پاكىستاننىڭ خىتايغا ياردەملەشكەنلىكى پاش بولماقتا

0:00 / 0:00

ئەلقائىدە ۋە تالىبان قالدۇقلىرىغا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ پاكىستاندىكى ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش توغرىسىدا ئامېرىكىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان پاكىستان ھۆكۈمىتى، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تۇتۇپ، خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش مەسىلسىدە خىتاينىڭ ئوخشاش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. لېكىن سىياسىي مۇلاھىزىچى ب راماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇنداشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بەرمەكتە.

ھىندىستاندىكى چاناي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ب راماننىڭ رازۋېتكا خەۋەرلىرى تور بېتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان ۋە ئەلقائىدە قالدۇقلىرىغا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىگە سەل قاراپ كەلگەن پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، بېيجىڭنىڭ تەلەپلىرىنى دەرھال ئورۇندىغانلىقى يېقىندا پاكىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئېنىق ئوتتۇرىغا چىققان.

ب راماننىڭ ئېلان قىلغان ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبانلارنى قوللايدىغان رادىكال ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنىڭ قىزىل مەسچىتتە بىر نەچچە ئاي داۋاملاشقان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھېچقانداق جىددىي تەدبىر ئالمىغان پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋېز مۇشەررەپ، پاھىشىۋازلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن 6 خىتاي ئايالنىڭ قىزىل مەسچىتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىشىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلىنىپ، 2007‏ -يىلى 10 ‏- ئىيۇل كۈنى پاكىستان ئارمىيىسىگە قىزىل مەسچىتكە ھۇجۇم توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

ب راماننىڭ ماقالىسىدە تەكىتلىنىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئابدۇللا مەسئۇد مەسىلىسىگىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان. پاكىستاننىڭ جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايوندا تالىبانلارنى قوللاۋاتقان قەبىلە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللا مەسۇد ئۇزۇندىن بېرى ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ھەربىي قىسىملىرىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تالىبانلارغا ياردەم قىلىپ كەلمەكتە ئىدى. شۇڭا ئامېرىكا ھەمدە پرېزىدېنت كارزاي ھۆكۈمىتى بىر نەچچە قېتىم پاكىستان ھۆكۈمىتىدىن ئابدۇللا مەسئۇدقا قارشى تەدبىر ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئابدۇللا مەسۇدنىڭ پائالىيەتلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي بىرەر تەدبىر ئالمىغان ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابدۇللا مەسئۇدنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئەندىشە بايان قىلىپ، ئۇنىڭ پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىغا تەھدىت ئىكەنلىكىنى جاكارلىشى، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە رازۋېتكا ئورگانلىرىنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئاتلىنىپ، 2007‏ - يىلى 23‏- ئىيۇل كۈنى ئابدۇللا مەسئۇدنى بەلوچىستاندىكى يوشۇرۇنغان جايىدا ئۆلتۈرۈشىگە سەۋەب بولدى.

ب راماننىڭ ماقالىسىدە ئېيتىشىچە، گەرچە پاكىستان ھۆكۈمىتى ئابدۇللا مەسۇدنىڭ پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەسلىم بولۇشنى رەت قىلىپ، ئۆزىنى پارتلىتىپ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئابدۇللا مەسئۇدنىڭ سەبداشلىرى، ئۇنىڭ پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا.

2004‏ - يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا، ئابدۇللا مەسئۇدنىڭ بىر قىسىم جەڭچىلىرى جەنۇبىي ۋەزىرىستاننىڭ تانك رايونىدا ئىككى خىتاي ئىنژېنېرىنى گۆرۆگە ئېلىۋالغان ئىدى. پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ گۆرۆگە ئېلىنغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىدە گۆرۆگە ئېلىنغان ئىككى خىتاي ئىنجېنېرىنىڭ بىرى ۋە 5 گۆرۆگە ئالغۇچى ئۆلگەن ئىدى.

پاكىستاندىكى 20 ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنى تېخى تۇتالمىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلماقتا

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە پاكىستان ھۆكۈمىتى، خىتاينىڭ تەلەپلىرىنى دەرھال ئورۇنداۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تاپشۇرۇلۇشى تەلەپ قىلىنغان پاكىستاندىكى 20 ئۇيغۇر پائالىيەتچىسىنى تېخى تۇتالمىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلماقتا ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى، پاكىستان دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى 2008‏ - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن تۇتۇپ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تارتىش ئۈچۈن ، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يېغىنى جەريانىدا پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆزبېكىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئېلىدە پارتلىتىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر 20 ئۇيغۇر پائالىيەتچىنى تۇتۇپ خىتايغا تاپشۇرۇش ۋە خىتاي پۇقرالىرىنى ئۆلتۈرگەنلەرنى تۇتۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى تېخى ئورۇندىيالمىغان پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى، پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى خىتاي -پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارالىق سۈيقەستنىڭ بىر قىسىمى دەپ كۆرسىتىشكە باشلىغان. ھەتتا پاكىستان باش مىنىستىرى شەۋكەت ئەزىز 8‏- ئاۋغۇست كۈنى بەرگەن باياناتىدا، يېقىندا پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار ، خەلقئارالىق بىر سۇيىقەست دەپ كۆرسەتكەن. (ئۆمەر قانات)