خىتاي قىزىل كرىست جەمىيىتىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارى كانادادىن پانالىق تىلىدى

0:00 / 0:00

خىتاي قىزىل كرىست جەمئىيىتىنىڭ كانادانى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكى بىر ئۇيغۇر ئەمەلدار ، خىتاي زىيارەت ئۆمىكىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كانادا ھۆكۈمىتىدىن سىياسى پانالىق تىلىدى . بۇ كاناداغا زىيارەتكە بارغان خىتاي ئۆمىكى تەركىۋىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە 2 - قېتىم ئۆمەكتىن ئايرىلىپ چىقىپ كانادا ھۆكۈمىتىدىن پانالىق تىلىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ . كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختىنىڭ رادىئومىز مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە ، خىتاي قىزىل كرىست جەمئىيىتىنىڭ كانادانى زىيارەت قىلىش ئۈمىكىدىن ئايرىلىپ چىققان ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئىسمى ئەكبەر بولۇپ ، ئۇ يەكشەنبە كۈنى ئۆمەكتىن ئايرىلغان . ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا ئۇ دۈشەنبە كۈنى كانادا كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن رەسمى سىياسى پانالىق تىلىگەن . مەمەت توختى ، خىتاي زىيارەت ئۆمىكىدىكى ئەكبەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرىست جەمئىيىتىگە ۋەكىل بولۇپ ، كانادا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى دوختۇرخانا ۋە بالىلار خىزمىتىگە ياردەم سوراپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى .

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە ، ئەكبەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرىست جەمئىيىتىنىڭ باشقارما دەرىجىلىك كادىرى ئىكەن . خىتاي قىزىل كرىست جەمىيىتىنىڭ زىيارەت ئۆمىكى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا كاناداغا كەلگەن ، بۇ خىتاي قىزىل كرىست جەمىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىم كانادانى زىيارەت قىلىشى ئىدى . زىيارەت ئۈمىكى ئالدى بىلەن ۋانكوۋېرنى زىيارەت قىلغان ، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى تورۇنتۇغا كەلگەن . ئەكبەر ، خىتاي قىزىل كرىست جەمئىيىتىنىڭ زىيارەت ئۆمىكىدىكى بىردىن - بىر ئۇيغۇر بولۇپ ، تورۇنتۇغا كېلىپلا شۇ جايدىكى كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتى بىلەن ئالاقىلاشقان . كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، ئەكبەر ئۆمەكتىن ئايرىلىشنىڭ ئالدىدا ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرىست جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى دوختۇرخانا ۋە بالىلار خىزمىتىگە ياردەم سوراش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ھۆججەتلىرىنى كانادادىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن .

بۇ يىل 1 - ئايدا كاناداغا ئۆيۇن كۆرسىتىشكە چىققان خىتاي سېرىك ئۆمىكى تەركىۋىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سېرىك ئۆمىكىنىڭ 7 نەپەر ئارتىستى ، خىتاي سېرىك ئۆمىكىدىن ئايرىلىپ كانادا ھۆكۈمىتىدىن كوللىكتىپ سىياسى پانالىق تىلىگەن ئىدى . بۇ ۋەقە خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق ساراسىمغا سالغان . ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ، سېرىكچىلەرنىڭ كانادادىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ئالداپ كېتىشى ئارقىسىدا قېلىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى . كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى بۇ قېتىم خىتاي ئۆمىكىدىن ئايرىلىپ چىققان ئەكبەرنىڭ پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مىللى سىياسىتى ئۇزۇندىن بېرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىتىگە ئۇچراۋاتاتتى . خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ناھانە قىلىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى ئاياق ئاستى قىلماقتا دەپ ئەيىپلىگەن .

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى، ئەكبەرنىڭ كانادادا قېلىپ قېلىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقى سەۋەپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. مەمەت توختى ، "كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئەكبەرنىڭ قېلىپ قالغانلىقىنى قارشى ئالىدۇ" دەپ كۆرسەتتى .

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى يەكشەنبە كۈنى تورۇنتۇدىكى بىر ئافغان رېستۇرانىغا يىغىلىپ ، ئەكبەرنىڭ قېلىپ قالغانلىقىنى قارشى ئالغان . كانادا ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ رەئىسى ، چۈشىنىشلىك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەكبەرنىڭ ھازىرچە مەتبۇئات ساھەسىگە بايانات بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى . بىراق ئۇ " ئەكبەر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۈرۈمچىكى ئائىلە - تاۋاباتىغا ئىنسانپەرۋەرلەرچە مۇامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى . ئەكبەرنىڭ ئۆمەك ئەزالىقىدىكى خىتاي قىزىل كرىست جەمئىيىتىنىڭ كانادانى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى يەكشەنبە كۈنى تورۇنتۇدىن ئايرىلىپ ، كانادا پايتەختى ئوتتاۋاغا يۈرۈپ كەتكەن . ئۇلارنىڭ سەيشەنبە كۈنى دۆلىتىگە قايتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە . (ئەركىن)