ئامېرىكىلىق پروفېسسورنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى قاراشلىرى

0:00 / 0:00
Dru-Gladney-200.jpg
Proféssor Dru Gladney. image courtesy: Pomona College

خىتاي ھۆكۈمىتى 5‏- يانۋار كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى بىر تېررورلۇق لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 18 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ 17 كىشىنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ئەھۋالى ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتى توغرىسىدىكى مۇددىئالىرىنى ئەڭ كۈچلۈك تەلەپپۇز بىلەن رەت قىلغان چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ئامېرىكىدىكى تىنچ ئوكيان ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، ئاتاقلىق خىتايشۇناس درۇ گلادنى گېرمانىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق غەرب ئاگېنتلىقلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ، ئەلقائىدە تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە ھېچقانداق پاكىت ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور Dru C. Gladney بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز قاناتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

- ھۆرمەتلىك پروفېسسور گلادنى ئەپەندى، سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 18 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ 17 كىشىنى تىرىك قولغا چۈشۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋىرىگە نېمە ئۈچۈن گۇمان بىلەن قارايسىز؟

- خىتاينىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى خەۋەرلىرى ناھايىتى گۇمانلىق. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق پاكىت ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى، كىشىدە تېخىمۇ كۆپ گۇمان قوزغايدۇ. مەسىلەن نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان، رەسىم ۋە كۆرۈنۈش شۇنىڭدەك سىنالغۇ لىنتىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇنداق پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىغاندىن كېيىن، جىمىپ كېتىشى كىشىدە تېخىمۇ كۆپ گۇمان قوزغايدىغان، غەلىتە بىر ئەھۋال. مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدە ئاتالمىش ئۇيغۇر تېررورچىلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەرىكەت توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا. مېنىڭچە بۇ تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر ۋەقە بولۇشى مۇمكىن. مەن بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننى بىر نەچچە قېتىم زىيارەت قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغاندەك بۇ رايوندا بىر تېررورلۇق لاگىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا ئانچە ئىشەنمەيمەن. خىتايدا قانۇنسىز ئىشلىتىلىۋاتقان كۆمۈركانلار ناھايىتى كۆپ. خىتاي ساقچىلىرى رايوندا مۇشۇنداق بىر كۆمۈركان ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

- ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، رايوندا بىر تېررورلۇق لاگىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاتالمىش تېررورچىلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى دۇنياغا ئېلان قىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى نىمە؟ نىمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق بىر تېررورلۇق ھېكايىسى توقۇپ چىقىشقا تۇرىشىدۇ؟

- تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ، سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى بېسىملارنى كۈچەيتىۋاتقان دۇنيادا پەقەت خىتايلا ئەمەس. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئامما ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېررورچىلىقنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتمەكتە. تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش شۇئارى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە خالىغان چاغدا سىياسىي ۋە مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. پامىر ئىگىزلىكىدىكى ۋەقە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەركەزدىن تېخىمۇ كۆپ پۇل ئېلىش ئۈچۈن توقۇپ چىققان بىر ھېكايىسىمۇ بولۇشى مۇمكىن. شىنجاڭدىكى ۋەزىيەت ھەممىمىزگە مەلۇم. رايوندىكى رەھبەرلەر بۇنداق بىر تېررورلۇق ۋەقەسى يارىتىش ئارقىلىق، مەركىزى ھۆكۈمەتكە رايوندا ۋەزىيەتننىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، مەركەزنى رايوندىكى ھەربىي ۋە ساقچى قىسىملىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد ئاجرىتىشقا مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر سەۋەبى بولسا، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، خىلى ۋاقت بولدى، خىتايدىكى ئىسلامىي تېررورچىلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك تەھدىتى ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتتا ھېچقانداق بىر خەۋەر ئېلان قىلىنمىدى. دۇنيا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام تېررورچىلىق تەھدىتى ھەققىدىكى مۇددىئالىرىنى ئاستا-ئاستا ئۇنتۇشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ رايوندا ھەربىي لاگىر قۇرغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلاش ئارقىلىق، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قايتىدىن بۇ مەسىلىگە بۇراشقا تىرىشقان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئىسلامىي تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا چېتىپ ئۇلارنى خەلقئارا جامائەتنىڭ ياردىمىدىن مەھرۇم قالدۇرۇش شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە خىتاينى ئىسلامىي تېررورلۇقنىڭ قۇربانى قىلىپ كۆرسىتىش، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

- يېقىندا خىتاي مەتبۇئاتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ چىرىكلىك دېلوسىغا چىتىشلىقى ھەققىدە خەۋەرلەرگە چىقىشقا باشلىدى. سىزچە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پامىر ئىگىزلىكىدە يۈز بەردى دېگەن ۋەقەنىڭ بۇ مەسىلە بىلەن بىر مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ بۇ خەلقىنىڭ دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇراش تەشەببۇسى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟

- ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىدىغان ھەرقانداق ۋەقەنىڭ ۋاڭ لېچۈەن بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى تەبئىي. ئەمما ۋاڭ لېچۈەننىڭ چىرىكلىك ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى ھەققىدە خىتاي مەتبۇئاتىدا چىققان خەۋەرنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقە بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى، بار - ياكى يوقلىقى ئېنىق ئەمەس. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى لاگىرىغا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ھەققىدىكى خەۋەرنى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمان. چۈنكى بۇ ماقالىدا رابىيە قادىر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ مىللىي ئىگىلىكى ئۈچۈن چوڭ تەھدىت دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەلۋەتتە بىر ئۇيغۇر تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بۇ رايوندا بىر لاگىر قۇرغانلىقى خەۋىرى رابىيە خانىم ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى توساش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ياخشى بىر پاكىت بولالايدۇ.