پاكىستان خەلق پارتىيىسى بېلۇچىستانغا ئالىي ئاپتونومىيە بېرىش ھەققىدە ۋەدە بەردى

0:00 / 0:00

ئالدىنقى ھەپتە پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن دېموكراتىك سايلامدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن پاكىستان خەلق پارتىيىسى، 24 ‏-فېۋرال كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بېلۇچىستان خەلقىدىن ئەپۇ سورىدى ۋە ئۆزلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، بېلۇچىستانغا ئالىي ئاپتونومىيە بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

ئەسكىرىي قانات- بېلۇچىستان ئازاتلىق تەشكىلاتى

بېلۇچىستان پاكىستاننى تەشكىل قىلغان تۆت ئۆلكىنىڭ بىرى بولۇپ، يەر مەيدانى 347000 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 9 مىليون 800 مىڭ، ئومۇمى نوپۇسنىڭ %62 نى بېلۇچ مىللىتى ئىگىلەيدۇ. بېلۇچىستان كۆمۈر، قوغۇشۇن قاتارلىق ئوننەچچە خىل قىممەتلىك مەدەن بايلىق زاپىسىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بايلىقىمۇ كەڭ-كۆلەمدە ئېچىلىۋاتقان بىر زېمىن.

بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان بېلۇچ مىللىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بېلۇچىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىدىن مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ پايدىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ بولسا يېتەرلىك پايدىلىنالمايۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەتچى. ئۆز شىكايەتلىرىنى گاھىدا سىياسىي، گاھىدا ھەربىي يول بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن بېلۇچلار، 2000 ‏-يىلىغا كەلگەندە غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

نامىنى تۇنجى قېتىم 2000 ‏-يىلى ئاشكارىلىغان بېلۇچىستان ئازادلىق تەشكىلاتى شۇ يىلى 7 -ئايدا، بېلۇچىستان پايتەختى كئۇۋەتتادىكى پاكىستان ھەربىي دائىرىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 26 ئوفىتسېر ۋە 5 پۇقرانى ئۆلتۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا، يەنە كۆپ قېتىم پارتلىتىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارغان. بېلۇچىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى 2006 ‏-يىلىنىڭ بېشىدا پاكىستان ھۆكۈمىتى، 7 ‏-ئايدا بولسا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بېلۇچ ماررى بۇلتۇر 21 ‏-نويابىر كۈنى، پاكىستان ئارمىيىسى بىلەن بىر قېتىملىق توقۇنۇشتا ئۆلگەن.

سىياسىي قانات- بېلۇچىستان مىللەتچى پارتىيىسى

نۆۋەتتە پاكىستاندا بېلۇچىستان خەلقى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. مەسىلەن، ئۆلكىلىك پارلامېنت ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسىنى بېلۇچىستان خەلقى ئەركىن سايلام ئارقىلىق ئۆزلىرى بېكىتىدۇ. پارلامېنتتا بېلۇچىستان خەلقىنىڭ ھەر قانداق ئارزۇ-تەلەپلىرى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

بېلۇچىستان خەلقىنىڭ ئاساسلىق تەلىپى يەر بايلىقلىرى ۋە دېڭىز پورتىدىن ئۆزلىرى پايدىلىنىش بولۇپ، بۇ تەلەپنى بېلۇچىستان ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى ئەختەر مەنگەل ئۆتكەن يىلى پارلامېنتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويغان: " بېلۇچىستاننى ئېچىش ۋە گۈللەندۈرۈش پىلانىنى پرېزىدېنت پەرۋەز مۇشەررەپ ئەمەس، بېلۇچىستان خەلقى ئۆزى تۈزۈشى كېرەك".

ھىدايىتۇللاھ ئەپەندىنىڭ بېلۇچىستان ھەققىدە ئېيتقانلىرى

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ھازىر پاكىستاندا ئوقۇۋاتقان، ياشاۋاتقان ۋە تىجارەت قىلىۋاتقان 300 گە يېقىن ئۇيغۇر بار. تۆۋەندە، پاكىستاندا ئىلىم تەھسىل قىلغان ھىدايىتۇللا ئەپەندى، بېلۇچىستان مەسىلىسى ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى بايان قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بېلۇچىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى پاكىستاننىڭ باشقا جايلىرىغا نىسبەتەن ئارقىدا. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ياخشى، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلالايدۇغ ئوز رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ۋەكىللىرىنى ئۆزلىرى بېكىتىدۇ.

بېلۇچىستان تېنچ ئەمەس

بېلۇچىستان شىمالدا ئافغانىستان، غەربتە ئىران بىلەن چېگرىداش بولغاچقا، ئامېرىكا ۋە ناتو، تالىبان ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ غايىپ كۈچلىرى بېلۇچىستانغا يوشۇرۇنغان دەپ گۇمان قىلىدۇ. خەلقئارا تېررورغا قارشى ھەرىكەتنىڭ ئاكتىپ ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن بولغان پەرۋەز مۇشەررەپ، تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت داۋامىدا، بېلۇچىستان مىللىي ئۆكتىچىلىرىگىمۇ قاتتىق زەربە بەرگەن. پاكىستان ئاخباراتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2006 ‏-يىلى نويابىردا، پەرۋەز مۇشەررەپ، بېلۇچىستاننى زىيارەت قىلىش ئالدىدا، بېلۇچىستان مىللەتچى پارتىيىسىنىڭ 500 گە يېقىن ئەزاسىنى ۋە پارتىيە سېكرىتارى ئەختەر مەنگەلنى قولغا ئالغان. ئەختەر مەنگەل نۆۋەتتە كاراچى تۈرمىسىدە.

پات يېقىندا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى مۈمكىن بولغان، پاكىستان خەلق پارتىيىسى، پەرۋەز مۇشەررەپنىڭ قاتتىق قول سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بېلۇچىستان خەلقىدىن ئەپۇ سورىغان ۋە مۇمكىن بولغان دائىرىدە ئەڭ چوڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. (شۆھرەت ھوشۇر)