خىتاينىڭ باش ئەلچىخانىسى ئىشچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، يەكشەنبە كۈنى كېچىدە پاكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگرىسىدىكى پېشاۋېر شەھىرىدە بىر خىتاي ئائىلىسىدىكى 3 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

4 نەپەر خىتاي پۇقراسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 3 كىشى ئۆلگەن ۋە بىر كىشى ئېغىر يارىلانغان

HOSTIPAL-200.jpg
ئۆلگەن 3 ئادامنىڭ بىرى دوختۇرخانىدا. one of the three Chinese nationals killed by unidentified gunmen on the outskirts of Peshawar, 08 July 2007./ AFP PHOTO/Tariq MAHMOOD

خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگەندە بايانات ئېلان قىلىپ، 4 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ، يەكشەنبە كۈنى كەچتە پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى پېشاۋەر شەھىرىدە ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 3 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە بىر كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا خىتاي دائىرىلىرى، بۇ ۋەقەنى زوراۋانلىق ھەرىكەت دەپ ئەيىبلەپ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېزدىن ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىنى سورىغان

ARMY-200.jpg
قىزىل مەسچىت ئالدىدىكى پاكىستان ئارمىيەسى. A Pakistani army soldier stands guard in a bunker at the vicinity of the Red Mosque in Islamabad, 09 July 2007. / AFP PHOTO/Farooq NAEEM

پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاينىڭ باش ئەلچىسى، لو جاۋخۇي يەنە پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە پاكىستاندا ياشاۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماۋ سىۋېي قاتارلىق ئەلچىخانا خادىملىرى، پېشاۋېرغا يېتىپ بېرىپ، يۈز بەرگەن ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.

بۇ ئارىدا پاكىستان تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ئەسلەممۇ پاكىستان ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ، يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ پاكىستان خىتاي مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي ئىشچىلىرى پېشاۋەردىكى ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت ياسايدىغان بىر زاۋۇتنىڭ ئىشچىلىرى بولۇپ، پېشاۋەردىكى بىر ھۆكۈمەت خادىمى رويېترس ئاگېنتلىقىغا، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ ئىشچىلارنى ئىشتىن چۈشكەندە ئوق تۇتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر بولسا، ساقاللىق بىر قانچە ئەرنىڭ ماشىنا ھەيدەپ كېلىپ، خىتاي ئىشچىلىرى تۇرۇشلۇق ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئوق چىقارغاندىن كېيىن نەق مەيداندىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پېشاۋەردىكى ساقچىلار خىتاي پۇقرالىرىنى ئوققا تۇتقۇچىلارنىڭ نىمە مەقسەت بىلەن ھۇجۇم قوزغىنغانلىقىنى سەۋەبىنى ھازىرچە تېخى ئېنىقلاپ چىقمىغانلىقىنى ئەمما تېز ئارىدا مەزكۈر دېلونى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈگەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس

FE-LEGISLATOR-200.jpg
ئايال پارلامەنت ئەزالىرى قىزىل مەسچىت ئالدىدا دۇئا قىلماقتا. Female lagistatures in front of the Islamabad's Red Mosque on 09 July, 2007 / AFP PHOTO/Farooq NAEEM

ئوق تېگىپ يارىلانغان خىتاي پۇقراسى، دوختۇرخانىدا ساقچىلارغا تونۇمايدىغان بىر قانچە پاكىستانلىقنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ بىرىنىڭ ئۆز ئوغلى قالغان ئىككىسىنىڭ تۇققىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ" : مەن بۇ ئادەملەرنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق بىر ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى پەقەت بىلەلمىدىم " دېگەن.

ئافغانىستان بىلەن پاكىستان چېگرىلىنىدىغان غەربىي شىمالدىكى رايونلاردا يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن بىر قاتار ھۇجۇملارغا قارىتا، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئىسلام رادىكال تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولىشى مۇمكىن دېگەن ھۆكۈمنى چىقارغان.

بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلام ‏- ئابادتتا، رادىكال ئىسلام ئوقۇغۇچىلىرى قىزىل مەسچىتتە، پاكىستان ئەسكەرلىرى بىلەن قارشىلاشقان.

پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ بىر گېنېرالى، ئىسلام - ئابادتىكى قىزىل مەسچىت ئىسلام ئوقۇغۇچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈردى. يەنە شۇ قىزىل مەسچىتتە ئىسلام ئوقۇغۇچىلىرى ئۆتكەن ئاي بىر قانچە خىتاينى گۆرۆگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ پاكىستاندا پاھىشەلىك مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

ئىسلام ئوقۇغۇچىلىرى يەنە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قۇرۇق يىڭنە سانجىش باھانىسىدا ئىسلام دىنىغا زىت ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارىق ئىسلام دۆلەتلىرىدە خىتاي رېستۇرانتلىرى ئالاھىدە كۆپەيگەندىن سىرت، خىتايچە ئۇسۇلدا داۋالايدىغان كىچىك تىپتىكى يىڭنە سانجىش ئويى ۋە بەدەن ئۇۋۇلاش ئۆيلىرى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇ خىل ئورۇنلاردا ئەمىليەتتە جىنسى مۇلازىمەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.

2001 ‏- يىلى ئافغانىستاندا تالىبان ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندا، ئىستانسىمىز مۇخبىرى ئافغانىستاننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا زىيارەتتە بولۇپ، بىرمۇ خىتاي رېستورانى ئۇچراتمىغان ئەمما مۇخبىرىمىز 2004 ‏- يىلى ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا خىتاي رېستۇراتلىرىدىن بىر قانچىلىرىنى كۆرگەندىن سىرت، ھەتتا خىتاي ئاياللىرىنىڭ سۈرەتلىرى ئىسىلغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرگەن.

ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى بۇ خىل ئەھۋاللار، يالغۇز دىنىي رادىكال تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، خەلقنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.(ئەقىدە)