1 – ئاينىڭ 5 – كۈنى خىتاي تەرەپ پامىر تاغلىق رايۇنىدا 18 تېررورىستنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، 17 تېررورىستنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلغاندىن كېيىن، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىتلار ئارقا – ئارقىدىن باياناتلار ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش باھانىسىدا، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشنىڭ بىر ئاساسىنى ھازىرلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
دەرۋەقە، ئۇزۇن ئۆتمەي پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا جىددىي ھالەت پەيدا بولۇپ، ئاتالمىش "تېررورىستلار" بىلەن ئالاقىسى بار دېگەن گۇمان بىلەن 1500 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىنغان. گەرمانىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئالىمجان ئەپەندى، ئەگەر پامىردىكى بۇ ۋەقە راست بولغان تەقدىردە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كۈرىشىنىڭ ھەقلىق بىر كۈرەش سانىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
خىتاينىڭ ھەرىكىتى خەلقئارانىڭ گۇمانىنى قوزغىدى
مەزكۇر ۋەقەگە قارىتا ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكىدىكى چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پامىر ۋەقەسىنىڭ بىر توقۇلما بولۇشى مۈمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە ھىچ قانداق دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىپ بېرەلمىگەنلىكى بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. بولۇپمۇ، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى گلادنېي ئەپەندى 5 – يانۋار پامىر ۋەقەسى ھەققىدە خىتاينىڭ ھېلىغىچە ئەقىلگە ئۇيغۇن بىر پاكىتنى ئوتتۇرىغا ئاچىقالمىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورىزىمغا باغلاپ باستۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، بۇ ۋەقە ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر خەلق`ئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى چېكىشكە باشلىغان. بۇ سەۋەبلىك خىتاي تەرەپنىڭ "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى گۇرۇھى پەيدا قىلغان ۋەقە" دەپ ئېلان قىلغان بۇ خەۋىرىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاشقا سەل قارىمىغانلىقى مەلۇم.
خەلقئارانىڭ ھەر خىل گۇمانى باھالىرىدىن راھەتسىزلەڭەن خىتاي ھۆكۈمىتى، گەرچە بۈگۈنگە قەدەر 5 – يانۋار پامىر ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىتىنى ئاشكارىلايدىغان بىرەر پارچە سۈرەتنى كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، ئۆز مۇخبىرلىرىنىڭ رولىغا تايىنىپ، چەتئەل ئالىملىرىنىڭ، جۈملىدىن پروفېسسور گلادنېي ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىغا رەددىيە بېرىشكە تىرىشقان. "يەر شارى ۋاقىت گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى چېڭگاڭ 26 – يانۋار كۈنى مەزكۇر گېزىتتە "شىنجاڭدا ئارمىيە – خەلقنىڭ ھەمكارلىشىپ، تېررورچى كۈچلەرگە زەربە بېرىشىنىڭ پاكىتى" ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ماقالە؛ ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ پامىر ۋەقەسىگە ئىشەنمىگەنلىكى، پاكىت تەلەپ قىلغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ تىلى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى، ئۆزىنىڭ پامىر ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن نەق مەيدانغا بېرىپ، 1 – قول ماتېرىيالغا ئېرىشمەكچى بولغانلىقى بىلەن باشلانغان.
خىتاي مۇخبىرىنىڭ خاتىرىلىرى ۋەقەنىڭ راسلىقىدا گۇمان قوزغايدۇ
مۇخپىر چېڭگاڭ 9 – يانۋار كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ، 10 – يانۋار كۈنىدىن باشلاپ ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ كوسراپ يېزىسىغا يېقىن جايدىكى مۇھاسىرىگە ئېلىنغان نەق مەيدانغا بارغان. ئۇنىڭ ئىگىلىگەن پۈتۈن پاكىتلىرى ئاتالمىش "تېررورچىلار ئۇۋىسى" نى مۇھاسىرىگە ئالغان ئەسكەر ۋە ساقچىلارنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئاساسسىز مەلۇماتلىرىدىن ئىبارەت بولغان. مەلۇماتتا تېررورچىلارنىڭ ئەسلىدە ئۈچ لاگىرغا يەرلەشكەنلىكى، ئىككى لاگىردىكى تېررورچىلارنىڭ 5 – يانۋار كۈنىدىن باشلاپ تارمار قىلىنغانلىقى، ئاخىرقى بىر لاگىردىكى تېررورچىلارمۇ تارمار قىلىنغان بولسىمۇ، بۇ دائىرىنىڭ ھازىرغىچە مۇھاسىرە ئاستىدا تۇرىۋاتقانلىقى، ئارمىيە بىلەن خەلق بىرلىشىپ، پۈتكۈل يوللارغا چازا قۇرۇپ، قېچىپ يۈرگەن تېررورچىلارنى تۇتماقچى بولغانلىقى ۋە بۇ رايوننىڭ يەر شەكلىنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپلىكى، شۇنداق بولسىمۇ، بىرمۇ تېررورچىنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ماقالىدا يەنە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورىزىمغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە مىساللار ئېلىنغان.
گەرچە „يەر شارى ۋاقىت گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى چېڭگاڭ پاكىت كۆرسىتىپ، پروفېسسور گلادنېي ئەپەندى باشچىلىقىدىكى غەرب ئالىملىرىنىڭ ۋە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئۇ تۇتامغا چىققۇدەك پاكىت تاپالماي، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا 5 – يانۋار پامىر ۋەقەسىنى ھەيۋەت بىلەن ئېلان قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىگە رەددىيە بېرىپ قويغان. يەنى، 5 – فېۋرال پامىر ۋەقەسى ھەققىدە دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىش مەقسىدىگە يېتەلمىگەن.
"يەر شارى ۋاقىت گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى چېڭگاڭنىڭ ماقالىسىدا: ئەنگىلىيە گېزىتلىرىنىڭ "جۇڭگو ھۆكۈمىتى تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇشتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەشكە تېرىشماقتا، ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇلۇشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا" دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنغاندىن باشقا، پروفېسسور گلادنېي ئەپەندىنىڭ "قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلار بەلكىم كان ئىشچىلىرى بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم قورال – ياراق ئەتكەسچىلىرى بولۇشى مۇمكىن" دېگەن سۆزلىرى مىسالغا ئېلىنىپ، بۇنى رەت قىلىشقا ئۇرۇنۇلغان بولسىمۇ، ئاپتورنىڭ - توغرىسى ئاپتورنىڭ تىلى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى بۇ يەردە ھاسىل بولمىغان.
ئاپتور چەڭگاڭ پەقەت، بۇ رايوندا كان ئېچىپ، كۆمۈر توشۇش ئۈچۈن يول بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئەمما بۇ تاغلىق رايوندا يول يوقلىقىنى، قورال – ياراق ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللۇنىش ئۈچۈنمۇ ئەقەللىيسى تېلېفۇن ئالاقىسىگە ئىمكان بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئەمما بۇ يەردە تېلېفۇن ئىشلىمەيدىغانلىقىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىشىلەر نەزىرىدە گۇمانغا تاقىشىپ قالغان 5 – يانۋار پامىر ۋەقەسىنىڭ راست – يالغانلىقى ھازىرچە ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى تەۋەسىدىن 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بۆھتان بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى يالغان ئەمەس ئىكەن. (ئەكرەم)