پرېزىدېنت پەرۋېز مۇشەررەپ ھەربىي ھالەتنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى


2007.12.14

پاكىستان ھۆكۈمىتى، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھەربىي ھالەتنى شەنبە كۈنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. لېكىن، پاكىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، ھەربىي ھالەتنىڭ بىكار قىلىنىشى 8‏- يانۋار كۈنى پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ ئادالەتلىك بىر سايلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، دىيىشمەكتە.

پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، 3‏- نويابىر كۈنى پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ھەربىي ھالەتنىڭ شەنبە كۈنى بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما، پاكىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، پاكىستاندا 8‏- يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامىنت سايلىمىغا بىر نەچچە ھەپتە قالغان بىر مەزگىلدە، پاكىستاندا مەتبۇئات ۋە سىياسىي پائالىيەتلەر ئۈستىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ھەربىي ھالەتنىڭ بىكار قىلىنىشىنىڭ، پارلامىنت سايلىمىنىڭ ئادالەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا.

پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنستىرلىرى، بىنەزەر بوتو ۋە ناۋاز شېرىپنىڭ پارتىيىلىرى، پاكىستاندا پرېزىدېنت مۇشەررەپ تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلار پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ پاكىستاندىكى ھەربىي ھالەتنى بىكار قىلىش قارارىنى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش تەشەببۇسى دەپ قارىماقتا.

پاكىستاندىكى سىياسىي كرىزىسنىڭ، بۇ دۆلەتتىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان غەرب دۆلەتلىرى بولۇپمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، پاكىستاندىكى ھەربىي ھالەتنى دەرھال بىكار قىلىشى ئۈچۈن، پرېزىدېنت پەرۋېز مۇشەررەپكە بېسىم ئىشلەتمەكتە ئىدى.

پاكىستاندىكى ئۆكتىچى سىياسىي ئانالىزچىلار ئېيتىشىچە، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ، پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامىنت سايلىمىدا ئۆكتىچى پارتىيىلەر غەلىبە قىلسا، پارلامېنتنىڭ قارارى بىلەن ئۇنى پرېزىدېنت ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. شۇڭا سايلامدا ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ غەلىبە قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

گەرچە، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ، پاكىستاندىكى رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، پاكىستاندا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پاكىستان خەلقىنىڭ ئاساسلىق قىسىمى پەرۋېز مۇشەررەپنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قىلىش ئۈچۈن پاكىستان ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دىنىي رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ ھۇجۇملىرى ئازايمىغان ئەكسىچە، تېخىمۇ كۆپەيگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.