پۇلى بەرگەنلىكىدىن ئانچە رازى ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەشتى.
جون كەرىي ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ئىلگىرىلەشلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈتكىنىدەك بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ "بىزنىڭ پاكىستاندىكى ھازىرقى ئىستراتېگىيىمىز، بولۇپمۇ بىزنىڭ ئاساسلىق نىشانىمىز بولغان تېررورچىلارغا قارشى تۇرۇش كۈرىشىمىز نەتىجە بەرمىدى" دېدى ۋە بۇنىڭ پاكىستان ئۈچۈن ۋە ئامېرىكا - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ بەك زور ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
ئەمما، بۇرنس مۇشەررەپنىڭ تېررورچىلار بىلەن جەڭ قىلىش روھىدىن گۇمان قىلمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ: "پاكىستان تېررورچىلار بىلەن جەڭ قىلىشتا نۇرغۇن ئەسكىرىدىن ئايرىلدى" دەيدۇ.
جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزاسى رىچارد لۇگار ئامېرىكا - پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى ۋە ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا بەرگەن ياردىمى چوقۇم پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشلىرىدىكى ئىلگىرىلەش ۋە ھەربىي ئىدارە قىلىشتىن مۇستەسنا بولغان دېموكراتىيە يۆنىلىشىگە قاراپ ئىلگىرىلەش شەرتى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى ": شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش پۇرسىتى كەلدى "
گۇۋاھلىق بەرگۈچى بۇرنس ئامېرىكا بىلەن پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ گەرچە پاكىستان بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە مەلۇم ئۈزۈكچىلىك سادىر بولغان بولسىمۇ، بۇندىن كېيىن ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: " بىز ئامېرىكىلىقلار ئۇچۇن، پاكىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزنى تېخىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ پاكىستاندا خەيىرلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئۆزىمىزنى ئاتاشتىن، ئۇ دۆلەتنىڭ تېخىمۇ مۇقىم بولۇشىغا ياردەم بېرىشتىنمۇ مۇھىم ئىش بولمىسا كېرەك "دەيدۇ.
پالاتا ئەزاسى جىم ۋەب خىتاي بىلەن پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ: "ئەگەر خىتاينىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا ، پاكىستان يادرو قوراللىرىغا ئېرىشەلمىگەن بولاتتى" دېدى ۋە بۇ ھەقتە بۇرۇن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى، پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يەنىلا مۇرەككەپ بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاخىرىدا دوكتۇر فىكولەن، پاكىستاننىڭ نۇرغۇن سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، پاكىستاننىڭ كەلگۈسى دېموكراتىيىگە قاراپ مېڭىشى ئۈچۈن، خىتاينىڭ پاكىستاندا خېلى كوپ مەنپەئەتى بار بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي ۋە ھىندىستان بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى، ھەمدە خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ پاكىستاننىڭ بىر رادىكال دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ، مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئامېرىكا ئۈچۈن ھىندىستان بىلەن پاكىستانغا ياردەملىشىپ شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش پۇرسىتى كەلدى ، - دېدى. (جۈمە)