پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى باجاۋۇر رايونىدىكى بىر دىنىي مەدرىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 80 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، بولۇپمۇ پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرىسىدىكى قەبىلىلەر ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولماقتا.
باجاۋۇر رايونىدا ئۈچ كۈن بۇرۇن باشلانغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، چارشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارغا 20000 غا يېقىن كىشى قاتناشقان. ئەڭ چوڭ نامايىش پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن بومبىلانغان مەكتەپ يېنىدىكى سالارزەي يېزىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ نامايىشقا 10000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. نامايىشچىلار ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ھۆجۇم قىلىپ، بەزى بىنالارغا ئوت قويۇپ بەرگەن. پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ باجاۋۇر رايونىدىكى دىنىي مەكتەپكە قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمى پاكىستان-ئافغانىستان چېگرا رايونىدىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى.
پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتى تالىبانلارنى قوللايدىئۇغانلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر باجاۋۇردىكى دىنىي مەكتەپنىڭ بومبىلانغانلىقى پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپنىڭ پاكىستان-ئافغانىستان چېگرىسىدىكى قەبىلىلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاش پىلانلىرىنى قىيىنچىلىققا ئۇچرىتىپ، بۇ رايوندا تالىبانلار ھەرىكىتىنى قوللايدىغانلارنىڭ سانىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋىتىشى مۇمكىن دېيىشمەكتە.
سېنتەبىر ئېيىدا پاكىستان ھۆكۈمىتى شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى تالىبانلارنى قوللاۋاتقان قەبىلىلەر بىلەن بىر تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، باجاۋۇر رايوندىكى قەبىلىلەر بىلەنمۇ ئوخشاش بىر كېلىشىم ئىمزالاشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر چىققان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ باجاۋۇر رايونىدىن خەۋەر قىلىشىچە، رايوندىكى مۇسۇلمان دىنىي رەھبەرلەرنىڭ پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ دىنىي مەكتەپكە قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئامېرىكىنىڭ قولى بار بولۇشى مۇمكىنلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرى، رايون خەلقىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىغا بولغان دۈشمەنلىك ھېسىياتىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
دېگەندەك، باجاۋۇر قەبىلە باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەزىزخان چارشەنبە كۈنى پاكىستان ھۆكۈمىتىنى بۇنداق ھۇجۇملارنىڭ قايتىلانمايدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بېرىشىكە چاقىرىپ، بۇنداق بىر كاپالەت ئالماي تۇرۇپ ھۆكۈمەت بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنى باشلاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا بۇ ئىشتا قولى بارلىقىنى رەت قىلماقتا
رايون خەلقى پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن 80 كىشىنىڭ مەزكۇر دىنىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنى قاتتىق ئەيىبلىمەكتە. ھەتتا بەزىلەر بۇ ھۇجۇمدا ئامېرىكىنىڭ قولى بارلىقىنى تەكىتلەپ پرېزىدېنت بۇشتىن ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. رايوندىكى بەزى كىشىلەر پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئاۋۋال ئامېرىكىنىڭ بىر ئادەمسىز جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنىڭ مەكتەپ جايلاشقان يېزا ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما ھەم پاكىستان ھۆكۈمىتى ھەم ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھۇجۇمدا قولى بارلىقىنى رەت قىلماقتا.
لېكىن ھۆكۈمەت تەرەپ، بومبىلانغان دىنىي مەكتەپنىڭ ئەسلىدە بىر تېررورچى تەربىيىلەش مەركىزى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئوساما بن لادىن نىڭ مۇئاۋىنى ئەيمان ئەلزاۋاھىرىنىڭ مەزكۇر مەكتەپنى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلغانلىقى ھەققىدە قوللىرىدا ئېنىق پاكىت بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە. پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ سەيشەنبە كۈنى ئىسلام ئاباددا بەرگەن باياناتىدا، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ باجاۋۇردىكى دىنىي مەكتەپكە قارىتا ئېلىپ بارغان ھۇجۇمىنى قوللاپ، بۇ دىنىي مەكتەپتىكى پائالىيەتلەر بىر نەچچە ۋاقىت كۆزۈتۈلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىر تېررورچى تەربىيىلەش مەركىزى ئىكەنلىكى ئېنقلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇ يەردە گۇناھىژ ئادەم يوق ئىدى. ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممسى قوراللىق كىشىلەر ئىدى، دېدى. نامايىشلاردىن كېيىن، باجاۋۇر رايونى پاكىستان ئارمىيىسى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي قورشالغان بولۇپ، ھۆكۈمەت مۇخبىرلار، ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ رايونغا بېرىشىنى چەكلىگەن.
مەركىزى نيۇيوركدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ھۇجۇمنىڭ كىملەر تەرىپىدىن پىلانلىنىپ، قانداق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ۋەقەدە كىملەر ئۆلگەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ رايونغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا پروگراممىسىنىڭ دېرىكتورى سامىنا ئەخمەت، ئەگەر بۇ دىنىي مەكتەپتە تېررورچىلار يوشۇرۇنغان بولسا، پاكىستان ئارمىيىسى مەكتەپنى قورشاپ، تېررورچىلارنى قولغا ئېلىش كېرەك ئىدى. پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ توساتتىن بۇ مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدۇ، دېدى. (قانات)