بەنەزىر بۇتتونىڭ پاكىستان خەلق پارتىيىسى ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشتى

0:00 / 0:00

18- فېۋرال دۈشەنبە كۈنى پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجىسىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتىكى پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپنى قوللىغۇچى رادىكال ئىسلامچى پارتىيە پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى پارتىيىسى( ق) 15 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشىپ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. مەزكۇر پارتىيە پارلامېنتتىكى 268 ئورۇننىڭ 42سىگە ئېرىشكەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، پەرۋىز مۇشەررەپنىڭ 19 نەپەر مىنىستىرى پارلامېنتتىكى ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.

بۇتتونىڭ پاكىستان خەلق پارتىيىسى يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشتى

بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا ئەڭ كوپ ئاۋازغا ئېرىشكەن پارتىيە 2007-يىلى 17- دېكابىر سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن سابىق باش مىنىستىر بەنەزىر بۇتتونىڭ پارتىيىسى: پاكىستان خەلق پارتىيىسى بولۇپ، 88 ئورۇنغا ۋە ئاياللار، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈچۈن قالدۇرۇلۇپ قويۇلغان 44 ئورۇن ئىچىدىكى 25 ئورۇنغا ئېرىشىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشتا يېتەكچىلىك ئورۇنغا ئۆتكەن.

ھازىر پاكىستاندا ئىككى خىل مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى پارتىيىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرسى 1999- يىلى پەرۋىز مۇشەررەپ تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ سۈرگۈن قىلىنغان سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شەرىف باشچىلىقىدىكى پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى (ناۋاز) ياكى ناۋاز ئىتتىپاقى، يەنە بىرسى پەرۋىز مۇشەررەپنى قوللايدىغان پارتىيە قۇئائىدە ئەزەم ياكى پادىشاھ پارتىيىسى دەپ ئاتالغان پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ( ق) قاتارلىقلار.

ناۋاز شەرىپ پارتىيىسى ئىككىنچى بولدى

بۇ نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمىدا، ناۋاز شەرىف يېتەكچىلىكىدىكى پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى( ناۋاز) پارلامېنتتىكى 268 ئورۇننىڭ 65 ئىگە ۋە ۋاسىتىلىك سايلانغان ۋە باشقا قوللىغۇچىلىرىدىن بولۇپ 20 ئورۇنغا ئېرىشىپ ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى يۇقىرىدا پارلامېنتتىكى ئەڭ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشكەن ئىككى پارتىيە يەنى پاكىستان خەلق پارتىيىسى بىلەن پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ( ناۋاز) ياكى ناۋاز ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئەسىف زەردارى بىلەن ناۋاز شەرىف ئۇچرىشىپ، پەرۋىز مۇشەررەپنى تەختتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

بەنەزىر بۇتتو خانىمنىڭ يولدىشى ئاسىف ئەلى زەردارىنىڭ رويېتىرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ لار ھازىر پاكىستان دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇ نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ رولى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: " پارلامېنت قايسى پرېزىدېنت بىلەن بىرگە ئىشلىگىنى بولىدىغان ۋە ياكى قايسى بىلەن بىرگە ئىشلىگىنى بولمايدىغانلىقىنى قارار قىلىدۇ" دېگەن.

ناۋاز شەرىف:" مۇشەررەپنىڭ كۈنى ئاخىرلاشتى"

ئۆتكەن يىلى 3- نويابىر پاكىستاندا ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلۈپ، پاكىستان ئالىي سوتى بىكار قىلىنىپ باش سودىيە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى 11 ‏- ئايدىن بۇيان ئۆيىگە نەزەر بەند قىلىنغان باش سودىيە چاۋدھرينىڭ ئۆيىگە قاراپ يول ئالغان ناۋاز شەرىف ئەپەندى 150 دەك ئادۋوكاتلار توپىغا نۇتۇق سۆزلەپ: " ھازىر باش سودىيە ئىفتىخار چاۋدھري ۋە باشقا سولچىلارنى مەھكىمىلىرىگە قايتۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى" دېگەن.

ئۇ يەنە، مۇشەررەپنىڭ دەرھال ئىستېپا بېرىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە: " مۇشەررەپنىڭ كۈنى ئاخىرلاشتى.. مۇشەررەپ بولسا بىر قانۇنسىز يوللار بىلەن ھوقۇققا ئېرىشكەن قانۇنسىز پرېزىدېنت" دەپ مۇشەررەپنى ئەيىبلىگەن.

ئاق ساراي يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ مۇشەررەپ بىلەن ئەپ ئۆتۈشىنى خالايدۇ

ئەمما پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەپنىڭ ۋال- سىترىت ژۇرنىلىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھازىرچە ئىستېپا بېرىشنى تېخى ئويلاشمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر پاكىستاندا مەيدانغا كېلىش ئالدىدا تۇرغان يېڭى ھۆكۈمەتنى پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ بىلەن ئەپ ئۆتۈپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرگەن.

ئاق ساراي باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش سەيشەنبە كۈنى پەرۋىز مۇشەررەپكە تېلېفون قىلغان بولۇپ، ئەمما باياناتچى ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىغان.

ئانالىزچىلار: خەلق پارتىيىسى بىلەن پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى ھەمكارلىشىپ كېتەلمەسلىكى مۇمكىن

گەرچە پاكىستان خەلق پارتىيىسى بىلەن ناۋاز شەرفىنىڭ پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەتلەشكەن بولسىمۇ، رويتېرستا كۆرسىتىشىچە، ئانالىزچىلار بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ ھەمكارلىشىپ كېتەلىشىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرستا خەۋەر قىلىنىشىچە، پاكىستان خەلق پارتىيىسى بىلەن پاكىستان مۇسۇلمانلار پارتىيىسى ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئاداۋەت بولغاچقا، ھازىر مۇشەررەپمۇ بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالماسلىقىنى كۈتۈۋاتقان ئىكەن.

ۋەھالەنكى، پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ئاسىف ئەلى زەردارى، پاكىستاندىكى باشقا ئۇششاق پارتىيىلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ۋە ئېتنىك پاشتۇنلار ئاۋام خەلق پارتىيىسى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار "ئالىي پارلامېنت" قۇرۇشتا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ئېتنىك پاشتۇنلار پارتىيىسى پارلامېنتتا 9 ئورۇنغا ئېرىشكەن ئىدى. (جۈمە)