پاكىستان سايلىمىدا كۆپ كىشى ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشالمىدى


2008.02.19

پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمى دۈشەنبە كۈنى ئاياقلاشتى، بىراق سايلامدا ئاۋاز بېرىش نىسبىتى يېتەرلىك بولماسلىقى بىلەن تەڭ، سايلامنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە سىلەرگە بۇ ھەقتە مەلۇمات يەتكۈزىدۇ. پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان سايلام پائالىيەتلىرى بىر قاتار ھۇجۇملارغا دۇچ كېلىش بىلەن بىرگە، بولۇپمۇ سىياسىي ئۆكتىچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بەنەزىر بۇتتو خانىمنىڭ سۈيقەستكە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى.

سايلامدا يۈز بېرىدىغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن چۆچىگەن خەلق ئاممىسى، سايلامغا قاتنىشىشتىن ۋاز كېچىپ، ئۆيلىرىگە بېكىنىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن سايلامدىكى ئاۋاز نىسبىتى يېتەرلىك دەرىجىگە يېتەلمىدى.

پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، كوچىلارغا نەچچە ئون مىڭلىغان ئەسكەرلەرنى چارلاشقا سېلىپ، بىخەتەرلىكنى قوغداشنىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. سابىق ھەربىي قوماندان پرېزىدېنت پەرۋىز مۈشەررەپمۇ سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى ۋە بىرلىكى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلق رايىغا قارشى يۆنۈلۈش

خەلق رايىنى سىناش ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، سابىق پاكىستان باش مىنىستىرى مەرھۇمە بەنەزىر بۇتتو خانىمنى قوللىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئەڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شېرىپ رەھبەرلىك قىلغان ئىسلام ئىتتىپاقى ھازىر ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان پرېزىدېنت مۇشەررەپ رەھبەرلىكىدىكى ئىسلام بىرلىكىدىن كۆپ ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن.

خەلق پارتىيىسى بىلەن ناۋاز شېرىپ يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئىسلام ئىتتىپاقى سايلامدىن بۇرۇن، مۇشەررەپنىڭ سايلامنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ساختىلىق ھەرىكەتلىرىنى زور كۆلەمدە قانات يايدۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان " sunday times " گېزىتى بەنەزىر بۇتتو خانىمنىڭ ئېرى ئاسىف ئالى زەردارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەگەر خەلق پارتىيىسى، سايلامدىكى ساختىپەزلىكلەر تۈپەيلىدىن سايلامدا سايلىنالماي قالسا مەزكۈر پارتىيىنىڭ " كوچىغا چىقىشتىن باشقا ھېچقانداق تاللاش يولى قالمايدۇ " دېدى.

زەردارى، بەنەزىر بۇتتو خانىم سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئوغلى بىلاۋۇر بىلەن بىرگە خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قولغا ئالغان ئىدى.

بىراق، ئۇ يەكشەنبە كۈنى ئايالى بۇتتو خانىمنىڭ تۇپرىقىغا تاۋاپ قىلىپ تۇرۇپ، " ئەگەر ئاللاھ بىزگە پۇرسەت بەرسە... بىز دۈشمەن بىلەن دوستنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز " دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، " ھازىر ھەممە ئىش ئاخىرقى باسقۇچقا يېتىپ كەلدى، ئەگەر بىز ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىككە كېلەلمىسەك، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز پاكىستاندىن ئايرىلىپ قالىمىز " دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان.

سايلام جەريانىدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىپ تۇردى

پاكىستان ھۆكۈمىتى، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ چوقۇم ئەركىن ۋە ئادىل ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما پرېزىدېنت پەرۋىز مۇشەررەپ، ئۆكتىچى پارتىيە قوللىغۇچىلىرىنىڭ سايلامدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارماسلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ۋە بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

ھۆكۈمەت، سايلام كۈنى 500 مىڭ بىخەتەرلىك خادىمىنى تەرتىپنى ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن سايلام ئالدىدا پاكىستاندا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇردى.

يەكشەنبە كۈنى، بىر ھەربىي ماشىنا پاكىستاننىڭ بىلوجى ناھىيىسىدە پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 4 نەپەر ئەسكەرنىڭ ئۆلۈمىنى مەيدانغا كەلتۈردى.

يەنە ئوخشاش كۈندە، لاھۇردا ئىككى قېتىم مۇشەررەپنى قوللىغۇچىلار تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان يىغىلىش ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە ئۈچ كىشى قازا قىلدى. قازا قىلغانلار ئارىسىدا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ بىر نەپەر سايلام نامزاتىمۇ بار ئىكەن.

ئەكسىچە، شەنبە كۈنى پاكىستان بىلەن ئافغانىستانغا چېگرىداش غەربىي شىمال رايونىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 47 نەپەر خەلق پارتىيىسى ھىمايىچىلىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئاخباراتچىلارنىڭ قارىشىچە، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن ئەندىشە ھېس قىلىش سەۋەبلىرى تۈپەيلى، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ بېلەت تاشلاش نىسبىتى يۇقىرى نىسبەتكە ئېرىشەلمەيدىكەن.

پاكىستان پارلامېنت سايلىمى ئەسلىدە 1 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنى ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان بولۇپ، بىراق خەلق پارتىيىسى رەھبىرى بەنەزىر بۇتتو خانىمنىڭ 27 ‏- دېكابىر كۈنى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشى تۈپەيلى، جەمئىيەتتە زور قالايمىقانچىلىقلار مەيدانغا كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۆلەت سايلام كومىتېتى سايلامنى كېچىكتۈرۈش قارارىنى بېكىتكەن ئىدى.

گەرچە، يۇقىرىدا تەكىتلىنىلگىنىدەك سايلام نىسبىتىنىڭ يېتەرلىك بولالماسلىقى پەرەز قىلىنغان بولسىمۇ، ئېلىپ بېرىلغان ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئىككى چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىدىن ئىسلام ئىتتىپاقى پارتىيىسى بىلەن پاكىستان خەلق پارتىيىسى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئەگەر ئىسلام ئىتتىپاقى بىلەن پاكىستان خەلق پارتىيىسى ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلىشىشنى خالىسا، پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق پارتىيە بولۇپ شەكىللىنەلەيدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.