پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر ھاكىمىيەت بېشىغا كېلەلمىدى

0:00 / 0:00

پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئالدى - كەينىدە خەلقئارا جامائەت بولۇپمۇ، غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدا پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىدا ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى مۇمكىنلىكى جىددىي ئەندىشە ياراتقان ئىدى.

پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ، پاكىستاندا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغىنىدا، پاكىستاندا ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنغان. ئۇ، پاكىستاندا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنى، پاكىستاندا ئەسەبىي دىنىي كۈچلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشىنىڭ پاكىستاندىكى يادرو قوراللار كونتروللۇقىنىڭ رادىكال ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دەپ كۆرسەتكەن.

پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا ۋە سايلام جەريانىدا، پاكىستاندىكى رادىكال گۇرۇپپىلار ۋە ئەلقائىدە تەشكىلاتى قالدۇقلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەنلىكى، سايلامغا تەييارلىق پائالىيىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ۋە پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بەنەزىر بۇتتونىڭ بىر سۈيىقەست نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، خەلقئارا جامائەتنىڭ پاكىستاننىڭ سىياسىي كېلەچىكى توغرىسىدىكى قايغۇ ۋە ئەندىشىلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن ئىدى.

لېكىن پاكىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپنىڭ، پاكىستاندا رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشغا كېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى توغرىسىدىكى باياناتلىرىنى رەت قىلىپ، ئەگەر پاكىستاندا ئەركىن ۋە دېموكراتىك بىر سايلام ئېلىپ بېرىلسا، رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ ھېچقاچان غەلىبە قىلالمايدىغانلىقىنى، پاكىستان خەلقىنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنىڭ مۆتىدىل سىياسىي پارتىيىلەرنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇلار غەرب دۆلەتلىرىدىن، پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئەركىن ۋە ئادالەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، پرېزىدېنت مۇشەررەپ ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

بەنەزىر بۇتتونىڭ سۇيىقەست نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن، پرېزىدېنت مۇشەررەپ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن كېچىكتۈرۈلگەن، پارلامېنت سايلىمى ئۆتكەن ھەپتە ئېلىپ بېرىلدى. سايلامدا، پاكىستان خەلق پارتىيىسى ئاۋازلارنىڭ ئەڭ كوپ قىسىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، پاكىستاندا ھۆكۈمەتنى قۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. پاكىستاندىكى مۆتىدىل بىر ئىسلام پارتىيىسى ھېسابلانغان، سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شېرىپنڭ ئىسلام ئىتتىپاقى پارتىيىسى ئىككىنچى كۈچلۈك پارتىيە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە پارلامېنتىدىكى 268 ئورۇننىڭ 67 سىنى قولغا كەلتۈردى. سايلامدا، پرېزىدېنت مۇشەررەپنى قوللىغان پارتىيىلەر قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان بولۇپ، پارلامېنتىدا ئاران 40 ئورۇنغا ئىگە بولالىدى.

بەنەزىر بۇتتونىڭ يولدىشى ۋە پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئاسىف ئەلى زەردارى ۋە ناۋاز شېرىپ، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى پاكىستاندا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، گەرچە پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمى، پاكىستاندىكى پۈتۈن مەسىلىلەرنىڭ بىر تەرەپ بولۇپ، خەلقئارادا پاكىستاننىڭ كېلەچىكى ھەققىدە مەۋجۇت پۈتۈن قايغۇ ۋە ئەندىشىلەرنىڭ تۈگىگەنلىكىنى كۆرسەتمىسىمۇ، بۇ سايلامنىڭ نەتىجىسى، خەلقئارا جامائەتتە بولۇپمۇ، غەرب دۆلەتلىرىدە پاكىستاندىكى سايلامدا دىنىي رادىكال پارتىيىلەر غەلىبە قىلىشى مۇمكىن دېگەن كۆز قاراشلارنىڭ خاتا كۆز قاراشلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ھەمدە غەرب دۆلەتلىرىدە پاكىستاننىڭ سىياسىي كېلەچىكى ھەققىدە مەۋجۇت نۇرغۇنلىغان ئەندىشىلەرنى ئازايتقان.

سىياسىي مۇلاھىزىچى چېتېگ باجاپايىنىڭ ئاسىيا ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى، پاكىستاندىكى رادىكال دىنىي ئېقىملارنىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكىگە ئوخشاش، ئۇمۇمىي خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە خەلق ئىچىگە سىڭگەن ھەرىكەتلەر ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستاننىڭ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ قەد كۆتۈرۈپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان، مۇھەممەت ئەلى جىناھ يېتەكچىلىكىدىكى رەھبەرلەر، پاكىستاننى قانۇن ھاكىمىيىتى ۋە مۆتىدىل ئىسلام بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەت ئاساسىدا قۇرۇپ چىققان.

شۇڭا، گەرچە، پاكىستاندا ئىش بېشىغا كەلگەن ھاكىمىيەتلەر ۋە پاكىستاننىڭ ئاخبارات ئىدارىلىرى، ئىسلام دىنىدىن بىر سىياسىي قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، پارلامېنت سايلىمى نەتىجىسى ئىسپاتلىغاندەك، پاكىستاندا ئىراندىكى ھاكىمىيەتكە ئوخشاش بىر دىنىي ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. (ئۆمەر قانات)