گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاندا ئەسىرگە چۈشۈش جەريانى

بۈگۈن پالاۋدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇغاپپار ئۆزىنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىش سەۋەبى ۋە جەريانى شۇنداقلا يەنە سەبداشلىرى بىلەن بىرلىكتە پاكىستان ‏- ئافغانىستان چېگرىسىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشۈش جەريانىنى سۆزلەپ بەردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.11.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Palawdiki-Uyghurlar-RFA-muhbiri-Shohret-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻻﯞﻏﺎ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ 6 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo / Shohret Hoshur

ئابدۇغاپپار ئۆزىنىڭ ۋەتەندە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىغا قارشى بىر چىقىش يولى ئىزدەش غايىسى بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلغانلىقىنى، ئافغانىستانغا يېتىپ بېرىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي، سەبداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەسىرگە چۈشكەنلىكىنى، ئەسىرگە چۈشۈشىگە پاكىستاندىكى قەبىلىلەر رايونىغا ئائىت بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆھبەت داۋامىدا، ئۆزلىرىنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتى ياكى رايوندىكى ھەر قانداق بىر كۈچكە قارشى پىلان ۋە نىيىتى بولمىغانلىقىنى، پەقەتلا خىتاي زۇلۇمىغا قارشى مەيداندا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسىرگە چۈشۈش جەريانىدا  قارشىلىق كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.  

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Nov 14, 2009 12:20 AM

ﯪﻟﻼﻫ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﯘﻟﻰ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ ﯞﻩ ﻧﯩﻴﺘﯖﯩﺘﯩﯖﺰﮔﻪ ﻳﻪﺗﻜﯘﺳﺴﯘﻥ ﯪﻛﺎﺟﺎﻥ

Anonymous
Nov 15, 2009 12:29 PM

http://www.sbs.com.au/dateline/story/watch/id/600261/n/Uighurs-in-Paradise

ﺑﯘ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻧﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﺮﯗﮔﺮﺍﻣﺎ ﻛﯜﺭﯛﭖ ﺑﯩﻘﯩﯖﻼﺭ. ﺑﯘ ﭘﺮﯗﮔﺮﺍﻣﯩﻨﻰ 15-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ﯪﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﻪﺩﻩ ﻗﻮﻳﺪﻯ.

تولۇق بەت