مۇشەررەپنىڭ خىتاي زىيارىتى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا

0:00 / 0:00
musherrep-pakistan-xitay.jpg
21-فېۋرال كۈنى پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ بېيجىڭدا.. AFP

پاكىستان پرېزىدېنتى مۇشەررەپ، پاكىستاندىكى سىياسىي ۋەزىيەت كۈنسېرى جىددىيلىشىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ.

پاكىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە مۇشەررەفنىڭ خىتايغا بەرگەن ۋەدىلىرى

پاكىستاندا بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى ياۋروپا گېزىتلىرىدە مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ كارتون رەسىملىرىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ بارغانسىرى ماھىيىتى ئۆزگىرىپ، پرېزىدېنت مۇشەررەپ ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىغا ئايلانماقتا.

مۇشۇنداق بىر پەيتتە خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان پرېزىدېنت مۇشەررەپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىدا، يېقىندا ئۈچ نەپەر خىتاي ئىنژېنىرىنىڭ پاكىستاندىكى قەبىلە مىلىتانلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەپۇ سوراپ، بېجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشقان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت مۇشەررەپ خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا، خىتاي ئىنژېنىرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى پاكىستاننىڭ يۈزىگە" داغ تەككۈزگەنلىك" دەپ تەكىتلەپ، "پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى خىتاينى سۆيىدۇ ھەمدە خىتاي دۆلىتىنى ئىشەنچلىك بىر قوشنا ۋە ئىتتىپاقداش دەپ قارايدۇ. جاۋاپكارلارنى ئېغىر ۋە شەپقەتسىز جازالايمىز" دەپ ۋەدە بەرگەن.

"ئۈچ خىل كۈچ" كە قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى ۋەدىلەر

مۇشەررەپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا شۇنداقلا، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پاكىستاندىن رايوندىكى بىر تىجارەت ۋە ئېنېرگىيە يولى سۈپىتىدە پايدىلىنىشىنى خالايمىز دېگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، خىتاي تەرەپنىڭ پاكىستان بىلەن بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا قاراقۇرۇم تاش يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك مەزمۇندىكى 13 خىل كېلىشىم ئىمزالانغان.

پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا قانداق كېلىشىملەر ئىمزالانغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ھىندىستان تايمىس گېزىتى، پاكىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئالدىنقى زىيارىتى جەريانىدا پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى توغرىسىدا بىر كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى، بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن پاكىستاننىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچى دەپ ئەيىبلگەنگەن بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسى

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستاننىڭ خىتايغا كۈنسېرى يېقىنلىشىپ، خىتاي بىلەن كەڭ دائىرىلىك كېلىشىملەر ئىمزالىغانلىقى ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بولۇپمۇ پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ، پاكستاننىڭ جەنۇبى رايونىدىكى گۇۋادار پورتىنى كېڭەيتىش پىلانى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ پورتنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق نېفىتىنى ئىمپورت قىلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك بىر نېفىت يولىغا ئايلىنىپ قىلىشىدىن ۋەياكى خىتاينىڭ ھىندىستان دېڭىزىنى ئىشغال قىلىدىغان تۇنجى دېڭىز ھەربىي بازىسىغا ئايلىنىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەندىشىسىمۇ ئاساسسىز ئەمەس. چۈنكى ئامېرىكا يادرو مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى ئىرانغا قارىتا ئىقتىسادىي ئىمبارگو يولغا قويۇشقا رازى قىلىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسىدە پاكىستاننىڭ گۇۋادار پورتى ئارقىلىق ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى پىلانلىماقتا.

ۋال سىترىت جورنال گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىمىزدىكى مارت ئېيىدا، خىتاي ئىران بىلەن 100 مىليارد دوللارلىق بىر ئېنېرگىيە كېلىشىمى ئىمزالايدىكەن. ھالبۇكى ئامېرىكا خىتاي بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا مەزكۇر كېلىشىم ئىمزالىنىدىغان كۈنلەردە يادرو مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئىرانغا بىر ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان پاكىستانمۇ، ئىران بىلەن 4 مىليارد دوللارلىق بىر نېفىت تۇرۇبا يولى ياساشنى قوبۇل قىلغان. پاكىستان شۇنداقلا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە قارشى بىر تەشكىلات دەپ قاراۋاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش مەقسىدىدە خىتاينىڭ ماقۇللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. (قانات)