كاتولىك دۇنياسىنىڭ لېدىرى، رىم پاپاسى بېنېدىكت 16 نىڭ تۈركىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

ۋاتىكان دۆلەت باشلىقى ۋە كاتولىك دۇنياسىنىڭ لېدىرى، رىم پاپاسى بېنېدىكت 16 نىڭ تۈركىيە زىيارىتى داۋام قىلماقتا. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئاھمەت نەجدەت سەزەرنىڭ رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن رىم پاپاسى بېنېدىكت 16 16 ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودرومىدا رەجەپ تايىپ ئەردوغان كۈتۈۋالدى. ئايرودرومدا ئىككىسى 20 مىنۇتلۇق بىر ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى. ئۇچرىشىشتا پاپا ئۆزىنىڭ تۈركىيىگە كەلگەنلىكىدىن سۆيۈڭەنلىكىنى، تۈرك مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى دېدى. ئەردوغانمۇ بۇ ئۇچرىشىشنىڭ مەدەنىيەتلەر ئارىسى ئىتتىپاقلىقنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى دېدى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.