كانادادا لەي چاڭشىڭنىڭ ئەرزى رەت قىلىندى
2005.04.18
خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ خىيانەتچىلىك ۋە ئەتكەسچىلىك دىلوسىنىڭ باش گۇماندارى لەي چاڭشىڭنىڭ كانادادا قېلىش ئارزۇسى سۇغا چىلاشتى.
خىتايدا 80 مىليارد يۈەن ئەتكەسچىلىك قىلغان دەپ قارالغان شيامېن يۈەنخۇا شىركىتىنىڭ باشلىقى لەي چاڭشىڭ ئائىلىسى بىلەن كاناداغا كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن ئىدى. بىراق كانادا ئالىي سوت مەھكىمىسى لەي چاڭشىڭنىڭ دېلوسى ھەققىدە سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ كانادادا قېلىپ قېلىش تەلىپىنىڭ رەت قىلىشىنىڭ قانۇنلارغا ئۇيغۇنلىقىنى جاكارلىدى. بۇ كانادا ئالىي سوتىنىڭ ئاخىرقى قارارى بولۇپ، لەي چاڭشىڭنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سوتلارغا ئەرز قىلىش يوللىرى پۈتۈنلەي تاقالدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى كانادادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەخمەت تۇرسۇندىن ئاڭلاڭ.
©
2005 Radio Free Asia